ئايگۇل


ئايگۇل (ئەزالىق ئىسمى: aygul123)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 3576 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 131627 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 452 ،  جۇغلانمىسى: 5082
  • دەرىجىسى: باش دىرېكتور يا
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/aygul123

قوشنامىنىڭ ئىتى

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    ئاپتورى:ئەختەم ئۆمەر ، تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    قوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىت باقىدىغان بۇلۇپ كەتتى. سەللا جېنى بار ، ئېپى بار ، پۇلى بار ، يولى بار ، ئەمىلى، ئورنى بارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىت بېقىشنى مودىغا ئايلاندۇرۋېلىشتى . 90- يىللاردا يانفۇن مودا بولغان ، ھازىر بولسا تىلەمچىلەرنىڭ قولىدىكى تىلەپ تاپقان پارچە پۇللادەك دۆۋىلىنىپ مودا ئىتىبارىدىن قالدى .ئۇنىڭدىن كىيىن ماشىنا ئېلىش مودا بولدى . مانا ئەمدى ماشىنىلارنىڭ دەستىدىن ئادەمگە ئارام ، ماڭىدىغان يول ،تۇرىدىغان رەستە -گۈزەرلەر قالمىدى.قايسى بىر قىززىقچى ئالدىنقى يىللاردا :<<خوتەنگە بارسا موتونىڭ ،ئۈرۈمچىگە كەلسە ماشىنىنىڭ دەستىدىن تۇرغىلى بولمىغان >> دەپ ئەتراپىدىكى ئادەملەرنى كۈلدۈرگەنىدى . ماۋۇ ماشىنىڭ بارغانسېرى ئەرزانلاشقىنى بىلەن گېلى زەھەردىن قىممەت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا دەستىدىن سېسېمچىلىق ، تۇمان كىشىنى بىئارام قىلىدۇ . بۇ ئەسلى بىزگە ئات -ئىشەكنىڭ ئورنىغا پەيدا بولغان مۇسنەك ئېشەك ،ئات ، ھارۋا ئىدى . ئات -ئىشەكمۇ ئەرزانلىغان . ئەمما بۇنداق بۇلغۇنۇش بولمىغانىدى . بۇرۇنقى چاغلاردا ، بازار -رەستە ، دوقمۇش ،مەھەلە ، دەڭ -سارايلار ئات -ئىشەكلەر بىلەن تولۇپ . ئېشەكلەر بىر ھاڭرايدىغان بولسا پۈتۈن مەھەلە -كوينى بىزار قىلاتتى . ئەمدى ماشىنىلارنىڭ ھاڭرىشى ، ئاۋازى قولاق -مېڭىنى قوچىمىغان بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىققان سېسېق گازلار قىشتا يامغۇر ، يازدا قار ياغدۇرۇپ ، ھاۋانىڭ ئوڭ پەدىسىنى تەتۈر قىلىۋەتتى ، جاھاننى ، پەسىلنى مالىمان قىلىپ ، زىرائەت ، ئاشلىق ،مېۋە ،قوغۇن- قاپاق ،ھەتتا ئادەملەرنىمۇ ئەمەسلا قىلىۋەتتى . يولدا ئېشەك يوقالغان بىلەن ماشىنىنى ئادەم ئەمەس ،ئېشەك ھەيدەۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ . پۈتۈن يەر شارىدا ئادەم ئۇلۇغ ، ھۆرمەتلىك ، ئەمما بۇ يەردە ماشىنا .

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    پۈتۈن يەر شارىدا ماشىنا ئادەمگە يول بېرىدۇ ، بۇ يەردە ئادەم ماشىنىغا .چۈنكى سۈرئىتى مېڭىشى ماشىنىغا ئوخشىغان بىلەن ھاڭرىشى ، مېڭىشى ،ئېشەككە ئوخشاشالار كۆپ ئىدى .
    شۇنىڭ بىلەن ماشىنا مودىسى سېسېمچىلىققا ئايلانغاندىن كىيىن ، ئىت بېقىش مودىسى باش كۈتۈردى . بۇرۇن ئېرەنشىمەي يۈرۈپتىكەنمەن ، مەھەللەم ئىت بازىرىغا ئايلانغاندىن كىيىن دىققەت قىلسام ، ئەسلىدە قوشنىلىرىم ئۆز ئارا بەسلىشىپ ، پۇلى
    ،ئورنى ،يولى ،ھوقوقىنى كۆز-كۆز قىلىشىدىكەن .ئاغزىدا دىگەن گەپتىن قۇرسىقىدا دىگەن گەپ يامان ئىكەن ، چۈنكى ھازىر بۇ ئادەملەر ئاغزىدا مىڭ پاتمان يالغان گەپ ،قۇرسىقىدا مىڭ خالتا راست گەپنى كۈتۈرۈپ يۈرىشىدىكەن . قوشنىلىرىم ئاغزىدا يالغان -ياغلىما گەپلەر بىلەن بىر -بىرىنى ئالداپ ، ماختاپ ،كۈندە بايرامدەك ھىجىيىشقان بىلەن ئىچىدە بىر -بىرى بىلەن قۇرساق سوقۇشى قىلىشىدىكەن . ئەسلىدە ئاغزىدىكى دوستلۇق ئاغزىدا بالدەك تېمىپ ، قۇرسىقىدىكى دۈشمەنلىك قانجىق كۈچۈكلىگەندەك ئىت بۇلۇپ تۇغۇلىدىكەن .
    ئىز تورى بەك ياخشى

