
ئېگىزلىكمۇ ئوخشاشلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەم بالىلار تېنىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسى، يەنە ئاتا - ئانا ياكى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى بىر كۆرسەتكۈچى. ئېگىزلىك باشنىڭ چوققىسىدىن تاپانغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقنى كۆرسىتىدۇ. بالىلار يېشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۆلچەش ئۇسۇلى بار. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى ئۆلچەشتە ياتقۇزۇپ ئۆلچەش ئاساس قىلىنىدