ئايگۇل


ئايگۇل (ئەزالىق ئىسمى: aygul123)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 3576 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 131627 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 452 ،  جۇغلانمىسى: 5082
  • دەرىجىسى: باش دىرېكتور يا
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/aygul123

ئالۋاستىنى سۆيگەن ئايال

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ11-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

         يېقىن دوستۇم ئايشەمدىن كەلگەن بىر پارچە خەت مېنى  قەۋەتلا خوشال قىلىۋەتتى. چۈنكى، بۇرۇن ئايشەم بىلەن تېلېفوندا سىردىشىپ تۇراتتۇق. يېقىندىن بۇيان ھەر قانداق قىلىپمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالماي تىت - تىت بولۇپ يۈرەتتىم.
              ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى ئۇنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە قالغانىدى.  ئاق كۆڭۈل، چىقىشقاق، پاراسەتلىك، ئېۋەنسىز بۇ قىز ئۆزىگە ئوخشاش داڭقى بار ساۋاقدىشىمىز ساتتار بىلەن توي قىلىپ ھەممىمىزنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگەنىدى. توي قىلمىغان قىز ساۋاقداشلار يىغىلىپ قالىدىغان بولساق ئايشەمگە كەلگەن ئامەت ۋە بەخت توغرىسىدا تالاش - تارتىش بولماي قالمايتتى. ھەممە ئىشلىرىمنى قويۇپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم.

    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


              "دوستۇم رەيھان!
              بۇ خەتنى كۆرۈپ ھەيران قالارسەن، خەتنىڭ مەزمونىنى بىلىپ ماڭا ئىچ ئاغرىتارسەن ياكى مەندەك ئىپلاس، قەدىرلەش ۋە قەدىرلىنىشنى بىلمىگەن رەزىل ئايالغا نەپرەت ئوقارسەن، مەيلى سەن قايسى خىل ھېسسىياتتا بولمىغىن مەن رازى.
            رەيھان، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم تىنچ ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ماڭا ئوخشاش ئائىلىسى، پەرزەنتى بار بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ھازىرچە ساڭا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، دەپ تۇراي. چۈنكى، مەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيىتىنى ھۆرمەتمۇ، دوستلۇقمۇ، دەپ ئايرىپ بولغۇچە ئارىمىز قويۇقلىشىپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن خىزمەتداش بولغاچقا، شارائىت، كۆرۈشۈش پۇرسىتى، پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. مەيلى مەن ئۆزۈمنى قانچە كونترول قىلىپ باقاي، ئەيىبلەپ باقاي ھېچقايسىسى كار قىلمىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە  تاسادىپىي بىر ئىش يۈز بەردى. بۇنى ئىش دېگەندىن كۆرە پاجىئەنىڭ باشلىنىشى دېگەن تۈزۈك. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
             بىر كۈنى ئۇ ئىدارىدىكىلەرنى ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا چاقىردى. ھەممىمىز قانغۇدەك يەپ، ئىچىپ تازا پەيزى قىلدۇق. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئۈچ تۆت قېتىم تانسا ئوينىدىم. ئۇنىڭ ئايالى ئىچكىرىدىكى قايسى بىر شەھەرگە ئۆگىنىشكە كەتكەنلىكى ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلدىم. خىزمەتداشلىرىم تولىمۇ كەچ قايتتى. مەن ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ بېرىپ ماڭاي دەپ قېپ قالدىم. چىنىلەرنى يۇيۇۋاتقاچ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ قالدىم. كۆزلىرىمىز ئۇچراشقاندا يۈرىكىم رېتىمسىز سوقۇپ، يۈزلىرىم ئوت ئالدى. مەن ئاستا يەرگە قارىۋالدىم. شۇ ئارىدا ئۇ كېلىپ مېنى كۆتۈرۈۋالدى. مەن ئۆزۈمنى كونترول قىلىپ باقساممۇ ئاخىر ئىشقىم ئىرادەمنى يەڭدى، ئۇنىڭغا بويسۇندۇم. بارلىق ئىشلار ئاياغلاشقاندا مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالدىم. بۇ ئىشلارنىڭ نېمىشقا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۆزۈممۇ چۈشەنمىدىم. بۇ بەلكىم ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق بولسا كېرەك. سىرتقا چىققان ۋاقتىمدا سائەت ئىككى بولاي دېگەنىكەن. ئۇ مېنىڭ شۈكلەپ، جىمىپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ سەل ئالاقىزادە بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    - بۇ ئىشقا ھەر ئىككىلىمىز پۇشايمان قىلمايلى، - دېدى - دە، شاققىدە ئارقىغا بۇرۇلۇپ پەرۋاسىز كىرىپ كەتتى. كۆڭلۈم غەلىتە بولۇپ، ئىچىمنى نامەلۇم بىر نەرسە تاتىلاۋاتقاندەك ئاچچىق ئىيچىشتى. مەن چوڭ يولغا چىقىپ ئەتراپىمغا قارىدىم. كوچا ئاندا - ساندا ئادەمنى ھېسابقا ئالمىغاندا تىنچ دېيىشكە بولاتتى. ئاسمانغا قارىدىم. كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم تۆكۈلدى. شۇ ئارىدا بىر كىرا ماشىنىسى ئالدىمدىلا توختىدى. مەن ماشىنىغا چىقىپ، شوپۇرنى تېز ھەيدەشكە بۇيرۇدۇم. مەن بىنا ئەتراپىدىكى بارلىق شەيئىلەردىن تېزراق ئايرىلىشنى ئويلايتتىم. ئازاب ۋە پۇشايمان مېنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. ئىدارە ئالدىغا كېلىپ مېشىنىدىن چۈشۈشىمگە ساتتار مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. پۇتلىرىم يۇمشاپ، ھۇدۇقۇپ كەتتىم، ئالدىغا مېڭىشقا قۇربىتىم يەتمىدى، يۈكۈنۈپ قالدىم. ساتتار تېز كېلىپ مېنى يۆلىۋالدى ۋە ئۆيگە ئەكىردى. ئۆيگە كىرىپ بەزگەك ئادەمدەك تىترەشكە باشلىدىم. دەل شۇ چاغدا كارىدور چىراغلىرى "ۋاللىدە" ياندى. قارىسام ساتتار ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپتۇ، بەدەنلىرىم بوشاپ، ئېغىزلىرىم قۇرۇشقا باشلىدى. ئۆزۈمنى پەقەت باشقۇرالماي ئولتۇرۇپ قالدىم. ساتتار مېنى يۆلەشتۈرۈپ ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى.
    www.iz.la

      - ئەجەپ قىزىپ كېتىپسىزغۇ؟
           ئۇ مېنى يۆلەپ كارىۋاتقا چىقارغاچ ئەندىكىپ سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى. مانا مۇشۇ مىنۇتلاردا مەن ساتتارنىڭ مېنى راسا دۇمبالىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلدىم. ساتتار يوتقاننى يېپىۋاتقاچ كۆزلىرىمگە ئەيىبلەش نەزىرى بىلەن تىكىلدى.
      - ھاراق ئىچىپسىز- ھە؟ ئەجەپ قىلمىغان ئىشتىن بىرنى قىپسىز، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئەھۋال بۇ ئائىلىدە قايتا يۈز بەرمىسۇن.
        ئۇنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى سۇسلىشىپ، ئېغىر تىندى ۋە يېنىمدا ئولتۇرۇپ چېكەمنى ئۇۋۇلاشقا باشلىدى. قەلبىمدىكى ئازاب ئۇلغىيىپ يۈرەك باغرىمنى ئۆرتىمەكتە ئىدى. ئىچىمدە ساتتاردىن كەچۈرۈم سورايتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشنى ئويلايتتىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
              كېچە زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا ئۇخلاپ قاپتىمەن ھەم چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە يامغۇر يېغىپتىمىش، پۈتۈن يەر - زېمىن نېپىز پەردە ئارتىپ قويغاندەك غۇۋا كۆرۈنگىدەكمىش، ئەتراپىمدا بىرمۇ ئادەم يوق، يېگانە تۇرۇپتىمىشمەن. شۇ ئارىدا ئۇ يېنىمدا پەيدا بولۇپ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيگۈدەكمىش. مەندە ئۇنى رەت قىلغۇدەك كۈچ - ماداردىن ئەسەرمۇ يوق، كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغۇدەكمىشمەن. ئۇ بىردىنلا غايەت زور ئالۋاستىغا ئايلىنىپ يۈرىكىمنى سۇغىرىپ غاجاۋاتقانمىش، مەن قېچىشقا ئۇرۇنساممۇ قاچالماپتىمەن، پۇتلىرىمغا تاش ئېسىپ قويغاندەك مېدىرلىيالماپتىمەن، چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. دېرىزىدىن سىرتقا قارىسام تاڭ ئېتىپتۇ. كۆز ئالدىمغا ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللار كەلدى. پۈتۈن ۋۇۆجۇدۇمدا غەزەپ، نەپرەت ۋە پۇشايمان ئوتلىرى لاۋۇلداشقا باشلىدى. مەن ئۆز - ئۆزەمنى تىللاشقا، جاھاندىكى ئەڭ سەت تىللار بىلەن تىللاشقا باشلىدىم. ئىز تورى بەك ياخشى
          " ئايشەم، نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟ سەن باشقىلارنىڭ ئايالىغۇ؟ بۇ گۇناھىڭنى ئۆمۈر بويى يۇيالمايسەن، ئىپلاس، شەرمەندە، ناپاك...." ئاچچىق كۆز ياشلىرىم سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئاستا - ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدىم. مەن ئادەتتە ئۆزۈمگە قاتتىق ئىشىنەتتىم. كىچىكىمدىن تارتىپ ماختىلىش ئىچىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن مېنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا چىن دىلىدىن قايىل ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەھۋالىم نېمە بولدى؟ مەن ئەتراپىمدىكى جىمىكى شادلىق، گۈزەل ئەسلىمە، ئىشەنچ، نەپرەت، ھەممىدىن، ماڭا تەئەللۇق ھەممە نەرسىدىن ئايرىلدىم.
             جانسىز جىسمىمنى سۆرەپ ئىشكاپ ئالدىغا كېلىپ، ئۇيقا دورىسىنى ئېلىپ قولۇمغا تۆكۈپ كۈچەپ تۇرۇپ غۇرتتىدە يۇتىۋەتتىم. سەلدىن كېيىن بېشىم ئاغرىغاندەك قىلدى. ھېلىقى كۈندىكى مەنزىرە بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكىلى تۇردى. ئېسىمگە كېچىدىكى ھېلىقى چۈش xx نىڭ ئالۋاستىغا ئايلىنىپ يۈرۈكىمنى غاجىلاۋاتقانلىقى.... كېيىن قۇلىقىم تۈۋىدە بىرىنىڭ "بۇزۇق، سەن تېنىڭنى...." دېگەندەك سوغۇق ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى، قانچە كۈچەپ تىرىشساممۇ كۆزلىرىمنى ئاچالمىدىم.

