(يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ07-كۈنى چېكىلىشى:
قىتىم)
بالىلىقىمدا ئۈزۈم ھەققىدە ئاڭلىغان رىۋايەتلەر تازا ئېسىمدە قالماپتۇ.ئېسىمدە قالغىنى مۇنداق ئىكەن(قىسقىچىلا دەپ ئۆتەي)؛
كېرىيەنىڭ لەڭگەر دېگەن يېرىدە بىر ئەۋلىيا ئۆتكەنىكەن. بىر ۋاقىتلارغا كەلگەندە يۇرتتا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپتۇ،بوۋاي ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ چىشىنىڭ كاۋىكىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۈچ تال ئۇرۇقنى بېرىپ بۇنى ئۆينىڭ كەينىگە ئاچىقىپ يەرگە كۆمۈپ قويۇشنى بۇيرۇپتۇ. ئۈچ تال ئۇرۇق بىرىنچى كۈنى كۆكلەپ ، ئىككىنچى كۈنى مېۋىگە كىرىپ ئۈچىنچى كۈنى پىشىپتۇ.يۇرتتىكىلەر ئۈزۈم بىلەن بۇ ئاچارچىلىق مەزگىللىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۈزۈم تېلى شۇ ۋاقىتلاردا ئۈچ كۈندە مېۋىگە كىرگەن بولسا كېيىنكى يىللىرىدىن باشلاپ ئۈچ يىلدا مېۋىگە كىرىدىغان بوپتۇ. مەن مۇشۇنداقراق ئىسىمدە تۇتۇۋاپتىمەن، توغرىسىنى ياكى تۇلۇقىنى بىلىدىغانلار يوللاپ قويسا دېگەن ئۈمىدتىمەن، يەنە مۇشۇ رىۋايەتتە ئۈزۈمنىڭ لەڭگەردىن تۇرپانغا تارالغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا يېگەندەك ئۈزۈملەرنى بارا-بارا تاپقىلى بولماس بولۇپ كەتتى. بىرەر مىدىق(بىر ساپنىڭ شاخچىسى) ئۈزۈم يەپ بولغىچە بارماقلىرىمىز بىر-بىرىگە چاپلىشىپ قالاتتى. ھازىرمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۈزۈملىرى شۇنداق شىرىلىك ھەم تاتلىق، لەڭگەرنىڭ ئۈزۈمى باشقا يەرلەرنىڭكىدىن تاتلىقراق ھەم شىرىلىك كېلىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى يەنە ھاراقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:‹‹ نوھ ئەلەيھەسسالام تۇپان بالاسىدىن كېيىن قۇرۇغلۇقنى تېپىپ، كېمىدىكى نەرسىلەرنى قۇرۇغلۇققا چۈشۈرۈش جەريانىدا، مەلئۇن ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇغىنى ئوغۇرلىۋاپتۇ. ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىش جەريانىدا، ئۈزۈم ئۇرۇغىنىڭ يۇقالغانلىقى بايقىلىپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام ئۈزۈم ئۇرۇغىنى كىمنىڭ ئوغۇرلىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىكەن مەلئۇن: «ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇغى مەندە، بىر شەرتىمگە كۆنسەڭ ئۇرۇغنى بىرىمەن» دەپ تۇرىۋاپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام: «قانداق شەرت؟» دەپ سورىغان ئىكەن، مەلئۇن: «ئۈزۈمنى تېرىغاندىن كېيىن، ئۈزۈم تېلىنىڭ ئۈچ قېتىملىق سۈيىنى مەن سوغۇرىمەن» دەپتۇ. نوھ ئەلەيھەسسالام مەلئۇننىڭ شەرتىگە كۆنۈپتۇ. مەلئۇن ئۈزۈم تېلىنى بىرىنچى قېتىم تۈلكىنىڭ قېنىدا، ئىككىنچى قېتىم يولۋاسنىڭ قېنىدا، ئۈچۈنچى قېتىم چوچقىنىڭ قېنىدا سوغۇرۇپتۇ. ئۈزۈم تېلى ئۇدا ئۈچ قېتىم قاندا سوغۇرۇلغاچقا، مىۋىسى قاننىڭ رەڭگىدە قىزىل پىشىدىغان، شەربىتىمۇ قاننىڭ رەڭگىدە قىزىل چىقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۈزۈم تېلىغا مەلئۇن پەرۋىش قىلغاچقا، كېيىن ئۈزۈمدىن ھاراق ئىشلەش پەيدا بولۇپتۇ. شۇڭا ھاراق ئىچكەنلەرنىڭ كەيپى قېنىدا سوغۇرۇلغان ھايۋانلارنىڭ مىجەزىگە تارتىدىكەن. ئۈزۈم تېلى دەسلاپ تۈلكىنىڭ قېنىدا