ئايگۇل (ئەزالىق ئىسمى: aygul123)
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 3576 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 131604 ، جەمئىي يوللانمىسى: 452 ، جۇغلانمىسى: 5082
- دەرىجىسى: باش دىرېكتور يا
- بىكەت ئادىرسىم:/u/aygul123
كۆك چايىنىڭ شىپالىق رولى
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)كۆك چاي تالقىنىنىڭ ئاياللارنىڭ رۇخسارىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولى
كۆك چاينىڭ ئاياللارنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغانلىقى شۈبھىسىز . چۈنكى كۆك چايدا ۋىتامىن c مول ، ئۇنىڭدىكى فلاۋونوئىد ۋىتامىن c نىڭ ئوكسىدلىنىشتىن ساقلاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ ، فلاۋونوئىد ئېسىل ئوزۇقلۇق – ھەرە يىلىمىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدۇر ، شۇڭا ئۇنىڭ تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، ياشارتىش ئۈنۈمى ئالاھىدە .
كۆك چاي تالقىنىنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولى
كۆك چاي تالقىنىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى كۆپ ، ئۇنى چاي دەملەپ ھەر كۈنى ئىچىشكىمۇ ، يۈز مەلھىمى قىلىپ يۈزگە يېقىشقىمۇ بولىدۇ . يەنە كۆك چاي تالقىنىنى چىش پاستىسىغا مىلەپ چىش چوتكىلىسا ، چىشىنى ئاسراپلا قالماي ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئادەتتە يۈزنى يۇيۇپ بولۇپ ، ئالقانغا ئازراق يېشىل چاي تالقىنى ئېلىپ نەمدەپ ، يۈزگە يېنىك شاپىلاقلاپ ياقسا ، كۆك چاي تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسىنىڭ تېرىنى تارتىش – يىغىش رولى بولغاچقا ، تېرىنى چىڭىتىپ ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
كۆك چاي تالقىنىنى ئازراق سۇغا چىلاپ ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزنى شاپىلاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن ، ئۈستىدىن ئېمولسىيە سۈرسە ، قارا داغ ، سەپكۈننى ئازايتىپ ، يۈزىنى ئاقارتقىلى بولىدۇ .
تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە ھەر كۈنى ئەتىگەن – ئاخشامدا ئىككى ئىستاكان كۆك چاي تالقىنى چېيى ئىچىپ ، يۈزىگە كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى ياقسا ، تېرە ياخشىلىنىدۇ ، دانىخورەك يوقايدۇ .بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى تېرىنى ياخشىلايدۇ ، دانىخورەك يوقىتىدۇ
تەركىبىدە ۋىتامىن مول كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى ناھايىتى ئوبدان يۈزنى ئاقارتىش رولىغا ئىگە . كۆك چاي تالقىنى تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى تېرىنى تارتىش – يىغىش رولىغا ئىگە بولغاچقا ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ ، تېرىنى سىلىقلايدۇ ، يەنە مىكروب ئۆلتۈرۈپ ، تېرىدىكى دانىخورەكنىڭ يىرىڭلىشىشىنى تىزگىنلەيدۇ .
كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى تەييارلاش ئۇسۇلى : كۆك چاي تالقىنىدىن بىر قوشۇق ، تۇخۇم سېرىقىدىن بىر دانە ، ئۇندىن ئىككى قوشۇق ئېلىپ ، ئۇنغا تۇخۇم سېرىقىنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ، كۆك چاي تالقىنى قوشۇلىدۇ . تەييارلانغان كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى يۈزگە مىلىنىپ ، ئۈستىدىن سەل نەمدەلگەن قەغەز يېپىلىدۇ ، تەخمىنەن 10 – 15 مىنىۇت تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن ، سوغۇق ياكى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋېتىلىدۇ . copyright by www.iz.la
يۇقىرىدا ئېيتىلغان خۇرۇچلاردىن تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئورنىغا ھەسەل ياكى ئالوي (ئىككى قوشۇق )نى ئالماشتۇرۇپ كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى تەييارلاپ يۈزگە سۈرتسە ، تېرىنى تارتىش – يىغىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى ، تېرىگە كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى سۈرگەندىن كېيىن ، تېرە تولىمۇ سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ ، شۇڭا شۇئانلا گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . گىرىم قىلىشقا توغرا كەلگەندىمۇ ، نېپىز بىر قەۋەت گىرىم سۇيۇقلۇقى ياكى ئېمۇلسىيە سۈرۈش كېرەك .
ھەممە (476) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
سېزنېڭ چ چ نومرېڭزنې سورسام بولامۇ دەپبېرېشنې خالېمېسېڭز مەيلې
» تىخىمۇ كۆپ