    بۇ ھويلىدىكى ھەممە ئادەم ئالدىراش ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكىنى << گۈپ>> لا قىلىپ تاقايدۇ -دە ، مەھەلە -كويدا ئادەم دىدارى قالمايدۇ . ھېچكىم ھېچكىمگە كۆرۈنمەيدۇ . ئەتراپتا ئادەمنىڭ ئاۋازى يۈتكەن بۇلۇپ پەقەت ئۆي ئۆيلەردىن ئىتلارنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىنىدۇ . قاۋاۋاتقان ، غىڭشىۋاتقان ،ھۇۋلاۋاتقان ،ئەركىلەۋاتقان ،ئىسقىرتىۋاتقان ئىتلارنىڭ ساداسىلا ئاڭلىنىپ تۇرغاچقا ، بۇ يەر ئادەم ياشىماي ، ئىتلار ياشايدىغان ئىتلار مەھەلىسى ئوخشايدۇ ، دېگەن خاتا تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ كىشى .قوشنىلىرىم ئۆيلىرىنىڭ چوڭلۇقىدا ، ئۆيلىرىنى بېزەشتە بەسلىشىپ ،كاتتا ئۆي- سايمانلىرى ،بىر تامغا لىق كەلگۈدەك تېلىۋېزور ،تاھارەت قىلىپ بولغاندا سۈرتۈپ ، يۇيۇپ قويىدىغان تازلىق ئۆيى ، ئۆي تازلايدىغان چىرقىراق چاڭ -تۇزان شۈمۈرگۈچ ،مامۇق يوتقان ، سۇلۇق كارۋات دىگەنلەردىن ئاللىقاچان ھالقىپ بولغانىدى . شۇ چاغلاردا ئۇلار بىر -بىرىگە ئۆيلىرىنى ، ۋە ئۆيلىرىدىكى سايمانلىرىنى كۆز -كۆز قىلىش ئۈچۈن قاتار چاي ئويناشقان ، چايدا نەرسىلىرىنى كۆز -كۆز قىلىشىپ داستىخاندا ماختىشىپ ، ئۆيلىرىگە چىققاندا تىللاشقانىدى ،قاتار چاينى تاغلاردا ، سۇ بويلىرىدا ، ئېرەم باغلاردا ئۆتكۈزۈشۈپ ، بىر -بىرىنىڭ ماشىنسىنى ئالدىدا ماختاپ ،ئىچىدە تىللاپ ، كەمسىتىشىپ ،مەسخىرە قىلىشقانىدى . مانا ئەمدى بىر -بىرىدىن زېرىكىشىپ ، ساياھەت چېيىدىنمۇ بىزار بۇلۇشۇپ ،ساياھەتكە ، رېستۇرانغا بىر -بىرىنى چاقىرمايلا ئىتىنى ئېلىپ بارىدىغاب بوپتۇ . ئىتلارنىڭ تۈرىمۇ كۆپ ئىكەن : ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    تامدەكلىرى ، كالىدەكلىرى ،قويدەك ، ئۆچكىدەك ،توخۇدەك ، كەپتەردەك ھەتتا قۇچقاچتەكلىرىمۇ با ر ئىكەن. ئالدىنقى ئايدا
    بىرىدە بىردىن بار ئىدى ، 15 كۈندىن كىيىن قارىسام ئىككىدىن بوپتۇ .مانا ئەمدى قارىسام بىر ئۆيدىن توپاقتەكتىن تارتىپ
    تورغايدەك ئىتلار ، ھەتتا بىر قوتان ئىت چىقىدىغان ، ئۆيدىكى ئادەملەردىن ئىتلارنىڭ نوپوسى كۆپ بۇلۇپ كىتىپتۇ . بۈگۈن قارىسام قوشنامنىڭ قۇينىدا يۇڭ -چۇپۇرىدىن باش كۆزىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئاق ئوغلاقتەك بىر ئىت ، قولىدا چىرايلىق ئالتۇن زەنجىردە باغلىۋالغان تامدەك قورقۇنۇچلۇق بىر ئىت ، ئايالىنىڭ قۇچىقىدا بىر سالۋا تۇماقتەك ئىت ، قوينىدا تورغايدەك بىر ئىت ،بالىسىدا بىر ئىت چىقىۋاتمامدۇ . ئىتلارغا ھەر خىل ئېسىل كىيىملەر كىيگۈزۈلۈپ ، بوينىغا ئالتۇن قۇڭغۇراق ،پىشانىسىگە گۈللەر تاقالغان ، يۇڭلىرى ئېسىل سۇپۇنلار بىلەن يۇيۇپ تارىلىپ ، مەززىلىك ئەتتىرلەر چېچىلغانىدى . ئىز تورى www.iz.la
    -قانداق ،قوشنام ھەيران قېلىۋاتامسىز ؟
    -قورقۇۋاتىمەن .
    -قورقماڭ ، چىشلىمەيدۇ .
    -چىشلىشىدىن ئەمەس .
    -نېمىدىن ؟
    -ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
    -بۇ ئىتلار ئادەمدىنمۇ ئاڭلىق ، ئىگىسى بويرۇق قىلمىسا ئادەمگە چېقىلمايدۇ ، ھەتتا تىكىلىپمۇ قارىمايدۇ .
    -ئىتلار بىلەن بىردەم ئايلىنىپ كەلگىلى مېڭىپسىلەر-دە !
    -تاماققا ماڭدۇق ، يۈرىڭە ، بىللە تاماق يەپ كىلىمىز .
    --رەخمەت سىلەر يەپ كىلىڭلار ، ئىتلىرىڭلار بىلەن مېڭىپسىلەر ، ھەرقاچان ماشىنىغا پاتمايمىز .
    -سىزمۇ ماشىنىڭىزغا .....ھە ...راست كەچۈرۈڭ ، سىزنىڭ ماشىنىڭىز يوق .
    -بولمىسا بىز تاكسىغا .....
    -ئىتنى تاكسىغا سالمايدۇ .
    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    -بولدى ، بولدى ...سىلەر يەپ كىلىڭلار يەنە بىر قېتىمدا بىللە يەرمىز . ھە راست . قوشنام ، يېقىندىن بېرى سىز ئىتلىرىڭىز بىلەنلا بۇلۇپ كىتىپ ، مەندەك نامرات قوشنىڭىز بىلەن گەپلەشمەس بۇلۇپ كەتتىڭىز .بۇرۇن ئەتتىگەن -ئاخشاملاردا ئانچە -مۇنچە گۇڭۇر -مۇڭۇر قىلشاتتۇق . مانا ئەمدى قاچانلا بولسا ئىتلىرىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ ،بەزىدە سىز ئىتلىرىڭىزغا ئەگىشىپ يۈرىسىز . يىراقتىن قارىسام خۇددى ئىتلار بىلەن قەدىناس دوستلار مۇڭدىشىۋاتقاندەك ئولتۇرۇشۇپ كېتىدىكەنسىلەر ، بەزىدە شاھمات ، بەزىدە قوغلاشماق ئوينىغاندەك سۆزلىشىپ كىتىدىكەنسىلەر ، سەل كۆڭلۈمگە كىلىپ قالدى جۇمۇ
    -ھەي-ھەي قوشنام ، سىز بىلەن ھەر قانداق گەپنى دىيىشىۋېرىمىز ،بىز ئۇزۇن يىللىق قوشنا بولغاچقا بىر -بىرىمىز نى بەش قولدەك بىلىشىمىز .راست گەپنى قىلغاندا ،ھازىر ئادەمدىن ئىت ئوبدان بۇلۇپ قالدى ،ئىت بىلەن مۇڭداشسىڭىز ھەر قانداق