سوغۇرۇلغاچقا، كەيىپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىچكەنلەر تۈلكىدەك ھىلىگەرلىشىپ، باشقىلارغا كۆڭلىنى ئىزھارقىلىپ، دوست بولۇپ كېتىدىكەن. ئىككىنچى قېتىم يولۋاسنىڭ قېنىدا سوغۇرۇلغاچقا، كەيىپ ئىككىنچى باسقۇچقا يەتكەندە ئىچكەنلەر يولۋاستەك مەرتلىشىپ، چاپىنى گۆرەي قويۇپ ھاراق ئالىدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. ئۈچۈنچى قېتىم چوچقىنىڭ قېنىدا سوغۇرۇلغاچقا، كەيىپ ئۈچۈنچى باسقۇچقا يەتكەندە، ئىچكەنلەر چوچقىدەك مەينەتلىشىپ، قۇسۇپ، قۇسۇقىغا مىلىنىپ رەسۋا بولىدىكەن››
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئەمدى ئۈزۈمنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى:
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
مەن ھۆل ئۈزۈمنىڭ تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ئىسسىق ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل، قۇرۇقىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق بىرىنچى دەرىجىدە ھۆلمىكىن دەيمەن.
خۇسۇسىيىتى: ئاساسلىقى قان كۆپەيتىش، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا، بەلغەم خىلىتلىرىنى پىشۇرۇش، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇق بولۇش، ساپ قان پەيدا قىلىش،قاننى تازىلاش ۋە جانلاندۇرۇش،بەدەننى سەمرىتىش،ئىچىنى بوشىتىش،تېرىلەرنى سىلىقلاشتۇرۇش، مەركىزىي نېرۋا سىستىمىسىنى كۈچەيتىش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: بەدەن ئاجىزلىق، كەم قانلىق،قەۋزىيەت،نېرۋا ئاجىزلىقى، باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ئۈزۈمنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا، بەدەنگە ئۇزۇق بولۇپ سەمرىتىدۇ، ئۇنتۇغاقلىقنى يوقىتىپ ، ئەقلى قۇۋۋەتنى، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۈزۈمنى ياڭاق مېغىزى بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ، بۆرەكنى ، باھنى ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى كۈچەيتىدۇ. U \Dca&=
قىزىل ئۈزۈمدىن سوقماق تەييارلاپ يېسە بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سەمرىتىدۇ.
قىزىل ئۈزۈم توغرىسىدا ‹ئىكسىرى ئەزەم›دە مېۋىلەردىن تاتلىق ئۈزۈم باھنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يېمەكلىكتۇر دېيىلگەن.بۇ يەردىكى تاتلىق ئۈزۈم قىزىل ئۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ.
www.iz.la
ئىشلىتىش مىقدارى:
ئەھۋالغا قاراپ 60-80 گرامغىچە.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: پوستى ۋە ئۇرۇقى قان تومۇرنى تارايتىدۇ، تۈزىتىش ئۈچۈن سىركەنجىۋىل ۋە كەرەپشە ئۇرۇقى ئىستىمال قىلىنىدۇ.
يەنى ؛ ئۈزۈم ئۇرۇقى ۋە تىرىپى ئاشقازان كېسىلى ۋە يەلدىن بولغان قۇلۇنجىغا بېرىلمەيدۇ، جىگەر، تال،بۆرەك يوللىرىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ، بىرىش توغرا كەلسە ، ئاشقازان كېسىلى بارلارغا سىركەنجىۋىل بىلەن؛قۇلۇنجى، جىگەر ، تال، بۆرەك كېسىلى بارلارغا كەرەپشە ئۇرۇقى بىلەن بېرىش لازىم.
ئۈزۈم ئىستىمال قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سىقىپ سۈيىنى ئىچىش.
ھەممە (476) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
سېزنېڭ چ چ نومرېڭزنې سورسام بولامۇ دەپبېرېشنې خالېمېسېڭز مەيلې
» تىخىمۇ كۆپ