ئايگۇل


ئايگۇل (ئەزالىق ئىسمى: aygul123)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 3576 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 131604 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 452 ،  جۇغلانمىسى: 5082
  • دەرىجىسى: باش دىرېكتور يا
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/aygul123

ياشلىق سىرى

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    چاقماق چاقىدۇ ، ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ ، كېتىدۇ ، ئەمما ياشلىق چاغدىكى-تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسىرەت ھەرگىزمۇ ئۆچمەيدۇ ، كەتمەيدۇ .
    كەچ كۈز ، دەرخلەر قاقشال .
        بوران گۈركىرەپ چىقماقتا . ئاسمان يۈزىنى چاڭ – تۇمان قاپلىغان . دەرخلەر ۋىڭىلداپ ، پۇتاقلار قاراسلاپ سۇنماقتا . . .
    قاقشال ئورمانلىق ئىچىدىن ياشقىنە بىر يىگىت چىقىپ كەلمەكتە . ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى سۇنۇق ۋە مۇرەككەپ ، قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرى غەزەپلىك ۋە تولىمۇ غەمكىن . ئۇ يالاڭۋاش ، چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن ، ئۇچىسىدا ئاق پاڭچۇ كۆڭلەك ، ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي ، چاپىنىنى ئۆشنىسىگە تاشلىغان .

    ئىز تورى بەك ياخشى

        ئۇ ئاستا مېڭىپ ئورمان بويىدىكى بىر تۈپ قارىياغاچنىڭ تۈۋىگە كېلىپ توختىدى – دە ، ئېرىقتىكى ئېقىپ كېتىۋاتقان سۈزۈك سۇنىڭ ئاستىدىكى رەڭدار ئۇششاق تاشلارغا قارىدى . چاپىنىنى تېگىگە سېلىپ ، قارىياغاچقا يۆلىنىپ ئولتۇردى . ئۇ مۇڭلىنىپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ ، سۇ ئۈستىدىكى ئېقىپ كېلىۋاتقان سېرىق ياپراقلارغا تەلمۈرۈپ خىيالغا چۆمدى .
        . . . ئېھ ياشلىقىم ! گۈزەل سۆيگۈ باھارىم ، سەن ھاياتىمغا خۇددى نەۋ باھاردەك كىرىپ كەلدىڭ – دە ، گويا شامالدا ئۇچقان تۈتۈندەك غايىپ بولدۇڭ . . . ئېھ سۆيگۈ باھارىم ، ئۆزۈڭنىڭ قىزىلگۈلىنى ماڭا سۇندۇڭ – دە ، پۇراپ بولغۇچە تارتىۋالدىڭ . . . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    ئېھ !
    مېنىڭ گۈزەل سۆيگۈ باھارىم ،
    ۋەيران بولدۇڭ سېرىق غازاڭدەك .
    قالدىم مەنلا يالغۇز ۋە مەيۈس ،
    ياپراقلىرى تۆكۈلگەن گۈلدەك . . .
        ئېھ ھايات . . . ، شېرىن مۇھەببەت ، جانىجان سۆيگىنىم تۇرسۇنئاي . . . بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن . . .
        بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن . . .
        ئۈرۈمچىنىڭ ئاخىرقى قىش كۈنلىرى . بەختىيار ئۆز ياتىقىدا يالغۇز . تاگورنىڭ ئاتاقلىق رومانى « ھالاكەت » نىڭ ئاخىرقى بابلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتتى – دە ، تاماكىدىن بىرنى ئورىدى . ئۆي ئىچىنى ئىسسىپ كەتكەندەك سېزىپ ، دېرىزىنى ئاچتى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ھەيۋەتلىك بوغدا چوققىسى گەۋدىلەندى . ئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغقا قاراپ خىيال سۈردى : بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
        بۇ يەردە مارت ئايلىرى كەلگەن بولسىمۇ ، تېخىچە ئاق قار ئۆز ھۆسنىنى نامايان قىلماقتا . مانا « ھالاكەت » نىڭ قەھرىمانلىرى ياشىغان جايلاردا بولسا يامغۇر ھېچقاچان سوغۇق ،قاتتىق ، پاراقىراق قار ئۇچقۇنلىرىغا ئايلانمايدۇ . ئىللق ياقلاردا قار نەملىك ۋە گۈزەل بولىدۇ . قارمۇ ياخشى ، بۇ ساپ قار قاتلىمى تېخى شېرىن ئۇيقۇدا ياتقان باھارنىڭ خەۋەرچىسىدۇر . قارلىق دالالاردىكى تاغ چېيىنىڭ چوغدەك قىزىل ئۈنچىلىرى ، ياۋا ئالۇچىنىڭ ياپيېشىل پەردىگە ئورالغان ئاپئاق گۈللىرى جىلۋە قىلدۇ ، بۇلار نېمىدىگەن گۈزەل – ھە ؟ قارنىڭ ئاستىدا بولسا مۇزلىغان گىياھلار يېشىل تۈس ئېلىپ بىخ چىقىرىشقا باشلايدۇ . قار ئاستىدا باھارىنى تەشنا بولۇپ كۈتىدۇ . . . مېنىڭ قەلبىمدە ھەم گويا باھارنى كۈتۈپ تۇرغان يۇمران بىخلارغا ئوخشاش ئاجايىپ بىر ئارزۇ – ئىستەك گۈللىمەكتە . گۈزەل بىر ئىسىم چوڭقۇر يىلتىز تارتماقتا . ئەلۋەتتە ، باھار كەلگەندە كۆكلەپ ياشنىسا ، نېمىدىگەن ياخشى – ھە ؟ شېرىن مۇھەببەت . . . ئېھ ، تۇرسۇنئاي . . . گۈزەل ئىسىم . سۆيۈملۈك قىز . . . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
    يۈرىكىڭ يالقۇنلىرىدىن قەلبىمگە ئوت بەرسەڭ سۆيەي ،
    چىن ئىشق گۈلزارىدىن گۈلچىمەن تەرسەڭ سۆيەي .
    ناز بىلەن پەرداز ئۈچۈن قەلبىم مېنىڭ مەپتۇن ئەمەس ،
    مۇھەببەت داۋانلىرىدىن مەن بىلەن ئۆتسەڭ سۆيسەڭ .
    نەۋ باھار ، گۈل باھار كەلدى . . .
        مۇز ھەر قانچە قىلسىمۇ باھار ئاپتىپىنىڭ تەپتىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى . خۇددى شۇنىڭدەك ، باھار كېلىشى بىلەن تەڭ ، بەختىيار ئۆز قەلبىدىكى مۇھەببەتنى ھەر قانچە يوشۇرغان بولسىمۇ ، بىراق ئامال بولمىدى . بەختىيار تۇرسۇنئاينى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالدى . ئۇنىڭ تەمبۇرى تىنماي سايرايدىغان ، ئاغزى سۆيگۈ ناخشىلىرىدىن بوشىمايدىغان بولۇپ قالدى . www.iz.la
    سۈبھى تاڭ . . .
        ئاق لەيلىنىڭ ياپراقلىرىدىكى مەرۋايىتتەك سۈزۈك شەبنەم تامچىلىرى تاڭ قۇياشىنىڭ نۇرىدا ياقۇتتەك جىلۋە قىلاتتى . ئەتراپتىكى رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلايتتى . يىراقلاردا كاككۇك سوزۇپ – سوزۇپ زوق بىلەن سايرايتتى .
    بۈگۈن بەختىيار ناھايىتى خۇشال ئىدى . چۈنكى ئۇ تۇرسۇنئاينىڭ مۇھەببەت بىلەن تولغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى . بەختىيار سەھەردىلا مۇشۇ ئورمانلىققا كېلىپ ئېرىق بويىدىكى قارىياچاچ تۈۋىدە ئولتۇرغانىدى . شۇنىڭدىن بېرى تەمبۇر چېلىپ ناخشا ئوقۇيتتى . ئۇ تەمبۇرنى زوق بىلەن چېلىپ يېڭى ناخشا باشلىدى :
    تۇرسۇنئاي ئەقىدەم كۆپ ، دىلىمدا سەن گۈلى رەنا ،
    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    سېنىڭدەك نازىنىن قايدا مۇھەببەت دىلبىرى رەنا .
    نەزەر سالسام تەبەسسۇم قىل ، ۋاپا ئەيلە ، جېنىم دەيمەن ،
    بەختىڭچۈن پىدا بەختىم ، سېنىڭ ئىشقىڭدا جان رەنا .
    سېنىڭچۈن شېھىت بولماق ماڭا ئەڭ زور سائادەتتۇر ،
    مۇھەببەت – سۆيگۈ بابىدا مۇشەققەت چەكمىگەن كىم بار ؟ !
        بەختىيارنىڭ ئاۋازىدا سۆيگۈ گۈلىستانىغا قەدەم قويغان ياش يىگىتنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى ئەكس ئېتەتتى . ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا چىن مۇھەببەتنىڭ ، مۇھەببەتلىك ياشلىقىنىڭ ھۇزۇر – ھالاۋىتى ، سادىقلىق ، ۋاپادارلىقنىڭ بۈيۈك ئەقىدىسى جاراڭلايتتى .
        ئۇ ناخشىدىن توختىدى . تۇرسۇنئاينىڭ خېتىنى تۈنۈگۈن كەچتىن بېرى قايتا – قايتا ئوقۇغان بولسىمۇ ،گويا ئۇسساپ سۇغا قانمىغان كىشىدەك يەنە بىر قېتىم ئوقۇدى : ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    « قەدىرلىكىم بەختىيار !
    خېتىڭ ئۈچۈن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن ! ساڭا چىن يۈرىكىمدىن رەخمەت !
    سېنىڭ ئىشقىڭغا يار بولۇش ، ھاياتنى سەن بىلەن ئورتاق ئۆتكۈزۈش مېنىڭ ئارزۇيۇم ۋە بەختىمدۇر .
    بەختىيار ، بىلسەڭ كېرەك ، قىزنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكى پەقەت ئۇنى سۆيگەن يىگىت قەلبىنىڭ قىز قەلبىدىكى تولۇق ئەكسىدۇر ، قىزنىڭ بەختى يىگىتنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن چىن ئىشقىدۇر .
    ۋاپا – ساداقەت بىلەن ياش مۇھەببىتىمىز گۈللىسۇن !
    ساڭا ئۆزۈم ، بارلىقىم تەئەللۇق !
    سېنى سۆيۈپ :
    كەلگۈسىدىكى  رەپىقەڭ  -  تۇرسۇنئاي . »
    چىرايلىق ياز ، گۈزەل ئاخشام .
        گويا گۈزەل قىزنىڭ ئەگمە قاشلىرىغا ئوخشىشدىغان ئاي ناھايىتى نازلىق قىياپەتتە ئۆز نۇرلىرى بىلەن ئەتراپقا كۆز تاشلايتتى ۋە بەزى كۈل رەڭ بۇلۇتلار بىلەن مۆكىمۆكىلەڭ ئوينىشاتتى . ئوماق يۇلتۇزلار بىر – بىرى بىلەن ئويناشقاندەك كۆز قىسىشاتتى . ياز ئاخشىمىنىڭ جانغا ھۇزۇر ئىزغىرىن شامىلى يېشىل ياپراقلارنى لەرزان چاۋاك چالدۇراتتى . بەختىيار بىلەن تۇرسۇنئاي ئېرىق بويىدىكى قارىياغاچ تۈۋىدە ئولتۇراتتى .
    ئىز تورى www.iz.la

    بۈككىدە ئورمانلىق ئىچىدىن گارمونغا تەڭكەش ناخشا ئاڭلاندى :
    كېتەر بولدۇم يىراقلارغا ھىجران يۈكىنى ئارتىپ ،
    چىدىغىن سەن پىراقلارغا سېغىنغاندا ئۇھ تارتىپ .
    تاشلاپ كەتتى دېمىگىن ، كۆڭلۈم قالىدۇ سەندە ،
    دۈشمەنلەر سوغ كۈلۈشمىسۇن ، كۆزۈڭنى ياشلىما غەمدە .
        - گارمونچى يىگىتكە ھىجران كەلگەندەك ، - دېدى بەختىيار .
        - بەلكىم ، ھايات قوشماق يۈرەكلەرنى ۋاقىتلىق ئايرىغاندۇ ، - دېدى تۇرسۇنئاي چوڭقۇر مەنىدە ، - ھىجران ۋاپا بىلەن ئۆتسە ، مۇھەببەت تاۋلانسا ياخشى .
        - شۇنداق ، مۇھەببەت پەقەت چىرايلىق كۈنلەردە، ئايدىڭ كېچىلەردە ئويناشلا ئەمەس ، مۈشكۈل پەيتلەردە ئۆزگەرمىگەن ، ھىجراننى يېڭەلىگەن مۇھەببەت ھەقىقىي مۇھەببەتتۇر . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
        - ئەلۋەتتە ، بىز مۇھەببەتلىك بەختىمىز ئۈچۈن كۈرەشكۈچىلەر ، ۋاپا ، ساداقەت بىزنىڭ ئەڭگۈشتىرىمىز بولۇشى كېرەك .
        - تۇرسۇنئاي ، سېنىڭ شۇنداق قىلالىشىڭ مۇمكىنمۇ ؟
        - مۇمكىنلا ئەمەس ، بەلكى مۇقەررەر . چۈنكى ئۆز بەختىم ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىشنى ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ ، شۇنداقلا مەن سېنى قەلبىمدىن سۆيگەنىكەنمەن ، مېنىڭ بەختىممۇ پەقەت سەن بىلەن .
       - مۈشكۈل پەيتلەردە دولامدا قولۇڭنى كۆرەرمەنمۇ ؟
       - شەك – شۈبھىسىز ئىشىنىشىڭ كېرەك .
       - مۇھەببەت شەيتانلىرى ساڭا گۈل تەڭلىسىچۇ ؟
       - قەلبىمنى تامغا قىلىپ باسقان ئەقىدەمگە سادىقمەن . مەن ئۈچۈن ياماننىڭ گۈلىدىن ، سېنىڭ قولۇڭدىن پۇرىغان پىياز مىڭ ھەسسە ياخشى . چۈنكى : ئىز تورى www.iz.la
    ئەھلى سۈرەتلەرنىڭ ئەسلا دىلدارى بولماس ،
    ۋاپاسىز كىشىنىڭ ۋاپالىق يارى بولماس .
        سۆھبەت شۇ يەردە ئۈزۈلۈپ قالدى . تۇيۇقسىز ۋاقىرىغان مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتكەن تۇرسۇنئاي « ۋاي ! . . . » دەپ بەختىيارغا تاشلاندى . بەختىيارنىڭ كۈچلۈك قوللىرى شۇ ھامانلا تۇرسۇنئاينىڭ نازۇك بەللىرىگە چىرماشتى . ئوتلۇق لەۋلەر ئىختىيارسىز بىر – بىرىگە ئۇرۇلۇپ كەتتى
    ئەتراپنى ئاق قار قاپلىغان مارت ئايلىرىنىڭ بېشىدا تۇرسۇنئاي ۋە ئۇنىڭ سىنىپداشلىرى ئۈچ چوڭ ئاممىۋى ھەرىكەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن يىراقتىكى « ئالمىلق باغ » قا خىزمەتكە كەتتى . شېرىن مۇھەببەتكە ئاچچىق ھىجران ئۆز قىلىچىنى چاپتى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    بەختىيار بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆز ياتىقىدا تەمبۇر چېلىپ ناخشا ئوقۇيتتى . ئۇ ھازىرمۇ تۇرسۇنئاينىڭ سېغىنىش بىلەن يازغان خېتىنى ئوقۇپ تۈگەتتى – دە ، يېڭى ناخشا باشلىدى :
    يار كەتتى يىراقلارغا ، ئەمدى مەن كۆرەلمەيمەن ،
    ئوماق يارىم تۇرسۇنئاي ، قانغۇدەك سۆيەلمەيمەن ،
    ئەجەپ ئايرىلدۇق تۇرسۇنئاي ، ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئاي .
    تەمبۈرنىڭ زىل نازۇك تارى بەختىيارنىڭ قەلبىگە تەڭكەش تىترەيتتى . ئۆز يارىنى سېغىنغان يۈرەكلەرگە مۇڭ ۋە ئۈمىد بېغىشلايتتى .
    بىز ئايرىلغان شۇ سەھەر ئەجەپ دەھشەت سوغ ئىدى ،
    قاچان كۆرۈشەرمىز دەپ ، كۆزلىرىمىز ياش ئىدى ،
    قانداق قىلىمىز تۇرسۇنئاي ، چىرايلىقىم شېرىن ئاي . ئىز تورى www.iz.la
    بەختىيارنىڭ ئاۋازىدا كۈچلۈك سېغىنىشنىڭ يالقۇنلۇق ئوتى گۈرۈلدەيتتى . ئىنسان ئۈچۈن زۆرۈر ، مۇھەببەت ئۈچۈن قىبلىنامە بولغان ۋاپا – ساداقەتنىڭ نامى قايتا – قايتا تەكرارلىناتتى .
    مۇڭلىنىپ ساز چالىمەن سەنمۇ ئامراق ناخشىغا ،
    يۈرىكىمىنى بەرمەسمەن سەن يارىمدىن باشقىغا ،
    كەلسە ۋىسال ، تۇرسۇنئاي ، قېنىشارمىز ئوماق ئاي .
    بەختىيار بىلەن تۇرسۇنئاينىڭ ئايرىلغىنىغا مانا بەش ئايدىن ئاشتى . ئۇلار بىر – بىرىنى بەك سېغىناتتى . ئۇلارنىڭ خەتلىرى ھەپتىمۇ ھەپتە دېگۈدەك ئالمىشىپ تۇردى .
    گۈزەل باھار ، چىرايلىق ياز كېتىپ تەبىئەت سېرىق لىباس يېپىنغان چاغدا بەختىيارلار كۈزلۈك يىغىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن ، يىراق تاغلىق رايونغا كەتتى .
    ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى .
    يىراقلاردىن مەن كېلۇرمەن سېنى سېغىنىپ ، يارى – يار ،
    ئوتلۇق ئىشقىڭ ، مېھرىڭ بىلەن ئوتتەك يېنىپ يارى – يار .
    ئاسغالت يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئىچى ناخشا – كۈلكە بىلەن تولغانىدى . كۈزلۈك يىغىمغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېقا قايتىپ كېلىۋاتاتتى ، بەختىيار زوقلىنىپ ناخشا ئوقۇيتتى :
    ئايدەك يۈزۈڭ ، چولپان كۆزۈڭ كۆز ئالدىمدا ، يارى – يار ،
    تاتلىق سۆزۈڭ ، شېرىن ۋەدەڭ قەلبىمدە بار ، يارى – يار .
        بەختىيار خۇشال ئىدى ، ئۇنىڭ قەلبى ناخشا بىلەن تولغانىدى . تۇرسۇنئاي مۇشۇ ئاينىڭ بېشدا يازغان خېتىدە : « بەلكىم ئون بەشىنچى بويابىرغىچە قايتارمىز ، خىزمەتلەر تامام بولاي دېدى . . . » دەپ يازغانىدى . بۇ ، بەختىيارنىڭ سېغىنىش ئوتى بىلەن كۆيۈپ قاغجىراپ كەتكەن يۈرىكىنى ياشارتىۋەتكەنىدى . شۇڭا بەختىيار : تۇرسۇنئاي بۇ چاغقىچە قايتقاندۇر ، ۋىسال – كۆرۈشۈش قانچە ياخشى . . . ، دەپ ئويلايتتى . ئۇنىڭ تۇرسۇنئاينى سېغىنىپ ، ۋىسالنى زارىقىپ كۈتكەن يۈرىكىدىن ئوتلۇق ناخشا خۇددى فۇنتاندەك ئېتىلىپ چىقاتتى ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    ئۆتتى ئايلار ئۇنتۇمىدىم ، قەلبىمدە سەن ، يارى – يارى ،
    مۇھەببەتنىڭ قىزىل گۈلى چېچەك ئاتسۇن ، يارى – يار .
        بەختىيار ئۆستەڭ بويىدىكى قارىياغاچ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ خىيالىدىن يۇقىرىقىلارنى كەچۈردى .
        ھۆرمەتلىك كىتابخان ! شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ھېكايەم تامام .بۇنداق دېسەم ، « قانداق ساراڭ بالا بۇ ، گېپىنىڭ ياكى بېشى ، ياكى ئاخىرى يوق » دەپ ئويلارسىز . سىز شۇنداق ئويلاشقا ھەقلىق ، مەنمۇ ھەم ھەقلىق . چۈنكى باشقىلارغا ئوخشاش ، بىلمىگەننى « بىلىمەن » دېگۈم كەلمەيدۇ . راسىت ، شۇنداق ، بەختىيارنىڭ خىيالى شۇ يەردە تامام بولدى . بەلكىم ئەمدى سىزدە « بەختىيار شۇ قارىياغاچ تۈۋىدە ئولتۇرغانچە قالدىمۇ ؟ ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى نېمە بولدى ؟ تۇرسۇنئاي قېنى ؟ . . . » دېگەن سوئال تۇغۇلار . بۇ توغرا ، تاس ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن . www.iz.la
        بەختىيار يۇقىرىقىلارنى ئويلاپ بولۇپ خېلى ئۇزاق جىم ئولتۇردى . ئۇنىڭ خىيالىدا نېمە بارلىقىنى مەن بىلمىدىم . كېيىن ئۇ بىر تال ياپراققا :
    « تۇرسۇنئاي ! خاتىرجەم بول ! سۆزۈڭنى ئورۇنداپ ، ئۆز ئەقىدەمگە سادىق ياشايمەن ! » دەپ يازدى – دە ، ئۇنىۋېرسىتېتقا كەتتى .
        قالغان مەسىلىلەر توغرۇلۇق مەن تەپسىلىي بىر نەرسە بىلمەيمەن . پەقەت سىزگە ئۈچ پارچە خەت قالدۇرۇپ كېتىمەن . خەير ھۆرمەتلىك كىتابخان دوستۇم ، سىزگە بەخىت تىلەيمەن !
    بىرىنچى خەت
    « جانجىگەر دوستۇم ئۈمىد !
    مەن ئەڭ ئاۋۋال ساڭا بەخت – شادلىق تىلەيمەن ! ئەھۋالىڭ ياخشىدۇ ، مەن ھەم ياخشى . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
    سەن ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ، شۇڭا بۇ خېتىمدە ساڭا بىر نەرسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن .
    مەن بۇ يەردىكى دوستۇم بەختىيار توغرۇلۇق ئۆتكەنكى خەتلىرىمدە ساڭا يازغانىدىم . ئۇ ئالىيجاناب ، تېپىلماس يىگىت ئىدى . يېقىندا ۋاپات بولدى .
        ئۆتكەنكى يەر تەۋرەش ئېسڭدە باردۇر ، بۇ دەل دەرس ۋاقتى بولۇپ ، بەختىيار قىزغىن دەرس سۆزلەۋاتقاندا ، يەرنىڭ تەۋرىشى بىلەن ئۆگزىنىڭ بىر تال توغرا ياغىچى سۇنۇپ كېتىدۇ . سىنىپنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ، ئوقۇغۇچىلارنى بېسىۋېلىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ . دەل شۇ پەيتتە بەختىيار : 〈 تېز قېچىڭلار 〉دەيدۇ – دە ، ئۆز گەۋدىسى بىلەن ياغاچنى يۆلەپ تۇرىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىپ بولۇشىغا بەختىيار ھالىدىن كېتىدۇ ، سىنىپ ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ . . .
    بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

        قارىغىنا ، دوستۇم ، بۇ نېمىدېگەن بۈيۈك خىسلەت ؟ ئۇنىۋېرستېتنى پۈتتۈرگەن ، يىگىرمە تۆت ياشقا تولغان ، ئەمما تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان ياش يىگىت ئۈچۈن مەدھىيىلەشكە لايىق خىسلەت .
        بەختىيار تولا چاغلاردا ماڭا 〈 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىككى يىلىق ھاياتىم چىن مۇھەببەت بىلەن ئۆتكەنىدى . مېنىڭ سۆيگەن غۇنچە گۈلۈم بار ئىدى ، كېيىن ئايرىلدۇق . ۋىسال كۈنلىرى كېلىپ بىز كۆرۈشىدىغان چاغدا – مەن كۈزلۈك يىغىمدىن قايتقاندا ، مېنى سۆيگىنىم ئەمەس ، بەلكى دوستۇم ۋە سۆيگىنىمنىڭ خېتى كۈتۈۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ھەممە نەرسە تامام بولدى . . .  〉دەيتتى . ساڭا ئۇنىڭ يېنىدىن چىققان ئىككى پارچە خەتنى قوشۇپ ئەۋەتتىم ، يېڭى ھېكايەڭنى كۈتىمەن . www.iz.la
    خوش ! بەختلىك بول !
    دوستۇڭ ئابدۇرېھىم »
    ئىككىنچى خەت
    « قەدىردان دوستۇم بەختىيار !
    ساڭا سادىق يۈرىكىم بىلەن بۇ دەھشەتلىك خەۋەرنى ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە مەجبۇرمەن .
    تۇرسۇنئاي ئۆلۈپ كەتتى ! ! !
        ۋەقە مۇنداق : تۇرسۇنئاي بىلەن بىللە يەنە بىر دوختۇر ئىشلەيتتى . ئۇ تۇرسۇنئايغا 〈 كۆيۈپ 〉قاپتۇ . ئەمما تۇرسۇنئاي ئۇنىڭ بارلىق خەت ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي رەت قىلىپتۇ . دەل شۇ پەيتتە بىز قايتماقچى بولدۇق . ئالدىراپ قالغان دوختۇر ئۆزىنىڭ ياۋۇز نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، تۇرسۇنئاي يوق چاغدا مەسىت قىلىدىغان دورا ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ . خىزمەتتىن كەچتە ھېرىپ – ئۇسساپ كەلگەن تۇرسۇنئاي چايدىن بىر پىيالە ئىچىپتۇ – دە ، مەسىت بولۇپ قاپتۇ . بۇ پۇرسەتنى كۈتكەن رەسۋا دوختۇر ئۇنىڭ نومۇسغا تېگىپتۇ . . .

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


    دوستۇم بەختىيار ، بىز ئەتىسى چۈشلەر ئەتراپىدا تۇرسۇنئاينىڭ جەسىتىنى تاپتۇق . دەريا بويىدىكى سۆگەت بۈك – باراقسان بولۇپ ، دەريا يۈزىگە ئېگىلىپ ، چوڭقۇر قاينامنى يوشۇرۇپ تۇراتتى ، تۇرسۇنئاي دەل شۇ يەرنى تاللىغان ، سۆگەتكە سىرتماق سېلىپ ، ئۆزىنى چوڭقۇر قاينامغا تاشلىغان . . .
        بەختىيار ، قايغۇرما ! نەپرەتنى ۋە تۇرسۇنئايغا بولغان مۇھەببەتنى كۈچكە ئايلاندۇر ! تۇرسۇنئاينىڭ ئارمانلىرى ساڭا قالدى . سېنىڭ ئۈستۈڭدىكى يۈك ئېغىر ، ئۆزۈڭنى مەزمۇت تۇت !
        بىزمۇ پات ئارىدا بارىمىز ، تۇرسۇنئاينىڭ يېنىدىن تېپىلغان خەتنى قوشۇپ ئەۋەتتىم ، قالغان گەپلەرنى بارغاندا سۆزلىشەرمىز ! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    خەير !
     قولۇڭنى دوستلارچە سىقىپ : يادىگار »
    ئۈچىنچى خەت
    «  ئۆمۈرلۈك سۆيگىنىم بەختىيار !
        مەن سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇھەببەتلىك ھاياتىمدا ئەقىدەمگە ، ساڭا سادىق بولۇپ ياشىدىم ، دېيىشكە ھەقلىقمەن .
    بەختىيار !
