سىرداش



سىرداش (ئەزالىق ئىسمى: sirdixi)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر ياقتۇردۇم! دائىم كىرىمەن!

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 165 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 709 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 5 ،  جۇغلانمىسى: 336
  • دەرىجىسى: پراكتىكانت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/sirdixi

ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)
     

    ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا،

    كۈي ياڭرىتىپ يۈرەتتۇق غەمسىز.

    تايغانلارنى سېلىپ بەيگىگە،

    دو تىكىشىپ ئوينايتتۇق ھەرچاغ،

    شاد-خوراملىق ئىلكىدە چەكسىز.

     

    ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا،

    پادىلارنى باقاتتۇق خۇشال.

    يايلاقلاردا تۈزۇشۈپ سورۇن،

    چۆچەكلەرگە بولغاندا ئەسىر،

    قوزىچاقلار سۈرەتتى خىيال.

     

    ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا،

    تەر تۆكۈشكەن پايانسىز ئېتىز.

    چارچىغاننى سەزمەيتتۇق ئەسلا،

    يالقۇنجىغان تونۇردەك ئاپتاپ،

    كۆيدۈرسىمۇ يۈزلەرنى پىژ-پىژ.
    www.iz.la


     

    ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا،

    كەچ كۈزدىكى گۈزەل تۇلۇنئاي.

    يۇلتۇزلارنى كەتسەك سانىشىپ،

    ئۇ كۆزىنى قېسىشسا چىم-چىم،

    ئاۋارىدۇق سانىنى ئالالماي.

     

    ئېسىڭدىمۇ بىز ئۆسكەن سەھرا،

    ئېقىن سۆيگەن دوڭغاق سۆگەتلەر.

    ياكى ئۇنتۇپ كەتتىڭمۇ دوستۇم،

    كۆزلىرىڭىدىن كەتسە يىراقلاپ،

    بالىلىقىنىڭ تاتلىق كەچمىشى.

    لەۋلىرىڭگە سۆيسە ئاۋايلاپ،

    (زەپ بەختلىك ئىدى ئۇ چاغلار!)

    (ئۆز ئىجادىيەتلىرىمدىن)

ھەممە (12) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • mayira
    2010-يىلى06-ئاينىڭ04-كۈنى mayira
    سىزنىڭ مەھەلىڭىزمۇ مېنىڭكىدىن قىلىشمايدىكەنغۇ؟
  • mayira
    2010-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنى mayira
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم يەنە سىزنى يوقلاپ كەلدىم، خۇشۋاق بولۇڭ ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن

    سوۋغىڭىزغا رەخمەت
  • mayira
    2010-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنى mayira
  • mayira
    2010-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنى mayira
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • mayira
    2010-يىلى04-ئاينىڭ18-كۈنى mayira
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • umakparixta
    2010-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنى umakparixta
    ياخشىمۇسىز كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا كەپ تۇراسىز ~!
  • xerinay920
    2010-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنى xerinay920
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • gulpari
    2010-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنى gulpari
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • xerinay920
    2010-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى xerinay920
    يەخشىمۇسىز، قانداق ئەھۋالىڭىز؟سىزنى يوقلاپ كەلدىم..........................
  • maggu520
    2010-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى maggu520
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~

» تىخىمۇ كۆپ