ئايگۇل (ئەزالىق ئىسمى: aygul123)
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 3576 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 131602 ، جەمئىي يوللانمىسى: 452 ، جۇغلانمىسى: 5082
- دەرىجىسى: باش دىرېكتور يا
- بىكەت ئادىرسىم:/u/aygul123
قولياغلىق
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
ئۇنىڭ خەلىق باغچىسىغا كىرىپ ،يىگىتى ئەلىنى كۈتكىنىگە خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ،لىكىن ھازىرغىچە قارسىمۇ كۆرۈنمىدى . مۇشۇنداق پىژ -پىژ ئىسىقتا ئۆزىنى شۇنچە ساقلاتقىنى ھار كەلدى بولغاي ،ئۇنىڭغا بىردىنلا يىغا ئولاشتى. قۇلاق تۈۋىدە تىخى تۈنۈگۈنلا ئەلىنىڭ ؛
<<گۈلگىنە ،ئەتىكى ئولتۇرۇشقا قاتناشمىساق بولمايدۇ. سىز چىقمىسىڭىز دوسلۇرۇمنىڭ ئالدىدا ماڭا سەت ئەمەسمۇ؟>> دىگەن يىلىنغان قىياپەتتىكى سۆزلىرى جاراڭلايتى. شۇ ئەسنادا ئارقا تەرەپتىن بىرسىنىڭ ئالدىراش دىگۈدەك مىڭىپ كىلۋاتقان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى .بۇ ئاۋاز گەرچە گۈلگىنەگە تونۇش بولسىمۇ ،لىكىن ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي ئولتۇرىۋەردى .ئۇنىڭ كۆزىدىن تارام-تارام ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلەتتى.بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەلى ئۇنىڭ يىنىغا كىلە-كەلمەيلا سۆزنى باشلىۋەتتى؛
گۈلگىنە خاپا بولماڭ ،مەن سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم.
مەن سىزنىڭ ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان قورچىقىڭىزمىدىم؟-دىدى گۈلگىنە ئىسەدەپ يىغىلاپ تۇرۇپ.
شۇنداقمۇ ؟ جان ئالغۇدەك ئسىقىتا شۇنچە ساقلاتقىنىڭىزغا خۇشال بولۇپ سىزنى ماختسىمام بولغۇدەكتە-دىدى زەردە بىلەن گۈلگىنە .
نىمانداق غەرەز ئۇقمايسىز؟-دىدى ئەلىمۇ ئاچچىقلىنىپ سۆزۈمنى بىر ئاز بولسىمۇ ئاڭلاپ بىقىپ ئەيىپلىسىڭىزمۇ ئۈلگۈرسىزغۇ؟ سىزنىڭ يىنىڭزغا كىلىۋاتسام ئىغىر يۈك -تاقا كۆتۈرگەن بىر ئايال ئىسىقتا .........
بولدى سۆزلىمەڭ،دەپ ۋارقىراپ كەتتى گۈلگىنە تاقەت قىلالماي، مۇشۇ ئىسىقىتا قاغىدەك ئاقىرىپ سىزنى كۈتۈپ ئولتۇرسام بولدىكەنۇ ئەجەپ خەق ئولتۇرسا بولمايدىكەن ؟سىز يولدا مومىيڭىزنى دەپ مىنى تاشلىغىنىڭز بىلەنچۇ،مەن سىزنى دەپ ئۆز ئانامنى تاشلىغان . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
راسىت ئەسلىدە بۈگۈن گۈلگىنەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاچىسىنىڭ تۇغۇتىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن كەتكىنىگە بىر ئايدىن ئاشقان ئانىسى قايتىپ كىلەتتى .دادىسى خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا گۈلگىنەنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا چىقىشقا قايتا-قايتا تاپىلاپ قويۇپ خىزمەتكە كەتكەن ئىدى.بىراق گۈلگىنە ئەلى بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغانلىقى ئۈچۈن خوشنىسىنىڭ كىچىك ئوغلىنى ئانىسنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ ئۆزى بۇيەرگە كەلگەن ئىدى.
ئۇ يول بويى كۆز يىشىنى توختىتالمىدى .شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا مۇشۇ ئىسىقتا سانجاق-سانجاق كىشىلەر ئارسىدا ئىككى چىكىسىدىن ئىقىۋاتقان تەر تامچىلىرىنى سۈرتكەن ھالدا ھارغىنلىقىتن ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىنى ھەر تەرەپكە مۆلدۈرلىتىپ قاراپ تۇرغان مھىرىبان ئانىسىنىڭ نۇرلۇق سىماسى كىلىشكە باشلىدى.ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىكەتتە ئادەملەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ئارسىدىن بىر ئادەمنى تىپىش خۇددى دىڭىز ئاستىدىن يىڭنە ئزدىگەندىنمۇ قىيىن ئش ئىدى .ئۇ خىلىغىچە ئىزدەپ ئانىسىنى ئۇچىرتالمىغاندىن كىيىن كىرا قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئىغىر پۇتلىرىنى ئاران دىگۈدەك يۆتكەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى .ئۆيگە يىقىنلاشقاندا ئىشىك ئالدىدىكى ئۇششاق باللارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئۇنىڭغا يىڭىدىن جان كىرگۈزگندەك بولدى ،دە ھەممە ھارغىنلىقلىرىنى ئۇنتىغان ھالدا پىشايۋان ئاستىدا قۇلۇم-قوشنىللىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى.ئۇنىڭ ئەمدىلا توختىغان يىشى يەنە تۆكۈلۈشكە باشلىدى . www.iz.la
ئانىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ گۈلگىنە تىخىمۇ قاتتق يىغلاپ كەتتى.
بولدى ،بولدى قايتىپ كەلسەم خۇشال بولماي يىغلايسەنغۇ ،ئالدىمغا چىقىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم .سەن بۇيرۇتقان نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلىمەن دەپ يۈكۈم خىلىلا ئىغىرلىشىپ قالغان ئىكەن .يول بويىدا سىنى ساقلاپ تۇرسام تەلىيىمگە بىر يىگىت ئۇچىراپ قالدى ۋە ماڭا ياردەملىشىپ نەرسە كىرەكلىرىمنى ئۆيۈمگىچە ئەكىرشىپ بەردى .خۇدا ئۇنىڭغا ئۇزاق ئۆمۈر ئاتا قىلغاي ،كىيىن بىر پىيالا چاي ئىچىپ كىتىشكىمۇ ئۇنماي ،موھىم ئىشىم بار دەپ چىقىپ كەتتى.
گۈلگىنە ئانىسىنى ئارام ئالدۇرۇپ قۇيۇپ يۈك-تاقىلارنى يۇغۇشتۇرۇشقا باشلىدى.تۇساتتىن ئۇنىڭ قولىغا نەپىس ئىشلەنگەن بىر قولياغلىق چىقىپ قالدى ، ئۇ قولياغلىقنى ئۇيان بۇيان ئۆرۈپ ھەيران بولۇپ تۇرىشىغا قىزىغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن چىققان ئانا سۆزىنى باشلىدى؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىسىم قۇرسۇن قىزىم بۇ ھىلىقى يىگىتنىڭ قولياغلىقى ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنى بايا يولدا تەرىمنى سۈرتىۋىلىش ئۈچۈن بەرگەن ،لىكىن ھارغىنلىقتا قايتۇرۇپ بىرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
گۈلگىنە ،بۈگۈنكى كىچكىشنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بولدى ۋە ئانىسىغا
ئانا سىز كىرىپ ئارام ئىلىڭ ،مەن بۇ قۇلياغلىقنىڭ ئىگىسىنى تونىيمەن ،ھازىرلا ئۆز قولىغا يەتكۈزۈپ بىرەي،دىدى ۋە سىرىتقا قاراپ يۈگۈرەپ چىقىپ كەتتى. www.iz.laمەنبە؛ مىسىرانىم بىلوگى
copyright by www.iz.la
ھەممە (476) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
سېزنېڭ چ چ نومرېڭزنې سورسام بولامۇ دەپبېرېشنې خالېمېسېڭز مەيلې
» تىخىمۇ كۆپ