ئالىي مەكتەپتىكى ھايات ئارانلار 1000 كۈن

جۈمە, سېنتەبىر 23, 2011 5:27

كىشىلىك ھايات ــــ سائەت، كۈن، ئاي يىللارنىڭ يىغىنددىسىدۇر. ۋاقىت ــــ جان دېمەكتۇر. ۋاقىت يەنە قوياشتەك سېخىي، ئەزرائىلدەك رەھىمسىز، چېقمىندەك تېز، ئالتۇندەك قىممەتلىك بولىدۇ. تولىمۇ قىممەتلىك قىسقا ھاياتىنى، يەنە ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئالدىغا قويۇلغان. جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.
ۋاقىت ئىجتىمائىي ئورۇن، ئىرق، دىن،مىللەت، جىنىس ئايرىماي ھەممە ئادەمگە باراۋەر تەقسىملەنگەن، ئەمما ئىنساننىڭ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ياراتقان كىشىلىك قەدىر-قىممىتى پەرىقلىق بولىدۇ. ئەقىللىق كىشىلەر ۋاقىتتىن ۋاقىت تۇغدۇرۇپ، ھاياتلىق خامىنىنى ئالتۇن چەشلەرگە تۇلدۇرسا، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان بەل مۈكچەيگەندە ھايات ئىزنالىرىنىڭ تولىمۇ مەنىسىز، قەدىرسىز، پاخالدەك ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ھەسرەت –نادامەت چېكىدۇ. ۋاقىتقا قىلىنغان مۇئامىلە ئوخشىمىسا، ئېرىشلىگەن نەتىجە ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ھەربىرىمىزگە تەڭ تەقسىملەنگەن ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنى قانداق ئىشلارغا سەرىپ قىلىش، قىسقىسى، قانداق ياشاش كىشىلىك ھاياتىمىزدا تولىمۇ جىددىي مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. … ئۇنداقتا قىممەتلىك، چەكلىك ۋاقىتتىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك؟
ئەقىل- پاراسەت ئەجداتلىرىمىز ۋاقىتنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا «ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت»، « ۋاقىت ــ جان دىمەكتۇر»، « ۋاقىت ــــ ئاتقان»، « ۋاقتىڭ كەتتى ـــــ بەختىڭ كەتتى» گە ئوخشاش نۇرغۇن قىممەتلىك ئۈگۈتلەرنى قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ، ياشلىرىمىزنىڭ ئۇنى تونۇشى، ھەزىم قىلىشى ۋە ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشى، دېگەندەك توغرا بولمايۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئالىي مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم سېتودېنتلار ئارىسىدا ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 1-، 2- يىللىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرىسلىكلەر ئاز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشىگە، ئىزدىنىشىگە قالدۇرۇلغان ۋاقىت بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشىدىكى مۇھىم ئوچاق ھىسابلانغان كۇتۇپخانا، دەرسخانا، كىتابخانا، تەجىربىخانا قاتارلىق ئىلىمخانىلارنىڭ ئورنىنى ئاتالمىش «مېھرى ئىسسىق»تورخانا، « رومانتىك تانسىخانا، ئاچچىق مەيخانا» قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش خانىلىرىغا ئالماشتۇرۇپ، قىممەتلىك ھاياتىغا بىھۇدە ئېكەك سېلىپ، ئۆز ئىستىقبالىغا پالتا چاپماقتا.
ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن، ئېنتېرنىت تورى بارلىققا كېلىپ تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشمىزگە نۇرغۇن قولايلىقلار تۇغۇلدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇ يېڭى شەيئىنى شۇنچىلىك تېز قۇبۇل قىلدىكى، كۈندە بىر قېتىم تورخانىغا كىرمىسە زادىلا كۈنى ئۆتمەيدىغان ھالغا يەتتى. ئۇنداقلار جەمە، شەنبە كۈنلىرى تورخانىدا كېچىچە تۈنەپ، زېھنىنى، ئىقتىسادىنى،جىسمانىي قۇۋۋىتىنى، ئەڭ مۇھىمى قىممەتلىك ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىدۇ. تېخى ئاتا- ئانىسىدىن تېلىفۇن قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ياتاقنىڭ تېلىفۇن سېمىنى ئۈزىۋىتىشلىرى بار. جاپاكەش ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرىنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇللارنى بۇزۇپ- چېچىۋاتقان ئاشۇنداق تەييارتاپلار قاچانمۇ ئۆزىنى بىلەر؟!  بۇ خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى ئاتا-ئانىسى بىلسە قانداق ھېسىياتتا بولار؟
