مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ھەممىمىز بىلىدىغان مەخپى سىر

جۈمە, سېنتەبىر 23, 2011 5:33

ئۆزىڭىزگە تولۇق ئىشەنىچ باغلاڭ
مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار – قەتئىي ئىشەنچىگە ئىگە ئادىىي كىشىلەر. ئۆز كەمچىلىكىڭىز تۈپەيلىدىن مەڭگۈ قايمۇقۇپ قالماڭ. ئىشەنچىڭىز بىر ئۈلۈش كۆپ بولسا، مۇۋاپىقىيىتىڭىز ئون ئۈلۈش ئاشىدۇ. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى  ئۆگىنىۋېلىڭ.
مۇۋاپىقىيەت قازىنىدىغان ئىشەنىچ بولۇش كېرەك
دەر گۇماندا يۈرسىڭىز، مەغلۇپ بولىسىز، غەلبە قازىنىشقا ئىشەنسىڭىز، جەزمەن مۇۋاپىقىيەت قازىنىسىز.
تاغنى يۆتكىيەلەيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنسىڭىز،  ئىشىڭىزدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىسىز، ئۆزىڭىزنى كارغا كەلمەس دەپ قارىسىڭىز، ئۆمۈر بويى ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسىز.
مۇۋاپىقىيەت نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىجابىي نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدۇ. مۇۋاپىقىيەت قازىنىش، يەنە مۇۋاپىقىيەت قازىنىش – ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نىشانىدۇر.
ھەممە ئادەم مۇۋەپىقىيەت قازىنىشنى ئويلايدۇ. ھەممە ئادەم ئەڭ ياخشى نەرسىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ھېچقانداق ئادەم باشقىلارنى دوراپ، نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ. شۇنداقلا ھېچقانداق ئادەم ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ.
ئۆزىنىڭ تاغنى يۆتكىيەلىشىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغانلار كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تاغنى ھەقىقىي تۈردە يۆتكىيەلەيدىغانلارمۇ كۆپ ئەمس. بەزىدە ‹‹ئەلى باباغا ئوخشاش، سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ! –دەپ توۋلاپلا، راستىنلا تاغىنى يۆتكىۋىتىش زادى مۇمكىن ئەمەس›› دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق سۆزلەرنى قىلغانلار ‹‹ئىشەنىچ›› بىلەن ‹‹ئۈمۈد››نى تەڭ ئورۇنغا قۇيغان. دەرۋەقە، سىز‹‹ئۈمۈد›› ئارقىلىق بىرەر تاغنى يۆتكىۋىتەلمەيسىز، ‹‹ئۈمۈد›› كە تايىنىپ كۆزلىگەن نىشانىڭىزغىمۇ يىتەلمەيسىز.
لېكىن ناپولېئون خېئول بىزگە: ئىشەنچىڭىز بولسىلا بىرەر تاغنى يۆتكىۋىتەلەيدىغىنىڭىزغا، ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا ئىشەنسىڭىزلا، مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇدۇ.
ئىشەنچىنىڭ قۇدرىتىگە كەلسەك، ئۇنىڭدا ھېچقانداق سىر ياكى مەخپىيەت يوق. ئىشەنچنىڭ رول ئويناش جەريانى مۇنداق: ‹‹چوقۇم قىلالايمەن›› دەپ ئىشىىنىدىغان ئىرادىدىن سەۋىر-تاقەت، شىجائەت،  ئىقىتىدار، ماھارەت، زېھنىي كۈچ قاتارلىق زۆرۈر شەرتلەر بارلىققا كېلىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ‹‹قىلالايمەن›› دېگەن پوزىتسىيىڭىزگە ئىشەنگەندىلا، تەبىئىي ھالدا ‹‹قانداق قىلىش›› ئۇسۇلىنى تاپالايسىز.
مەمىلىكەت بويىچە ھەر كۈنى نۇرغۇن ياش يېڭى خىزمەتنى باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇرى قاتلامغا چىقىشنى، شۇنداقلا بۇنىڭىدىن ھاسىل بولغان مۇۋەپپىقىيەت مېۋىلىرىدىن بەھرىمان بولۇشنى ‹‹ئۈمۈد››قىلىشىدۇ. لېكىن ئۇلار يۇقۇرى پەللىگە چىقالمايدۇ. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇرى پەللىگە چىقالمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە ، يۇقۇرى پەللىگە چىقىش يولىنى تاپالمايدۇ-دە قىلغانلىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىدىن نېرى كىتەلمەيدۇ.
لېكىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى مۇۋەپىقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار ‹‹يۇقۇرى پەللىگە چىقىمەن›› (بۇنداق مۇمكىنچىلىك يوق ئەمەس) دەيدىغان ئاكتىپ پوزىتىسىيە بىلەن ئىشلەيدۇ. بۇياشلار يۇقۇرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قلىدۇ، مۇۋەپىقيەت قازانغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە قارار چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆگنىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇقۇرى قاتلامغا كىرىش ۋە ئۇنىڭدىن چىقىشقا قانداق مۇئامىلە قىلىشغا زەن سالىدۇ، ئاخىرىدا ئۇلار قەتئىي ئىشەنچ بىلەن كۆزلىگەن نىشانغا يېتىدۇ.
ئىشەنىچ –مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاقىلانە يوقى. ناپالېئون خېئول : ‹‹مۇۋەپىقىيەت قازانغانلىقىم، مۇۋەپىقىيەت قازىنىشقا ئىرادە باغلىغانلىغانلىقىمدىن بولغان. ›› دېگەندى. بۇ نىشان بولمىغان بولسا، ناپالېئون خېئول بۇنداق قەتئىي ئىرادە ۋە ئىشەنچىكە ئىگە بولمىغان، مۇۋەپىقىيەتنىمۇ قازىنالمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.
ئىشەنىچ قۇرۇق قول بىلەن ئىش باشلىغان كىشىلەرنى كاتتا بايغا ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، بىرەر ئاتىسىنىمۇ ئۆزگىرىشچان سىياسىي سەھننىدە زور مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ 40-نۆۋەتلىك زوڭتۇڭى روناد رېگان بۇ ماھارەتنى  ئىگىلىگەن ئادەم ھىسابلىنىدۇ.
رېگان ئارتىس ئىدى بىراق ئۇ زۇڭتۇڭ بولۇشقا ئىرادە تىكلىگەن. رېگان 22يېشىدىن 54ياشقىچە رادىئو ئىستانسىنىڭ تەنھەركەت دىكتورلىقىدىن ھوللىۋەرد كىنو چولپىنى بولغىچە، ياش چېغىدىن ئوتتۇرا ياشقىچە بولغان ئارلىقتا ئەدەبىيات – سەنئەت ھەمبىرى ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزگەن، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر ئىدى. تەجىربە ئۈستىدە ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەسىدى. بۇ رىئالىق رېگاننىڭ سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويىشىغا زور توسالغۇ بولۇپ قالغاندى.لېكىن پۇرسەت كەلگەندە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىدىكىلەر، كونسىرۋاتىپلار ۋە بەزى مېلىيونېرلار ئۇنىڭ كالفورنىيە شىتاتىنىڭ باشلىقلىق سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىشىقا يول قويغاندا، ئۇ ئۆمۈرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقتىدا تايانغان كىنوچىلىق كەسپىدىن قەتئى ۋاز كىچىش، ھايتالىقنىڭ يېڭى ساھاسىگە مېڭىش قارارىغا كەلگەن.
دەرۋەقە ئىشەنىچ كىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان مەنىۋىي كۈچتىن ئىبارەت خالاس، ئەگەر كىشى ئۆزىدە بولغان شەرىت – شارائىتتىن ئايرىلسا، تايانچىدىن مەھرۇم قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئۈمۈدنىڭ رېئاللىقا ئايلانمىقى تەس. بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولغان كىشى ساداقەت بىلەن ئىشلىشى، ئۆزى يىراققا سەپەر قىلىدىغان يولنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. خۇددى رېگاننىڭ ئۆز تۇرمۇش يولىنى ئۆزگەرتكىنىدەك تاسادىپىي پەيدا بولغان غەلىتە خىيال بىلەن ئەمەس بەلكى بىلىمى، ئىقىتىدارى، شەزگۈزەشتىسى، جاسارىتى ئاساسىدا ئىش قىلىش لازىم.  رېگاننىڭ سىياسىي ساھەگە كىرىشىگە ئىشەنىچ بەخىش ئەتكەن ئىككى ئىش بار.
بىرى ئۇنىڭ ھەممىباب ئېلىكتېرون شىركتىىنىڭ تېلېۋىزور پىروگىراممىلىرىغا مەسئول رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قېلىنىشى. رېگان بۇ چوڭ پىروگىراممىسىنى ياخشى باشقۇرۇش، تېلىۋىزىيە تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ساقلانغا ئىشلەپچىقىرىش كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كىتىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھەر قايسى شۆبە زاۋۇتلارغا بېرىپ، ئىشچىلار ۋە باشقۇرغۇچى خادىملار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچراشقان. بۇ ئۇنىڭغا جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەرگەن. كىشىلەر زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىدىن تارتىپ ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ مۇناسىۋىت، باج سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەرگىچە نىمىلا گىپى بولسا ئۇنىڭىغا دىگەن.
رېگان بۇ سۆز تىمىلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن، پىروگىرامما رىياسەتچىسى سالاھىتى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇلار شۇھامان كۈچلۈك سادا قوزغىغان، شۇڭلاشقا مەزكۇر شىركەتنىڭ بىر باش مۇدىرى رېگانغا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ:‹‹بۇ جەھەتتىكى تەجىرىبە، تەسىراتلىرىڭىزنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ ئۆزىڭىزگە بر نەچچە پەلسەپىۋى قائىدە تىكلەپ، ئاندىن ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزدە ئىجرا قىلىڭ، بۇ كەلگۈسىدە زور ئۈنۈم بەرمەي قالمايدۇ›› دېگەن. بۇ سۆز رېگاننىڭ كىنو ساھەسىنى تاشلاپ، سىياسىي ساھەگە كىرىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ئۇرۇق چاچقان.
يەنە بىر ئىش رېگان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە كىرگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن. ئۇ كونسىرۋاتىپچىلەر كاتتىۋىشىنىڭ پارلامېنت ئەزالىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشغا ياردەم بېرىش، مەبلەغ تولاش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئارتىسلىق سالاھىيىتى بىلەن ‹‹تاللاشقا بولىدىغان دەۋر›› دېگەن تېمىدا تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلىگەن. ئۇنىڭ ئارتىسلىق ماھارىتى ئۇنى زور مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نۇتىقىدىن كېيىن دەرھال بىرمىلىيون دوللار مەغلەغ توپلانغان. ئۇنىڭىدىن كېيىن يەنە بىر مۇنچە ئىئانە پۇللارنى تاپشۇرۇپ ئالغان. توپلىغان مەبلەغنىڭ ئومۇمى سوممىسى 6مىلىيون دوللارغا يەتكەن. ‹‹نىيو-يورك ۋاقتى››گېزىتى بۇ نۇتۇقنى ئامېرىكىنىڭ سايلام رىقابىتى تارىخدا مەبلەغ ئەڭ كۆپ توپلانغان نۇتۇق دەپ ئاتىغان. شۇنداق قىلىپ رېگان بىر كىچىدىلا كونسىرۋاتىپچىلار پارتىيىسىنىڭ باش ۋاكالەتچىسىگە ئايلىنىپ، سىياسىي سەھنىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان پەردە ئارقىدىكى كىشىلەرنىڭ دىقىتىنى قوزغىغان.
مانا مۇشۇ چاغدا رېگاننىڭ ھوللىۋودتىكى يېقىن ئاغىنىسى ئاتاقلىق كىنو چولپىنى – كىنىندى ۋە جۇنسۇن زۇڭتۇڭلارنىڭ ئاخىپارات كاتىپى بولغان كونا سىياسەتچى گېئورگ مورفى كالفورنىيە شىتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق سايلام رىقابىتىگە چۈشتى، دېگەن كىشىنى روھلاندۇرىدىغان خەۋەر تارقالغان . گېئورگ مورفى سىياسى كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىز بولغان ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ 38يىللىق سەھنە –ئېكران تەجىربىسىگە تايىنىپ كونا تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، كۈتۈلمىگەن يەردىن زور غەلبە قازانغان……
ئەسلىدە ئارتىسنىڭ كەچۈرمىشى سىياسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا توسالغۇغا ئۇچرىمايلا قالماستىن، مۇۋاپىق پايدىلانسا، ئۇ سايلام بېلىتى ۋە ئاۋام خەلقنى قولغا كەلتۈرۈشتە رول ئوينايتتى. رېگان بۇ مەخپىيەتنى بايقاپ، ئالدى بىلەن ئوبراز تىكلەشكە كۈچ چىقارغا. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكى، يەنە ئۆزىنىڭ ھوللىۋوددىكى بەش ئەزايى راۋۇرۇس، قاملاشقان ‹‹تىپىك چىرايلىق ئەر›› لىك سالاپىتى ۋە سېھرىي كۈچىدىن تولۇق پايدىلانغان، يەنە بىر تۈركۈم مەشھۇر كىنو چولپانلىرى، ناخشا چولپانلىرى، رەسساملار قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلارنى ئۆزىگە تارتىپ ياردەملەشتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيىسىنىڭ سايلام رىقابىتىنى ئۆزگىچە رەڭدار تۈسكە كىرگۈزۈپ نۇرغۇن تاماششبىنلارنى جەلىپ قىلغان.