        بۈگۈن مەن سەندىن ، گۈزەل دۇنيا ۋە گۈزەل ھاياتتىن ۋىدالىشىمەن . بۇ ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت . چۈنكى بۇ ئۆلۈم سېنىڭ بەختىڭ ، سېنىڭ قەدرىڭ ، سېنىڭ شانۇ شەۋكىتىڭ ئۈچۈن ! سېنىڭ شەنىڭگە داغ قالدۇرۇشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن ! ھەم ئۆزۈمنىڭ بەختى ، ھۆرمىتى ئۈچۈن ! شۇنداقلا چىن مۇھەببەت ، ۋاپا – ساداقەت ، قىزلىق غۇرۇرۇم ، نومۇسۇم ماڭا قىممەتلىك بولغىنى ئۈچۈن ! . . .
    copyright by www.iz.la

        بەختىيار ، مەن سەندىن تولۇق رازىمەن . سەن ئالىيجاناب ، ۋىجدانلىق ، سۆيۈشكە لايىق يىگىتسەن . مېنىڭ سەن بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈش مەقسىتىم بار ئىدى . ئەپسۇسكى ، مېنى بۇ بەختتىن قارا نىيەت يالماۋۇزلار مەھرۇم قىلدى .
        مېنىڭ سەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم : مەن ئۈچۈن قايغۇرما ! ئۆزۈڭنى مۇستەھكەم تۇت ! خالىساڭ ئۆزۈڭگە يارىغان قىزدىن بىرنى تاللاپ مۇھەببەتلىك بەختىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىل ! ئەمما مېنى پەقەتلا ئەسلەپ قوي ! مېنىڭ ئالىي ئارزۇ – ئىستەكلىرىم ساڭا قالدى . خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى يولىدا مەن ھەم ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئىككى كىشىلىك ئىشلە ! باشقلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمە ! دوستلىرىڭنىڭ پىكرىگە قۇلاق سال ! مۇستەقىل پىكىر قىل ، مۇستەقىل ياشا ! ئىز تورى www.iz.la
    مەرھۇم مەھبۇبەڭ : تۇرسۇنئاي . . . »
    مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    مەنبە؛ ئوكيان تورى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ھەممە (476) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • KOKDENGIZ
    2011-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى KOKDENGIZ
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • MAMATALIY
    2011-يىلى01-ئاينىڭ13-كۈنى MAMATALIY
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • keramjan
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى keramjan
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • naprat0998
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى naprat0998
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز
  • rana211
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى rana211
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • MAMATALIY
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى MAMATALIY
    1505686739 13289034902
  • MAMATALIY
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى MAMATALIY
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • tanhayaprak005
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى tanhayaprak005
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • anwar714
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى anwar714
    ياخشىمۇسىز
  • tabassom
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى tabassom
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • YUSUPJAN00
    2011-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنى YUSUPJAN00
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • tirixkin
    2011-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنى tirixkin
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • tirixkin
    2011-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنى tirixkin
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • boran288
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى boran288
    ياخشېمۇسېز دوستۇم سالامەتمۇسېز يوقلاپ بارغېنېڭزغا كوپرەخمەت سالامەت بولۇڭ مەن چ چ ئويناپ قېلېپ كېلەلمېدېم .
    سېزنېڭ چ چ نومرېڭزنې سورسام بولامۇ دەپبېرېشنې خالېمېسېڭز مەيلې
  • boran288
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى boran288
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • hertik
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى hertik
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز
  • hertik
    2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى hertik
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز
  • YUSUPJAN00
    2011-يىلى01-ئاينىڭ05-كۈنى YUSUPJAN00
  • YUSUPJAN00
    2011-يىلى01-ئاينىڭ05-كۈنى YUSUPJAN00
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • abdusali
    2011-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنى abdusali
    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .قانداق ئەھۋالىڭىز .كۇنلىرىڭىز خۇشال ئۇتۋاتامدۇ ۋاقتىڭىز بولسا بىزتەرەپلەرگىمۇ ئۇتۇپ قۇيارسىز

» تىخىمۇ كۆپ