سىرداش (ئەزالىق ئىسمى: sirdixi)
باش بېتىم
ئەسەرلىرىم
ئالبۇملىرىم
دوستلىرىم
قوللىغۇچىلىرىم
قالدۇرۇلغان سۆزلەر
ياقتۇردۇم!
دائىم كىرىمەن!
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 165 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 709 ، جەمئىي يوللانمىسى: 5 ، جۇغلانمىسى: 336
- دەرىجىسى: پراكتىكانت
- بىكەت ئادىرسىم:/u/sirdixi
ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا،
كۈي ياڭرىتىپ يۈرەتتۇق غەمسىز.
تايغانلارنى سېلىپ بەيگىگە،
دو تىكىشىپ ئوينايتتۇق ھەرچاغ،
شاد-خوراملىق ئىلكىدە چەكسىز.
ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا،
پادىلارنى باقاتتۇق خۇشال.
يايلاقلاردا تۈزۇشۈپ سورۇن،
چۆچەكلەرگە بولغاندا ئەسىر،
قوزىچاقلار سۈرەتتى خىيال.
ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا،
تەر تۆكۈشكەن پايانسىز ئېتىز.
چارچىغاننى سەزمەيتتۇق ئەسلا،
يالقۇنجىغان تونۇردەك ئاپتاپ،
كۆيدۈرسىمۇ يۈزلەرنى پىژ-پىژ.www.iz.la
ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا،
كەچ كۈزدىكى گۈزەل تۇلۇنئاي.
يۇلتۇزلارنى كەتسەك سانىشىپ،
ئۇ كۆزىنى قېسىشسا چىم-چىم،
ئاۋارىدۇق سانىنى ئالالماي.
ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا،
ئېقىن سۆيگەن دوڭغاق سۆگەتلەر.
ياكى ئۇنتۇپ كەتتىڭمۇ دوستۇم،
كۆزلىرىڭىدىن كەتسە يىراقلاپ،
بالىلىقىنىڭ تاتلىق كەچمىشى.
لەۋلىرىڭگە سۆيسە ئاۋايلاپ،
(زەپ بەختلىك ئىدى ئۇ چاغلار!)
(ئۆز ئىجادىيەتلىرىمدىن)
ھەممە (12) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
سوۋغىڭىزغا رەخمەت
» تىخىمۇ كۆپ