    ئىز تورى بەك ياخشى


    گىپىڭىزنى خاتىرجەم ، قورۇنماي دىيەلەيدىكەنسىز ، ئىت دىگەن ئىگىسىگە ئاجايىپ سادىق ، ۋاپادار دوست ئىكەن ، مەن ھەر قانداق ئادەمدىن بۇ جانۋارنى ، ياخشى ھەمرا دوستلۇققا يارايدىكەن ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىۋاتىمەن ، ئۇ سىز نى سېتۋەتمەيدىكەن ،سىرىڭىزنى خەققە يېىۋەتمەيدىكەن . ھەتتا ھازىر تاماقنىمۇ ئىت بىلەن بىللە يەيدىغان بولدۇم .دوستلىرىمنى ،
    تۇققانلىرىمنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ ئادەتتىكى تاماق بىلەن مىھمان قىلسام ، تاماقنى يەپ بۇلۇپ كەينىمدىن << ئاتايىن ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ چاقىرغانغا تۇشلۇق ئىش قىلماي ، ئادەمنى زاڭلىق قىلغاندەك غورىگۈل مىھمان قىلدى >>دەپ رەنجىپتۇ . بىر مۇنچە بۇل خەجلەپ مىھمان قىلسام << ئۆزىنى ، ھوقوقىنى ، پۇلىنى كۆز -كۆز قىلدى ، شۇنچىۋالا ھەشەم قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى ، ئىسراپچىلىق قىلىپ بىزگە بېسىم قىلدى >> دەپ سۆز - چۆچەك قىلدى .شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ ئىتلىرىم بىلەنلا دوستلىشاي دىدىم .تېخى سىزگە ئىت بىلەن بىللە تاماق يىيىشنىڭ يەنە بىر يېڭى پايدىسىنى دەپ قوياي ، ھازىر يىمەك -ئىچمەك بىخەتەرلىكى ھەممىدىن سەزگۈر مەسىلىگە ئايلاندى . ئادەم بىر نىمە يىمىسە قۇرساق ئاچىدۇ ، يىگۈسى كىلىدۇ ،يەي دىسىڭىز بۇزۇلغان ياكى كىسەل پەيدا قىلىدىغان نەرسىنى يەپ زەھەرلىنىپ قالامدىمەنكىن ، دەپ ئەنسىرەۋاتقان .
    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    ئىت دىگەن قاتتىق ئەقىللىق ئىكەن ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان تاماق يىسىڭىز قايسىسى سەي ،قايسىسى قانداق ،پۇراپلا بىلىۋالىدىكەن ، شۇڭا ، بىز ئاۋۋال بۇ ئامراق ئىتىمىزنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن نەرسىلەرنى يەۋاتىمىز ، قانداق ؟! سىز گىمۇ بىرنى ئېلىپ بېرەيلىمۇ يا ؟! ھە ، مانا ماۋۇنىڭدىن بىرنى ئېلىپ باقامسىز يا !......ھە، ياق سىز ئالالمايسىز ، ئالسىڭىز مۇ بېقىپ بولالمايسىز.
    -بەك قىممەتمۇ؟
    -بىزنىڭ ئۆيدە باھاسى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئىت يوق ، ئىتلارنىڭ ئايلىق تاماق پۇلىلا 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ .
    تېنىم شۈركۈنۈپ گەپ قىلمايلا ئىشىكنى <<گۈپ>> لا قىلىپ تاقاپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . www.iz.la
    يا ، پەرۋەردىگار !ئىتلارنىڭ بىر ئايلىق ئوزۇقىغا مېنىڭ ئائىلەمنىڭ بىر يىللىق ئومومىي كىرىمىمۇ يەتمەيدىكەن . ئائىلەمدىكى ھەممە جاننىڭ ئادەملىك قەدىر -قىممىتىنى بۇ ئىتلارنىڭ قەدىر -قىممىتى بىلەن ئۆزۈمچە سېلىشتۇرغۇم كەلدى . لېكىن ئويلىغانسېرى كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ كەتتى .بولدى ، بۇنداق ھارام خىيال -ھالال ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ،ئادەم بىلەن ھايۋاننى ، ئادەملىق قىممەت بىلەن ھايۋانىي قىممەتنى سېلىشتۇرۇش ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس . ئادەم ھامان ئادەم ،قەلەندەر بولسىمۇ ئادەم ، ھايۋان ئالتۇن تاج تاقىسىمۇ ، تاغنى يۆتكىسىمۇ بەرىبىر ھايۋان ، ئىنسانلىق ئۇلۇغ سۈپەت ھايۋانننىڭ ئايىغىدا چەيلەنسىمۇ ئۇ يەنىلا ئادەملىك ، ئۇلۇغلۇق قىممىىتىگە ئىگە .ئۇ ھامان بىر تال مويىدىن بىر تال تىرنىقىغىچە ھايۋاندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . بۇنىڭدىن كىيىن ئىتلارنىڭ تاملىرى ئالتۇن ، يالاقلىرى كۈمۈش بۇلامدۇ ، نىمە كارىم .مەن تېرىقنىڭ زاغرىسىنى لاي سۇغا چىلاپ يەيدىغان ، تېزەككە دەسسەپ يۈرىيدىغان يالاڭ تۆش ، كۆك ئۈچەي قەلەندەر بولامدىمەن ، ھامىنى ئادەممەن . ئىت ، مۈشۈك بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۇرمايمەن دەپ ئۆز -ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم . شۇندىلا كۆڭلۈم يۇرۇپ ، يەڭگىللەپ ،دۇنيا مەن ئۈچۈن شۇنداق گۈزەل ، كۆڭۈللۈك ،مەنىلىك كۆرۈنىدىغان بولدى . قوشنىلىرىم باي بولغان بىلەن ئادەم تۇرۇپ ئادەم بىلەن ياشىماي ، كىلىشمەي ، ئىت بىلەن ياشايدۇ ،كېلىشىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىردىن ماشىنا ، بىردىن ئىتى ، ھىساپسىز پۇلى بولغان بىلەن روھى ئىنتايىن گاداي ، بەك كەمبەغەل ئىدى . چۈنكى ئۇلار پۈتۈن جاھاننى يەپ كەتسىمۇ يەنىلا كۆزى ئاچ ، نەپسى تويماس ئىدى .قوشنامنىڭ ئەڭ ئامراق ئىككى دوستى بار ، بىرسى پۈتۈن جاھاننى ھاپ ئېتىپ يىسىمۇ ،يەنە ئاچ يەل كىكىرىپ تويمايدىغان نەپسى ، يەنە بىرسى << نىمە ئىش قىلسا خوجامنىڭ راست>>دەپ قويرۇق شىپاڭشىتىپ تۇرىدىغان ئىتى . مانا مۇشۇنداق ئۆزۈم تېرىقنىڭ زاغرىسىنى يىسەممۇ چەكسىز باياشات ، قوشنام دۇنيانى ھاپ قىلىپ يىسىمۇ ، روھى نامراتلىق دەستىدىن گاڭگىراپ يۈرگەن كۈنلەردە ، كەچتە تۇيۇقسىز ئىشىكىم قېقىلدى .ئىشىكنى ئاچسام ، يېرىم يىلدىن بېرى ناتۇنۇشتەك ، بىر -بىرىمىزنى كۆرسەكمۇ كۆرمىگەندەك ئىشىكىمىز نى << گۈپ>> لا قىلىپ تاقاپ كىرىپ كىتىدىغان قوشنام ، بايرام بولغاندەك خوشال ھالدا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ياكى سامانلىققا كىرگەن تەخەيدەك دوڭغاقلاپ كىرىپ كەلدى .