ئالىي مەكتەپ ھاياتى ــــ كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇھىم بۇرلۇشىنى ياسايدىغان، كېيىنكى ئۆمۈرىگە ئۇل سالىدىغان ئىنتايىن مۇھىم مەزگىلدۇر. ئالىي مەكتەپ دېگىنىمىز زامانىمىزدىكى روھىيەت ئالىمى بەلگىلىك يۈكسەكلىككە ئىگە ئالىي مەلۇماتلىقلارنى يىتۈشتۈرىدىغان، قەلبىگە يۈكسەك ئارزۇلارنى پۈككەن غالىبلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا ئۇل سالىدىغان ئىلىم ماكانى. ھەرگىزمۇ غايىسىز، بوشاڭ، راھەتپەرەس، سۆلەتۋاز، دىتى يوق ياشلارنىڭ بارارگاھى ئەمەس. ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمىز شۇنچە كۆپمۇ؟ مۇنداق بىر ئاددىي مىسال كەلتۈرەيلى، تېببىي ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقۇيدىغان بىر سېتودېنىت مەكتەپتە ئالتە يىل ئوقۇيدۇ، دەپ ئويلىساق، ئۇ ۋاقىت جەمئىي 2190كۈن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئچىدىن بىر يىلدىكى تەتىل، ھېيىت –بايرام كۈنلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە تەخمىنەن 1500كۈن قالىدۇ. بۇنىڭدىن يەنە ئوخلاش، ئارام ئېلىش ۋاقىنى چىقىرىۋەتكەندە تەخمىنەن 1000كۈن قالىدۇ. دېمەك، ئالتە يىل ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك ۋاقىت ئارانلا 1000كۈن دېگەن  گەپ. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ قىسقىغىنە 1000كۈننىڭ قانداق ئۆتۈشى كېيىنكى ئۆمۈرىمىزنىڭ قانداق شەكىلدە ئۆتۈشىگە بىۋاستە باغلىنىشلىق بولىدۇ.
«غەرب ئەللىرىدىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ۋاقتى ئاز، تەرەققىياتى تېز، بىزنىڭ ۋاقتىمىز كۆپ، تەرەققىياتىمىز ئاستا» دەيدۇ. دوكتور ئەسئەت سۇلايمان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ يەردە دېيىلگەن «كۆپ ۋاقىت» قىممەت يارتالمايدىغان بىكار ۋاقىتتىن ئىبارەت بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن تەتۈر تاناسىپتۇر. گەرچە بىز ھازىرغىچە غەر ئەللىرى كىشىلىرىگە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل سېلىشتۇرالمىساقمۇ، لېكىن ئىددىيىدە يېڭىچە ئويغىنىش ھاسىل قىلسا، ئاشۇنداق روھنى ئەمەلىيىتىمىزدە ھەقىقىي كۆرسىتەلىسەك، تەرەققىي قىلالايىمىز. ۋاقتىمىزمۇ بىزگە ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئەجىر ـ مېھنەت نېمىتىنى ئاتا قىلىدۇ.
تەۋسىيە شۇكى، رىقابەت كۈندىن –كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان، بىلىم تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىۋاتقان، ھەربىر ئەقىل ئىگىسىگە كۆپ تەرەپلىمە تەلەپلەر قويىلىۋاتقان جەمىئىيەتتە، «ئادىمىيىلىك قەدىر-قىممەتكە ئېرىشىپ ياشايمىز» دەيدىكەنمىز، قىممەتلىك ۋاقتىمىزنىڭ قەدىرىگە يىتەيلى. سېتودېنتلار، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلەيلى، ئىزدىنەيلى، بار كۈچىمىز بىلەن ئىلىم –تېخنىكا ئىگىلەيلى شۇنىڭىغا مۇتلەق ئىشىنىشكە بولىدۇكى، بىلىملىك كىشى ھەر زامان، ھەرجايدا ھامان قەدرلىنىدۇ. قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئىلىم دېڭىزىدىن جاۋاھىراتلارنى سۈزۈشكە، كەسپىنى پۇختا ئىگىلەشكە، يېڭى ئۇچۇر-تېخنىكىلارنى ئىگىلەشكە سەرپ قىلايلى. شۇندىلا، ھاياتنىڭ تاتلىق مېغىزلارنى چاقالايمىز، ھايات يوللىرىمىز تېخىمۇ ئازادلىشىدۇ.

 
(ئاپتۇرى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىتى پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن)
جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى!

ئىنكاس يىزىڭ