ھالبۇكى، بۇلار رېگاننىڭ رەقىبى، كالفورنىيە شىتاتىدا كۆپ يىل شىتات باشلىقى بولغان كونا سىياسەتچى بۇ زاتنىڭ نەزىرىدە ‹‹2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئارتىس›› نىڭ كومىدىيە ئويۇنى دەو قارالغان. ئۇ رېگاننى تاشقى ئوبرازنىڭ قانداق سەلتەنەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسىي ئوبرازى جەھەتتە، يەنىلا ‹‹ئوماق بوۋاق›› دەپ قاراپ،  شۇنداقلا مۇشۇ نوقتىنى تۇتۇپ، رېگانغا ھېچقانداق سىياسىي خىزمەت تەجىربىسى يوق دەپ ھۇجۇم قىلىغان. لېكىن ئۇ رېگاننىڭ ئېقىمغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ‹‹ئاددىي-ساددا، سەمىمىي، قىزغىن، پۇقرا سىياسەتچىسى››لىك رولىنى ئېلىۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. دېمىسىمۇ رېگاننىڭ سىياسىي كەچۈرممىشى يوق ئىدى. لېكىن سىياسىي كەچۈرمىشى بار بۇ زاتنىڭ نۇرغۇن سەۋەنلىكى بولغاچقا، بۇ كىشىلەرگە ‹‹تۇتىدىغان ساپاق››ھازىرلاپ بەرگەن، رېگان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
بۇ ئىككىيلەننىڭ كەچۈرمىشى مانا مۇشۇنداق روشەن بولغاچقا، رېگان توسالغۇدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ توسالغۇدىن ئۆتۈشىگە دەل شۇ توسالغۇنىڭ ئۆزى ياردەم بەرگەن. ئۇنىڭ سىياسىي كاپالىتىنىڭ بولماسلىقى، ئۇنىڭىغا ئەڭ زور سىياسىي كاپتال بولۇپ بەرگەن.
شۇڭا ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى شەرگۈزەشتە ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بەزىلەر ئۆز كەچۈرمىشىنى نىشانغا يىتىشنىڭ ئەنگۈشتىرى دەپ قارايدۇ. شۈبىھسىزكى رېگان كىيىنكى خىلدىكى ئادەم ئىدى.
رېگان شىتات باشلىقىلىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن ئاق سارايغا كىرىشكە تۇتۇش قىلغاندا، ئۆزىنىڭ رىقابەت رەىقبى كاتې بىلەن تېلۋېزوردا نەچچە ئون مىنۇت مۇنازىرلەشكەن، رېگان ئېكران ئالدىدا قالتىس ماھارىتىنى كۆرسەتكەن. ئۇ گاھ كۈلۈمسىرىسە، گاھ چىرايلىق گەپلەرنى مارجاندەك تىزىپ سۆزلەپ، يۈز مىلىيونلىغان سايلىغۇچى ئالدىدا ئۆزنىڭ ئارتىسلىق ماھارىتىگە تايىنىپ، پۈتۈنلەي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئالدىدا كاتې گەرچە سىياسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغىنى ئۇزاق ۋاقىت بولسىمۇ، بىراق ئىپادىلەش ماھارىتى كەمچىل بولغاچقا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.
مۇۋەپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوڭۇشسىزلىق سەرگۈزەشتىسى بار، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەتئىي ئىشەنچىگە تايىنىپ، ئاجىر ھالقىلار ۋە ‹‹يوشۇرۇن ئىشىك›› لەرنى تېپىپ، تەجىربە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۈنۈملۈك ھالدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ.
بەزىلەر رېگاننى ئامەتلىك دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامەتمۇ ئۇنىڭ قەتئىي ئىشەنچىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان مەزگىلدە، ئۆزنىڭ ھوقۇق خۇمارلىىق خىسلىتىنى نامايەن قىلغان، ئۇ گېرىناداغا ئەسكەر چىقىرىش، شۇنداقلا لىۋىيەگە ھوجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. لېكىن بۇ غەرىبنىڭ چولپان خىسلىتىگە ئىگە بۇ تۆرىسى ھېچقانداق ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ھوقۇق خۇمارى ئەمەسمىدى. ئۇ ‹‹ئورتاق مەۋجۇد بولۇش،ئورتاق گۈللىنىش ››مۇھىملىقىنى بىلەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئىشەنچى كامىل ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئىستىراتىگىيىلىك مۇداپىئە پىلاننى ئوتتۇرغا قويغان. ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى گورباچېۋ رىكاياۋىك چوققىسى يىغىنىدا قۇرال – ياراقلارنى قىسقارتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،  رېگاننى ئىستىراتىگىيىلىك مۇداپىئە پىلانىدىن ۋاز كەچكۈزمەكچى بولغاندى. ئەگەر رېگان بۇنىڭىغا قارشى تۇرسا، تېنىچلىق سەمىمىيىتى يوق بولۇپ چىقاتتى. رېگان سۆھبەت ئۈستىدە ئەزەلدىن ناھايىتى سالاپەتلىك بولاتتى، لىكىن بۇ قېتىم ئۇ غەزىپىنى بېسىپ سۆھبەتتىن چىقىپ كەتكەن. بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ تۈگىلىۋالماي سوۋېتلىكلەر بىلەن داۋا ملىق ھەپىلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان ئىقىتىسادىي ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى يول قويۇشقا مەجبۇرلىغان. ئاخىردا گورباچېۋ تىز پۈكۈپ، يادىرو قۇراللىرى ۋە ھەربىي تەييارلىقلارنى ئازايتىش توغرىسىدىكى تۇنجى ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان.
بىز رېگاننىڭ سەرگۈشتىسىدىن ئىشەنچ كۈچىنىڭ مۇۋەپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ قەدەملىرىدە ھە ل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئىشلادا مۇۋەپىقىيەت قازىنىمەن دىگۈچىلەرنىڭ قەتئىي ئىرادە، يىمىرىلمەس ئىشەنىچ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
ئىشەنىچ – مۇۋەپىقىيەت قازىنىشقا ئىرادە باغلىغانلار ئۈچۈن  مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بەزىلەر مۇۋەپىقىيەت ئارزۇسى بايلىق يارتىش ۋە بايلىققا ئىگە بولۇشنىڭ مەنبەسى دەيدۇ.  ئادەمدە مۇشۇنداق ئارزۇ بولغاندا،  شۇنداقلا ئۆزىگە بىشارەت بېرىش ۋە تۈرۈتكە بولۇشتىن ھاسىل بولغان بىر خىل ئىشەنچ بولغاندىلا، بۇنداق ئىشەنچ ‹‹ئاكتىپ ھېسىيات››قا ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ زور بايلىققا ئېرىشىش ۋە ئىشلاردا مۇۋەپىقىيەت قازىنىشقا ياردەم برىدۇ. شۇڭا بەزىلەر ‹‹ئىشەنچ››نى  ‹‹ئادەمنىڭ پىسخك قۇرلۇشىنىڭ ئىنژېنىرى››غا ئوخشىتىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا، ئىشەنچ بىلەن تەپەككۇر بىرلەشسە، كىشىدە غايىۋانە ئاڭ پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ چەكسىز ئەقىل-ئىدراك كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئارزۇسىنى مامددىي بايلىق، پۇل كەسىپ قاتارلىق جەھەتتە شەكىللىك قىممەتكە ئايلاندۇرىدۇ.
ھەر بىر مۇۋەپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ۋە غايە ت زور بايلىقنىڭ كەينىدە غايەت زور بىر خىل كۈچ، يەنى ئىشەنچ بولىدۇ. ئۇ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلىشىگە مەدەت ۋە تۈرۈتكە بولىدۇ. شۇڭا ناپولېئون خېئول مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
ئىشەنچ – جان ۋە كۈچ
ئىشەنچ- مۆجىزە
ئىشەنچ- ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنىڭ ئاساسىي.
جاپا بىلەن ھېسابلاشماي، مەڭگۈ ئالغا ئىنتىلگەندە ھاياتىڭىز ئاجايىپ جۇلالىنىدۇ.

 
ناپولىئون خېئولنىڭ؛ مۇۋوپىقىيەت دەستۇرى دىگەن كىتابتىن ئېلىندى

ئىنكاس يىزىڭ