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


          قانچىلىك ئۇخلىدىمكىن، ئويغانسام ساتتار بىلەن سەبى ماكا قاراپ كۈلۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
      - ئويغاندىڭىزمۇ؟ ئون نەچچە سائەت ئۇخلىدىڭىز جۇمۇ، ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭ، نېمە يىگۈڭىز بار؟
    - ھە؟ - مەن ئالاقىزادە بولۇپ يالغاندىن كۈلگەندەك قىلدىم - دە، دەرھال كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالدىم.
      - نېمە دەيسىز؟ بىرەر نەرسە يەۋېلىڭ، ئاندىن دوختۇرخانىغا بارايلى. كېچىچە جۆيلىدىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىپ قاپسىز.
     - نېمە ؟ نېمە دەپ جۆيلىدىم؟ - مەن چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ۋە لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. ساتتار مېنى ياتقۇزۇپ:
    - "ئالۋاستى، ئالۋاستى" دېگەندەك گەپلەرنى قىلدىڭىز، مەن سەبى بىلەن ياتقاچ قالغىنىنى تازا ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم، - دېدى.
    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

         كۆڭلۈم سەل تىنغاندەك قىلدى. ساتتار ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى. مەن ئۇخلاشنى، مەڭگۈ ئۇخلاشنى خالايتتىم. ئۇيقۇ، "ساراڭ"لىق، مەڭگۈلۈك مەستلىك مېنى بەلكىم بارلىق ئازابلاردىن قۇتۇلدۇرالىشى مۇمكىن ئىدى.
             مەن ئۆز - ئۆزۈمنى ئىنكار قىلىۋاتقاندا بىردىنلا بەدەنلىرىم بوشىشىپ كۆزلىرىم يۇمۇلۇشقا باشلىدى. مەن ھېچ نەرسىنى ئويلاشنى خالىمايتتىم. نۇر، كۆز ئالدىمدا بىر نۇر پەيدا بولدى، بۇ چىراغمىدۇ؟ ياكى تاڭ ئاتقانمىدۇ؟ تۇيۇقسىز نۇر بىلەن تەڭ ھېلىقى ئالۋاستى ئۆيگە كىردى. ئۇ ماڭا قاراپ ھە دەپ كۈلەتتى، توختىماي يۇغىنايتتى، مەن ئەزەلدىن جىن ئالۋاستى دېگەنلەرنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم ھەم ئۇنداق خىيالىي نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيتتىم. لېكىن، كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەخلۇق مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى ئالۋاستى ئىدى. ئۇ لەپپەڭشىپ مەن تەرەپكە يېقىنلاشتى. مەن ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم، تىركەشتىم، تىرماشتىم، بارلىق ئاۋازىم بىلەن ۋارقىرىدىم، ئۆزۈم بىلىدىغان، كىچىكىمدە رەھمەتلىك مومام ئۆگىتىپ قويغان ئايەتلەرنى ئوقۇدۇم، خۇدادىن گۇناھىمنى تىلىدىم، لېكىن، ئۇ بارغانچە ماڭا ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    يېقىنلىماقتا، بىر قەدەم ، ئىككى قەدەم....
       چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم، يوتقان، پۈتۈن ئەزايىم ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ. دېرىزىگە قارىدىم. دېرىزە پەردىسى شامالدا يېنىك لەپپەڭشىپ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    تۇرۇپتۇ. شۇ ئارىدا ساتتار يۈگۈرۈپ كىردى.
      - نېمە بولدى؟ ناھايىتى قاتتىق ۋارقىرىدىڭىز، تۇرۇڭ دوختۇرخانىغا بارايلى، يا بىر نېمە يېمىدىڭىز.
       - بولدىلا، شۇ زۇكام، تەرلىدىم، ساقىيىپ كېتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا ئىچتىم.
               مەن قولۇمنى يوتقان ئىچىگە سېلىۋالدىم. ئارىنى جىمجىتلىق باستى. ساتتارنىڭ يۈرىكىمۇ ياكى مېنىڭ يۈرۈكۈممۇ ۋە ياكى ھەر ئىككىلىمىزنىڭ يۈرىكىمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ يۈرەكنىڭ گۈپۈلدەپ سوققان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن شۇنچە قورقۇپ تۇرساممۇ ساتتارنى يېنىمدا ئېلىپ قېلىشقا قادىر ئەمەس ئىدىم. چۈنكى، ئۇنىڭ روھى ۋە جىسمى پاك ئىدى. مەن ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگەن، غۇرۇرى كۈچلۈك بۇ ئەرنى ئالدىيالمايتتىم. ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ بۇيرۇق تەپەللۇزى بىلەن:

    www.iz.la

          - قوپۇڭ، زۇكام دەيسىز، سىز ھېچ زۇكامغا ئوخشمايسىز، - دېدى.
             سائەتكە قارىسام تۆت بولۇشقا ئاز قاپتۇ، سەل چۆچۈپ قالدىممۇ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ:
       - ماقۇل دەڭ، تاڭ ئاتسۇن، بايىلا دورا ئىچتىم، - دەپ تۇرۇۋالدىم.
      - نېمە؟ دورىنى تۈنۈگۈن كېچە ئىچتىڭىز، لايدەك ئۇخلىغىلى ئون نەچچە سائەت بولدى، كىچىك بالىدەك قىلىق قىلىدىكەنسىز.
            بۈگۈن چېسلاغا قانچە؟ ھەپتىگە نېمە؟ بۇلاردىن خەۋەرسىز ئىدىم. كۆڭلۈم يەنىلا غەش ئىدى. نەچچە كۈن بىر نەرسە يېمىگەنلىكىم ئۈچۈن پۈتۈن ئەزايىم لايدەك ئىدى. مەن مەيدەمنى ياستۇق ئۈستىگە قويۇپ ياتقىنىمدا ئىچىمدىكى دەرد - ئەلەملەرنى ئۈنسىز كۆز ياشلىرىم يۇتۇپ كەتتى. كېيىن ساتتار ئېلىپ كەلگەن دورىنى ئىچىۋەتتىم. بىراق، غىزا يېيىشكە پەقەت رايىم يوق ئىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
             ساتتار خاپا بولۇپ چىقىپ كەتتى.
    بۈگۈن دوختۇرخانىدا ياتقىنىمغا ساق 18 كۈن بولۇپ قالدى. تونۇش - بىلىشلەر كېلىپ يوقلاپ تۇردى. پەقەت ئۇلا كېلىپ قويمىدى. دوختۇرخانىدا ياتقىنىمدا كۈندە ئۇنى دەسلەپتە مېنى كۆرگىلى كېلىپ، ئاندىن ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قېنىمنى شوراپ، يۈرىكىمنى غاجاۋاتقان چۈشلەرنى كۆرۈپ تۇردۇم. دوختۇرخانىدىن چىقتىم، لېكىن، مەسئۇل دوختۇرنىڭ تاپىلىشى بىلەن ئىشقا چىقمىدىم.
              بۈگۈن ھېلىقى ۋەھشىي، كىشىگە ئاراملىق بەرمەيدىغان چۈشنى يەنە كۆردۈم. ماڭا زادى نېمە بولدى؟ مەن ياخشى كۆرۈپ قالدىم دېگەن ھېلىقى ئەبلەخ ئالۋاستىمىدۇ؟
    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

      رەيھان، مەن يېنىكلىك بىلەن سادىر قىلغان خاتالىقىمنى زادىلا ئۇنتالمايۋاتاتتىم. روھىم، جىسمىم خاراپلىشىپ ئىرادەمنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمايۋاتىدۇ، مەن نېمە دېگەن غۇرۇرسىز، نېمە دېگەن ئەقىلسىز ئايال؟ بۇرۇن ئوقۇۋاتقان چاغلاردا ھەممىڭلار مېنى ئەقىللىق دەپ بەكمۇ ئامراق ئىدىڭلار، ئەمدىچۇ؟
             رەيھان، ئۇ كۈنى كېچە ھاۋا تازا تىنجىق ئىدى. مەن يەنىلا ئۇخلىيالماي بىئارام بولۇپ بارلىق ئاماللارنى قىلىپ باقتىم، ساتتار سەبى بىلەن ئۇيقۇغا كەتكەنىكەن، ئۇيقۇ دورىسى تۈگەپ قاپتۇ. يەنىلا ئۇخلىيالمىدىم، ئىرماش خىياللار، مۇرەككەپ - چىگىش ئويلار مېنى ئازابلاپ ئارام بەرمەيۋاتاتتى. ئاخىر ياندىكى ئۆيگە كىرىپ ساتتار ئۆتكەندە بايراملىق ئەكىلىپ قويغان يۇقىرى ئىسپىرتلىق ئاق ھاراقنى ئېلىپ چىقىپ كۆزلىرىمنى يۇمۇپ ئىچىشكە باشلىدىم، كېيىن ساتتارنىڭ يۈگۈرۈپ چىقىپ مېنى ئەيىبلىگىنى ۋە ئىچىمگە پاتمىغان ئىز تورى www.iz.la

    ئالۋاستى ۋەقەسىنى سۆزلىگىنىمنى غۇۋا ئەسلىيەلەيمەن. مەستلىكتىن يېشىلىپ قوپسام ساتتار يېنىمدا دۈم يېتىپتۇ. نېمە قىلىشىمنى بىلمەي سەبىنى چاقىردىم، بىردەمدىلا ئۆي ئىچىگە خۇلۇم قوشنىلار يىغىلىپ بولدى. ئارقىدىن بىر نەچچە دوختۇر كېلىپ ساتتارنىڭ يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بىلەن تىنىقىنىڭ توختىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ كېتىپ قالدى. سەبى ئىككىمىز يىغلىدۇق، قاقشىدۇق، مەن گۇناھىمغا تۆۋە قىلىپ كېچە - كۈندۈز ئۇخلىمىدىم. ئاھ، تەڭرى مەن كەچۈرگىسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئىكەنمەن، ساتتار كەتكۈچە مەندەك ناپاك ئايالنى ئەكەتكەن بولساڭچۇ؟ قايغۇ - غەم بىلەن ئىككى ئايدىن ئارتۇق ئۆيدە يۈردۈم. يىل ئاخىرى بولۇپ قالغانلىقتىن ئىدارىدىن خەۋەر كېلىۋەردى، شۇڭا ئشىقا چۈشتۈم. xxx نى ئۇچرىتىپ خۇددى ئۇ ھازىرلا ئالۋاستىغا ئايلىنىپ يۈرىكىمنى سۇغىرىپ غاجايدىغاندەك تىنىم شۈركىنىپ كەتتى. شۇغىنىسى ئۇ پەرۋاسىز تۇرىۋەردى. ئىشتىن چۈشۈپ ئىدارىمىز ئالدىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق. مەن ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى بوش لىڭشىتىپ ئېغىز ئاچتىم: تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
       - ياخشىمۇ سىز؟
       - نېمە دەيسىز؟ سىزگە يەتمەپتۇ - دە؟ مۇناسىۋىتىمىزنى باشقىلار بىلىپ قالسۇن دېمەكچىمۇ سىز؟ مەن سىزنى زورلىمىغان، ئۇ ئىش ھەرقايسىمىزنىڭ رازىلىقى بىلەن بولغان، ھەر قايسىمىزنىڭ ئائىلىسى بالا - چاقىسى بار.
              ئۇ گېپىنى باشقىلار ئاڭلاپ قالىدىغاندەك ناھايىتى ئاياپ تۆت ئەتراپقا ئوغرىدەك قارىۋېتىپ دېدى.
           رەيھان، بۇ شەخسىيەتچى ئالۋاستىنىڭ نەرىنى سۆيدۈم، نېمىلەرنى يوقاتتىم، يەنە نېمىگە ئېرىشتىم؟ كۆزلىرىمنىڭ چانىقىغا كېلىپ قالغان ياشنى ئەلەم بىلەن يۇتىۋېتىپ، ئۆيگە يېنىپ كەلدىم. ئويلاپ كۆرسەم ساڭا خەت يازمىغىلى، تېلېفون بەرمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ گۇناھلىرىمنى ساڭا بايان قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھازىر سەبىمۇ جىمغۇرلىشىپ كەتتى. ناھايىتى ئاز گەپ قىلىدۇ. بولسا خەتنى ئېلىپ يېنىمغا كەلسەڭ، سېنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى.

    ئىز تورى بەك ياخشى


        ئايشەم
       2001- يىلى نويابىر، ئۈرۈمچى"

    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    رۇخسەت سوراپ ئەتىسىلا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدىم. سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ ئاخىر ئۇنىڭ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
           مەن دوختۇرخانىغا بارغىنىمدا ئايشەم خۇددى رايىش كىچىك بالىدەك تامنىڭ بۇلۇڭىغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭغا قارىغان ئادەم ئۇنى بىر نەرسىنى چوڭقۇر خىيال قىلىۋېتىپتۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۇنىڭغا ئېتىلدىم ۋە ئۆزۈمگە قاراتتىم.
      - ئايشەم؟
        نېمىسىنى دەي، بۇرۇنقى قۇندۇزدەك قاپقارا چاچلار ئاقارغان، پاخپىيىپ قالغان، نۇر، ئىشەنچ، كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان قاپقارا كۆزلەر خۇنۇكلەشكەن ۋە نەلەرگىدۇر مەنىسىز تىكىلگەن. قوللار خۇددى ياغاچتەك ئورۇق، ئۇنىڭ پۈتۈن تېنى خۇددى ئىسكىلىتتەك بولۇپ قالغان. ئۆزۈمنى بېسىۋېلىشقا شۇنچە كۈچەپ باقساممۇ كۆز ياشلىرىمنى باشقۇرالمىدىم. يۈزلىرىمنى ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىپ، قوللىرىنى چىڭ سىقتىم، تۇيۇقسىز قاتتىق ۋارقىراشتىن ئارقامغا نەچچە قەدەم داجىپ كەتتىم.

    بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


     - ئالۋاستى، ئالۋاستى مېنى يەيدۇ....
           ئايشەم قوللىرى بىلەن يۈزىنى توسۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن قورقۇنچ  بېسىپ چەكچەيگەن كۆزلىرىنى توسۇۋالالماي ئارقىغا چېكىندى.
      - ئەنسىرىمەڭ، بۇ مەن - رەيھان، ماڭا ياخشىراق قارىغىنە، - مەن ئايشەمنىڭ دولىسىدىن تۇتۇپ ئۆزۈمگە قاراتتىم.
      مېنى يېگىن مەيلى، بالامنى يېمە.
          ئۇنىڭ قورقۇنچ باسقان كۆزلىرىنى ئۆتۈنۈش ئىگىلىدى. بىر نېمىلەرنى دەپ ئاغزىدىن كۆپۈك چاچرىتىپ ھۇشىدىن كەتتى.
             مەسئۇل دوختۇرنى تېپىپ سۆزلەشتىم. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئايشەمنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن، كۈن بويى تاماق يېگىلى ئۇنىماي قېشىغا كىم كەلسە: " ئالۋاستى" دېگەندەك چۈشىنىكسىز بىر گەپلەرنى قىلىپ ئالا - تاغىل سۆزىلەپ يۈرىدىكەن.

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


        ئەتىسى بىرنەچچە ساۋاقداشلار يىغىلىپ قالدۇق. ئۇلاردىن دەسلەپتە تۇيۇقسىزلا ساتتارنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سەبىنىڭ ماشىنا ھادىسىسىدە ۋاپات بولغانلىقىنى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئايشەمنىڭ تولا يىغلاپ بارا - بارا مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇم.
    www.iz.la

    مەنبە؛ ئەقىلىم تورى copyright by www.iz.la

ھەممە (476) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • KOKDENGIZ
    2011-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى KOKDENGIZ
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • MAMATALIY
    2011-يىلى01-ئاينىڭ13-كۈنى MAMATALIY
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • keramjan
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى keramjan
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • naprat0998
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى naprat0998
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز
  • rana211
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى rana211
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • MAMATALIY
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى MAMATALIY
    1505686739 13289034902
  • MAMATALIY
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى MAMATALIY
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • tanhayaprak005
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى tanhayaprak005
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • anwar714
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى anwar714
    ياخشىمۇسىز
  • tabassom
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى tabassom
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • YUSUPJAN00
    2011-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنى YUSUPJAN00
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • tirixkin
    2011-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنى tirixkin
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • tirixkin
    2011-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنى tirixkin
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • boran288
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى boran288
    ياخشېمۇسېز دوستۇم سالامەتمۇسېز يوقلاپ بارغېنېڭزغا كوپرەخمەت سالامەت بولۇڭ مەن چ چ ئويناپ قېلېپ كېلەلمېدېم .
    سېزنېڭ چ چ نومرېڭزنې سورسام بولامۇ دەپبېرېشنې خالېمېسېڭز مەيلې
  • boran288
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى boran288
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • hertik
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى hertik
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز
  • hertik
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى hertik
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز
  • YUSUPJAN00
    2011-يىلى01-ئاينىڭ05-كۈنى YUSUPJAN00
  • YUSUPJAN00
    2011-يىلى01-ئاينىڭ05-كۈنى YUSUPJAN00
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • abdusali
    2011-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنى abdusali
    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .قانداق ئەھۋالىڭىز .كۇنلىرىڭىز خۇشال ئۇتۋاتامدۇ ۋاقتىڭىز بولسا بىزتەرەپلەرگىمۇ ئۇتۇپ قۇيارسىز

» تىخىمۇ كۆپ