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


    -قوشنام ، بارمۇ سىلى دەيمەن .مەن يوقلاپ كىرمىسەم ، ئۆلسەممۇ كارىڭلا يوق بۇلۇپ كەتتى جۇمۇ .
    - يوقلاپ كىرەي دىسەم ، ئادەم بىلەن خوشۇم كەتتى ، شۇڭا ئىت بىلەن بۇلىۋاتىمەن دېگەندىكىن ، نېرى تۇراي ، قۇشنامنىڭ ئاچچىغى كەلمىسۇن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەگەر مەنمۇ ئىتقا ئايلىنىپ قالغاندا ، قوشنام خالايدىغان ۋاقىتتا كىرەرمەن . دەپ يۈردۈم.
    -قانداق ، ماۋۇ ئىتىم چىرايلىقمىكەن ، نوچىمىكەن ؟
    - ئىتىڭلارنىڭ چىرايلىقلىقىغا مىنىڭ تىلىم ياراشمايدۇ ، ئەمما مىنىڭ ئۈيۈمگە ئىت ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ .
    -نىمىشقا؟-قوشنامنىڭ بايراملىق چىرايى ئۆچۈپ ماتەمگە ئايلاندى .
    -<< ئۆيگە ئىت كىرسە بەركەت كېتىدۇ >> دىگەن ئەقىدە بىلەن ياشايدىغان ئادەممەن .
    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    -بەركەت دىگە نىمە ئۇ؟ ئۇ پۇلمۇ ، ئاشلىقمۇ ، بايلىقمۇ ، ھوقوقمۇ ، دەپنە -دۇنيامۇ؟
    -سىلى سانىغان -سانىمىغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر مۇجەسسەملەنسە كاتتا قانائەت ، بەركەت بولىدۇ .
    -بۇ گىپىڭنى چۈشەنمىدىم . پۇل ئالساڭ پۇل بىرەي ، ماشىنا ئالساڭمۇ ئېلىپ بىرەي ، بەركىتىڭ بىردەم تالاغا چىقىپ تۇرسۇن .مىنى ، ئىتىمنى قوغلىما ، ئۆيىڭگە كىرگىلى قوي . بىز چىقىپ كەتكەندە بەركىتىڭنى ئەكىرۋالاسەن ، بىردەمدە چىقىپ كىتىمىز .
    -سېنىڭ بىردەمدە چىقىپ كىتىمىز دېگىنىڭنىڭ قاراسى يوق ، قاچان چىقىپ كىتىدىغانلىقىڭنى ئۆزۈڭمۇ ، مەنمۇ بىلمەيمەن ، بۇنىسى بىزگە قاراڭغۇ ،ئەمما بەركەت ئۆيدىن بىر چىقىپ كەتسە ئۇنى ئەكىرىش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ، ئىت بوسىغا ئاتلىغان ، ئاياغ باسقان ئۆيگە بەركەت مەڭگۈ بوسۇغا ئاتلاپ كىرمەسمىش . شۇڭا ، ئۆزۈڭ كىر ، قارشى ئالىمەن ، قولۇم كۆكسۈمدە ، بىراق ئىتىڭنى ئەكىرمە . ئىز تورى www.iz.la
    -راست دەۋاتامسەن ،چاقچاقمۇ ؟
    -راست دەۋاتىمەن ، مىنىڭ ئۈيۈمدە ئىتىڭ قارشى ئېلىنمايدۇ .
    -ھەي تەرسا ، ئاران جېنىڭنى بېقىۋاتقان يالاڭ تۆش تۇرۇپ قايسى بايلىقىڭ ، قايسى بەركىتىڭنى مەندىن ، ئىتىمدىن ئەتىۋار كۆرۈپ كەتتىڭ ؟ قېنى بەركىتىڭ ؟ قېنى ئۆيۈڭدىكى بايلىقىڭ ؟ تۆت تام كونا گىلەم ، نىمكەش مال بازىرىدىن ئالغان كونا تېلۋېزور ،ئەبجەق توڭلاتقۇ ! ھەپتىدە بىر تەخسە سەي قورىيالمايدىغان ھالىڭ بەركىتىڭ ، بايلىقىڭ شۇمۇ ؟! سېنىڭ بايلىقىڭ ، بەركىتىڭ شۇ بولىدىغان بولسا ، ئۇنداق بايلىقىڭ ، بەركىتىڭنى چېكەڭگە تاڭ . ئاشۇ ساپارىڭدا مەن تۈگۈل ئىتىممۇ ئولتۇرمايدۇ ، مەن بىلەن ئىتىمدىن ئەلا بىلگەن ، ئايىغان كاتتا بايلىقىڭ مۇشۇ نامراتلىق يېغىپ تۇرغان ئەبگا ئۈيۈڭمۇ ؟ يا مەن كۆرەلمەي قالغان بايلىقىڭ بارمۇ ؟!!! www.iz.la
    -مەندىكى بايلىقنى سەن مەڭگۈ كۆرەلمەيسەن ، ئۇ بايلىقنى كۆرۈدىغان كۆزنى خۇدا ساڭا بەرمىگەن .
    سېنىڭ كۆزۈڭ مىنىڭكىدىن ئارتۇق ئەمەس ، مەندە تازا چوڭ بىر جۈپ ئالماستەك نۇرلۇق كۆز بار تۇرۇپ ، ئەجەپ سىنىڭ بايلىقىڭنى كۆرەلمەيمىنا ؟!قېنى بايلىقىڭ دەيمەن !
    - بۇ كۆز ئىنساننىڭ پىشانىسىدە ئەمەس ، قەلبىدە ، سەن كۆرمەكچى بولغان بايلىقمۇ تامدا ، ساپادا ،ئىتتا ، ماشىنىدا ، پۇلدا ئەمەس ، روھتا ، قەلىبتە. تۇتقىلى بولىدىغان بايلىقنى ، پۇلنى ، تامنى ، ماشىنىنى ، ئىتنى ،سەن دىگەن پىشانەڭدىكى ئالماستەك نۇرلۇق بىر جۈپ كۆزۈڭدە كۆرگىلى بولغان بىلەن ، روھ ھەم قەلىپتىكى بايلىقنى پەقەت قەلىپتىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ .

    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


    سەندە ئادەملىك قەلىبمۇ ، قەلىبتىكى كۆز ۋە بايلىقمۇ يوق .شۇڭا كۆرەلمەيسەن ،كۆرسەڭمۇ بىلەلمەيسەن .
    -پاھ-پاھ ، ۋاي-ۋاي.....ھەممە ئادەمنىڭ ئىككى كۆزى بولسا ، ئارتۇق ،يۇشۇرۇن تۆت كۆزى بار ، يۈزىدىن كۆزى چوڭ ئادەم .
    تۇتسا سېپى يوق ، قىچقارسا ئېتى يوق ، يەي دىسە نېنى ، مېنەي دىسە قوتۇر ئېشىكى يوق قەلەندەر ، مەخپىي باي ، قېنى قاراپ تۇر ! سەن بايمۇ مەنمۇ،كۆرسەتمەيدىغان بولسام !ئىتىمنى كىرگۈزمىگەن ئۆيۈڭدە سەن تۇرامدىكەنسەن ، يا ئىتىممۇ قېنى !
    -ياق،ياق...خاتا چۈشەنمە . سەن بىلەن ئۇرۇشماقچى ، بەسلەشمەكچى ئەمەسمەن . تېرىكمە ئىتىڭنى ئۆيۈڭدە قۇيۇپ ئاندىن ئۈيۈمگە كىر .

    ئىز تورى بەك ياخشى


    -بولدى . ئىتىم كىرمىگەن ئۆيدە ماڭا پوق بارمۇ ،يۈرە ،پەسكە چۈشۈپ ئىشىك ئالدىدا سۆزلىشىمىز .
    قوشنام شۇنداق دەپلا ، ئىت قوغلىغان گاچچىدەك پايپاسلاپ پەلەمپەيدىن پەسكە چۈشۈپ كەتتى . مەن خىجالەتچىلىك ، تەڭقىسلىقتا تۇرۇپ قالدىم .ئۇ مىنىڭ كەينىدىن چۈشمىگىنىمنى بىلىپ ئىزىدا توختاپ ۋارقىرىدى :
    -بولە، بولە ، چۈشە .ساڭا دەيدىغان تۆت ئېغىز گىپىم بار ، ئۇزاق كاشىلا قىلمايمەن ، ساڭا كېپەكتەك گەپ قىلىدىغان ۋاختىممۇ يوق ، بولە!
    -سەن تېرىكىپ قالدىڭ ، بولدى باشقا كۈنى سۆزلىشەرمىز ،بولدى قىلە .
    -ياق ،ياق تېرىكمىدىم ، بۇ گىپىمنى ھازىرلا ساڭا دەۋەتمىسەم كېچىچە ئۇيقۇممۇ كەلمەيدۇ ، ۋاختىممۇ يوق . ئەگەر ھازىر چۈشۈپ گېپىمنى ئاڭلىمىساڭ كىيىن ئۆزۈڭ پۇشايماندا قالىسەن ، زىيان تارتىسەن . بول چاققان بول دەيمەن ، چۈشمىسەڭ، گېپىمنى ئاڭلىمىساڭ راست تېرىكىمەن . ئۇ چاغدا راست ئۇرۇشىمەن ، ئۇرۇشمايمەن دەپ ئىشىكىڭنى تاقاپ ئۆيگە كىرىۋالساڭمۇ ئۇرۇشىمەن ،ئىشىكىڭنى چىكىپ ئارام بەرمەي ، ھەتتا ئىشىكىڭنى بۇزۇپ كىرىپ ئۇرۇشىمەن !

    ئىز تورى بەك ياخشى


    ئامالسىز قوشنامنىڭ كەينىدىن پەسكە چۈشتۈم ،چۈشكىنىمنى كۆرۈپ ئۇ يالغان گۈلدەك ئېچىلدى .
    -ھە قانداق ؟دېگەن يەرگە ئەكەلدىممۇ ؟!مەن دىگەن ھەر قانداق ئىشقا تۇتۇشسام كانىدەك چاپلىشىپ ، بىگىزدەك قادىلىپ ، ئۇنى دىگەن يېرىمگە ئەكىلپ ، خالىغان قىناققا پاتۇرمىغۇچە ، سىزغان سىزىقىمغا كەلتۈرمىگۈچە قويمايمەن . سەندەك قوشنامدىن سول يانچۇغۇمدا 99، ئوڭ يانچۇغۇمدا مىڭ توققۇزى بار . سەن بىلمەيسەن ، مېنىڭ بىر خالتام بار ، سېنىڭ ھېلىقى ئادەمنىڭ روھىدىكى بايلىق ، كۆرەلمەيسەن دىگەن يېرىڭدە بىر خالتام بار ،مېنىڭ بايلىقىم ئاشۇ خالتا . مەن دادام بىلەن ئانامدىن تارتىپ خوتۇن ، بالام ،ئۇرۇق تۇققان ، ئەل -ئاغىنە ، ماڭا ئۇچراشقانلىكى ،ئىلناشقانلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسىنى شۇ خالتامغا سۇلاپ جايلايمەن ، بىلدىڭمۇ؟مىنىڭ خالتام دەججالنىڭ داخۇر كالۋاسىدىنمۇ تېگى يوق ، جىمى جاھاننى سولىسام بۇرجىكىگە بارمايدۇ ، بىلدىڭمۇ ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    -بىلدىم .
    -شۇڭا سەن ئالدى بىلەن مىنى ، ئىتىمنى مۇبارەكلە .
    -نېمىگە؟
    بۈگۈن ئىتىم بىلەن مۇكاپاتلاندىم .
    -قانداق قىلىپ ؟
    -بۈگۈن شەھەر بويىچە چولپان ئىتلارنىڭ تېلېۋىزوردا ماھارەت كۆرسۈتۈش مۇسابىقىسى ئۆكۈزۈلگەنىدى ، يەتتە قانجۇق بىلەن مىنىڭ بىرلا ئەركەك ئىتىم چىمپىيون بولدۇق.
    -سېنىڭ ئەركەك ئىتىڭ يەتتە قانجۇقنىڭ ئالدىدا چىمپىيونمۇ ياكى كىيىنمۇ ؟
    -داڭقان پۇتى گەپلىرىڭ قاچان تۈگەر سېنىڭ ؟!
    -ئىتلار تېلېۋېزوردا قانداق ماھارەت كۆرسىتىدىكەن ؟
    -يۈگۈرۈش ، قاۋاش ، يالاش مۇسابېقىسى .
    -يۈگۈرۈشنىغۇ بىلدىم . قاۋاش بىلەن يالاش قانداق مۇسابىقە ئۇ ؟
    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    -كاللاڭ ئاددى، سەن يەنىلا ساددا ،گۆشۋاش -تە . ئاۋازى ساز ، چىرايلىق ، رىتىملىق ، يېقىملىق ، ئۇرغۇسى مەستخۇش قىلارلىق بولغانلار ياخشى . ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ، غەزەپنى قوزغايدىغان غاژغۇن غىڭشىسا ناچار -دە.
    -يالاشچۇ ؟ چىچەن ، ئەقىللىق .
    -ئىتنىڭ شالى شىپالىق دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلىقى ھېساپلىنىدۇ . ئىتلار يىمەك يەپ بۇلۇپ ، تۇمشۇقى ، ئاغزى ، چىشلىرى ، ئۆزىدىكى ياكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھەمراھىنىڭ يارىسى ، تاۋىقى ، ئېغىز -بۇرنى ، يۈزلىرىنى ، ئۇنىڭدىكى تاماق قالدۇقى ، يۇقۇندا ، قان يىرىڭلىرىنى يالاپ پاكىز قىلىۋېتەلىسە ؛يالىغان تەخسە تاۋاقىلرى سۈپەت تەكشۈرۈشتە دېزىنفىكسىيە ئۆلچىمىگە يىتىپ ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق باكتىرىيە ، مىكروپ قالماي يۇيغاندىن پاكىز بولسا ؛ يالىغان يارا ياللۇغلانمىسا بۇ ئىت چىمپىيۇن بولىدۇ .

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


    -يا اللە ، مەن دەۋىردىن كىيىن قېلىپ ، كونا زاماننىڭ ئادىمى بۇلۇپ قاپتىمەن .
    -سەن دىگەن ئاللىقاچان ئاسار -ئەتىقىگە ئايلانغان ئادەم ، سېنى قەبرىگە ياكى مۇزېيغا قويىۋەتسە بولىدۇ .
    -مۇبارەك بولسۇن . ئىتىڭ بىلەن قايسى تۈرلەردە چىمپىيون بولدۇڭلار ؟
    -قاۋاش بىلەن يالاشتا ، ئۇ پۈتۈن مەيداندىن چاڭ چىقىرۋەتتى .
    - مۇبارەك بولسۇن ، ئىت ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام دىگەن شۇ -دە . ھە راست ، ئۈستىمىزدىكى قوشنىمىزنىڭ ئىتى سىنىڭ ئىتىڭدىن قىممەت دەپ ئاڭلىغانىدىم . ئۇمۇ قاتناشتىمۇ ؟
    -ھەي ، ساددا گۆشۋاشلىقىڭنى قىلىۋاتىسەنغۇ ؟سەن زادىلا موزېيلارغىمۇ قويغىلى بولمايدىغان ، بىراقلا قەبرىگە چوڭقۇر كۆمۋېتىدىغان ئاسار - ئەتىقىدە . قارا ، بۇ دىگەن ماھارەت تىپىدىكى ئىتلارنىڭ قاۋاش ھەم يالاش سەنئىتى ، سەن بۇنى چۈشەنمەيسەن . ئۈستىمىزدىكى قوشنىمىزنىڭ ئىتى قانداق ئىت بىلەمسەن ؟ ئۇ كارۋات سەنئىتى مەكتىۋىدە مەخسوس ئوقۇغان ئىت بولغاچقا ، ئەلۋەتتە قىممەت ، سەن كالۋا مىنى گەپكە سالما . www.iz.la
    -گېپىڭنى چۈشۈنەلمىدىم .
    -بولدى ، سەن چۈشەنمەيلا قوي ، چۈشەنمەيلا ئۆل .
    -بوپتۇ . ئىتىڭ بىلەن سىنى تەبرىكلەيمەن . گەپ تامام ۋەسسالام .
    -ئالدىرىما ئاساسىي گەپ تېخى باشلانمىدى . بىرىنچى زۆرۆرىيەت بىلەن قوشۇنچە زۆرۆرىيەت دىگەن نەرسىنى بىلەمسەن -بىلمەمسەن ؟
    -ھە راست ، ئىتىڭ تىلۋېزوردا ماھارەت كۆرسەتسە سەن چىقمامدىكەنسەن ؟
    -ھەي گۆشۋاش ، ھەي گۆشۋاش ، سەن تېلىۋېزور كۆرمەپسەن -دە . ئىتنىڭ ئىگىىسى سەھنىنىڭ مۇھىم ئورنىدا ئىتلارغا ئىما - ئىشارەت ، مەدەت قىلىپ ، ئىلھام بېرىپ رىياسەتچىلىك قىلمىسا قاۋايمەن دەپ غىڭشىپ ياكى ھۇۋلاپ سالسا ، يالايمەن دەپ غاجاپ ياكى چىشلەپ سالسا ئىش بۇزۇلمامدۇ .

    ئىز تورى بەك ياخشى


    -بىرىنچى زۆرۆرىيەت بىلەن قوشۇمچە يانداش زۆرۆرىيەت دېگەنلىرىڭچۇ ؟!
    -ئەڭ زۆرۈر بولغىنى ، ئەمدى ئىتىم شەھەر بويىچە چىمپىيون بولدى . بىر نەرسىگە ئېرىشمەكتىن ئۇنى داۋاملىق ساقلاپ قالماق تەس ،
    شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىن ئىتپەرەس بايلار چەتئەللەردىن سورتلۇق ئىتلارنى ئەكىرىپ ، مەخسوس ئۆيلىرىدە ئىت تەربىيلەيدىغان
    مەكتەپ -شىركەت ئېچىپ ، مېنىڭ ئورنۇمنى تارتىۋالماقچىمىش . بۇ بىر چوڭ تەھدىت ، مېنىڭ ئاران ئېرىشكەن بۇ ئورۇننى
    تارتقۇزۇپ قويۇپ ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم خوپ . ئاندىن ئىتپەرەس بايلار ، كارخانىچىلار ، مەشھور زاتلار مېنىڭ بۇ چىمپىيون ئىتىمنى مەخسوس زىيارەت قىلغىلى كىلەرمىش . ئاڭلىسام چولپان ئىتلارنىڭ مەخسوس ئۆيى ھەم تەربىيلىنىدىغان مەشىق بازىسى بولارمىش . شۇڭا ، سەن قانچە پۇل ئالساڭ ئېلىپ ئۆيۈڭنى ماڭا سېتىپ بەر ، مەن دەرھال بۇ ئۆينى ياساپ جابدۇپ ، زىيارەت قىلغىلى كەلگەنلەرنى باشلىمىسام ، ئىتىڭىزنىڭ ئۆيى قايسى دېسە ، ئىتىم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۋاتىمىز دېسەم ، يۈزۈم چۈشىدىغان ئىش بولىدىكەن

    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


    - دېمەك مېنىڭ ئۆيۈمنى بىكارلاپ ، ئىتىڭغا ئۆي قىلىپ بەرمەكچى شۇنداقمۇ
    - ھەئە ، يا اللە ! سېنىڭ مەخسەتنى شۇ زامان چۈشەنگىنىڭنى بۈگۈن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم .بولمىسا بىر بەغەرەز گۆشۋاش ئىدىڭ.
    بۇ ئىت بىلەن مانا مەن دېگەن خېلى -خېلى ئادەمنىڭ ئەقلىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ .
    -يەنە شۇ ئادەم بىلەن ھايۋاننى سېلىشتۇرۇپ ، ئادەمدىن ھايۋاننى ئۈستۈن قويىدىغان بىمەنە پەلسەپەڭ .
    -ماڭا نېمىنىڭ پايدىسى ، مەنپەئەتى بولسا شۇنى ماختايمەن . پايدىسى يوق نەرسە بىلەن ئادەم بولامدۇ ۋە ياكى باشقا نەرسىمۇ ، ئىشقىلىپ نىمە بولسا كارىم يوق.
    -كارىڭ يوق ؟! تاشلىۋەتكەن نەرسىنىڭ كىيىن پايدىسى چىقىدىغان بۇلۇپ قالسىچۇ ؟

    تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


    -دەرھال يەنە قايتىدىن كانىدەك چاپلىشىپ داڭلايمەن .
    -شەھەردە ئىتى بار بايلار كۆپ ئىدى ، تېلىۋېزورغا چىقىش ئەجەپ ساڭا تىگىپ قاپتۇغۇ ؟
    -ئاشۇ پىروگراممىنىڭ مەسئولىنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندە ، قاتتىق ھازا تۇتۇپ ، دادىسىنى ماختاپ تارقاتقانىدىم .
    - ئۇ ئادەمنى بۇرۇن ھەممىدىن بەك تىللايتتىڭغۇ ؟
    - ئۇ چاغدا ئۇ بىر پايدىسى يوق ھاراقكەش ئىدى .
    -شۇڭا بۈگۈ ئۆيۈم لازىم بۇلۇپ ماڭا سالام قىلىپسەن -دە ؟
    -يا مىنىڭ ، يا ئىتىمنىڭ خۇي پەيلى كۆزۈڭگە سىغمىغاندىكىن ، ئەڭ ياخشىسى ئۆيۈڭنى ماڭا سېتىپ بېرىپ كۆچۈپ كەت .
    - بۇ مىنىڭ ئاتا- بوۋامدىن قالغان ئۆي ، بۇ ئۆينىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي يورۇتۇش مىنىڭ ئوغۇللۇق ، شۇنداقلا ئادەملىك بۇرچۇم ، ساڭا چوڭ ھەم كۆپ ئۆي لازىم بولغاندىكىن ، ئۆزۈڭ كۈچۈپ كەتسەڭ بولمىدىمۇ ؟

    ئىز تورى www.iz.la


    - ئۆيۈمنى سەن ئالامسەن ؟
    -ئۆي ئالغۇدەك پۇلۇم يوق ، خەقكە سات .
    - ھېلىقى مەن كۆرەلمەيدىغان چەكسىز بايلىقىڭ بارغۇ ، شۇنىڭغا ئالمامسەن ؟!
    -ماڭا ئارتۇق ئۆينىڭ لازىمى يوق .
    - ئۇنداق دېگۈچە بىر يارماقنىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ قېتىم ئۆتۈپ خەجلىمىسەم ، پۇلۇم يوق دېگىنە . <<پۇلۇم يوق ، قۇرسۇقۇم توق >> دېگەن قانداق مەنتىقە بۇ .
    -ساڭا ئوخشاش پۈتۈن دۇنيانى يەيمەن ، جاھاننى يىسەممۇ تويمايمەن ، يىگەنچە ئاچكۆز ،پۇلى كۆپەيگەنچە كەمبەغەل ؛پۈتۈن دۇنيا كۆزىگە پۇل ، نەپسى بىلەن پۇلدىن باشقا نەرسىسى يوق ئادەمنىڭ پۇلى كۆپ ، قورسىقى ، كۆزى ئاچ بولىدۇ .
    -دېگىنىڭنى بىرىمەن ، ئۆينى بىكارلايسەن .

    تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


    -ھېچنىمەڭ كېرەك ئەمەس ، ئۆز ئۆيۈمدىن كۆچمەيمەن .
    -بىر ئۆيۈڭگە بۇنىڭدىن چوڭ ئىككى ئۆي ئېلىپ بېرەي ،سەن دىگەن يەردىن ، كاتتا ئۆي ئېلىپ بىرەي ،كۆچەمسەن ؟
    - بەش ئۆي ئېلىپ بەرسەڭمۇ كۆچمەيمەن .
    - ماقۇل بەش ئۆي ئېلىپ بېرەي ، گەپنى ئۈزۈۋەتمەي خۇتۇن -بالىلىرىڭ بىلەن تەلپەكنى ئالدىڭغا ئېلىپ قۇيۇپ ، ئاددىي كاللاڭ ، گۆشبېشىڭ بىلەن ئويلاپ قوي ، ئۆيۈڭنى ئېلىش ئۈچۈن جېنىمنى تىكىپ قويدۇم .
    - جېنىڭنى ئىتىڭنىڭ جېنى بىلەن قوشۇپ تىكسەڭمۇ قورقۇپ قالمايمەن .
    قوشنام بىلەن شۇنداق دىيىشىپ ، ئىت خىرىس قىلغاندەك خىرىس قىلىشىپ ، ئېشەك ھاڭرىغاندەك سەتلىشىپ قايتىپ چىقتىم .ئەمما ، شۇنىڭدىن باشلاپ مېنى پالاكەت باستى ، ئۇ ئىتلىرىغا ئۆگۈتۈپ قويۇپتىكەن ، مېنى كۆرسىلا قاۋاپ ، خىرىس قىلىشىپ ، ھېلى چىشلەيدىغاندەك ھۆرپىيىدىغان بولىۋالدى .ئەتتىگەن -ئاخشام ئىشىك ئالدى ، دوقمۇش ، مەھەللە ،ھەممە يەردە قاۋاپ بېشىمنى ئۇچاق ئېتىپ ، مىڭەمنى قوچىۋەتتى . يېرىم كىچىلەردە بىر قاۋاشقىلى تۇرسا ئۇيقۇمنى ھارام قىلدى .ئۇخلىيالماي تېلىۋېزورنى ئاچسام ، نەق قوشنامنى ۋە ئىتلىرىنى تېلېۋېزوردا زىيارەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ ، كۆرۈپلا ئەرۋايىم ئۇچتى . ئېكراندىكى نەرسە ئالدىدىكىنى كۆرمەيدۇ ، ئەمما قوشنامنىڭ ئىتلىرى ئىكراندا تۇرۇپ مىنى كۆرۈپلا قەھرى -غەزەپ بىلەن ماڭا قاراپ قاۋاشقا باشلىدى. تېلېۋېزورنى ئاچچىقىم بىلەن ئۈچۈرۈپ ، تىزگىنەكنى غەزەپ بىلەن چۆرۈۋەتتىم . ئەسلىدە ئىكراندىكى ئىتلار بىلەن قوشنامنىڭ ئۆيىدىكى ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى تەبىئىي تەڭ ئىكەن . تېلېۋېزورنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن ، قوشنامنىڭ ئۆيىدىكى ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلاندى . شۇئان قوشنامنىڭ ئىشىكىنى قاقتىم ، قوشنام ئىشىكىنى ئېچىپ ھىجايدى :

    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


    -ئۆينى قاچان ئالىسەن ؟
    -ئۆينى ئالمىساڭ جېنىمنى ئالىدىغان ئوخشايسەن ، ئالە!
    -ھامان مۇشۇنداق دەيدىغىنىڭنى بىلەتتىم . راست بەش ئۆي ئالامسەن ؟
    -ياق ، ئارتۇق ھارامنىڭ لازىمى يوق ، پۇلۇم بولمىسىمۇ نەپسىم توق، بىرگە بىرنى ئالىمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ھەممە (476) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • KOKDENGIZ
    2011-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى KOKDENGIZ
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • MAMATALIY
    2011-يىلى01-ئاينىڭ13-كۈنى MAMATALIY
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • keramjan
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى keramjan
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • naprat0998
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى naprat0998
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز
  • rana211
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى rana211
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • MAMATALIY
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى MAMATALIY
    1505686739 13289034902
  • MAMATALIY
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى MAMATALIY
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • tanhayaprak005
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى tanhayaprak005
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • anwar714
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى anwar714
    ياخشىمۇسىز
  • tabassom
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى tabassom
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • YUSUPJAN00
    2011-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنى YUSUPJAN00
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • tirixkin
    2011-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنى tirixkin
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • tirixkin
    2011-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنى tirixkin
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • boran288
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى boran288
    ياخشېمۇسېز دوستۇم سالامەتمۇسېز يوقلاپ بارغېنېڭزغا كوپرەخمەت سالامەت بولۇڭ مەن چ چ ئويناپ قېلېپ كېلەلمېدېم .
    سېزنېڭ چ چ نومرېڭزنې سورسام بولامۇ دەپبېرېشنې خالېمېسېڭز مەيلې
  • boran288
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى boran288
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • hertik
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى hertik
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز
  • hertik
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى hertik
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز
  • YUSUPJAN00
    2011-يىلى01-ئاينىڭ05-كۈنى YUSUPJAN00
  • YUSUPJAN00
    2011-يىلى01-ئاينىڭ05-كۈنى YUSUPJAN00
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • abdusali
    2011-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنى abdusali
    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .قانداق ئەھۋالىڭىز .كۇنلىرىڭىز خۇشال ئۇتۋاتامدۇ ۋاقتىڭىز بولسا بىزتەرەپلەرگىمۇ ئۇتۇپ قۇيارسىز

» تىخىمۇ كۆپ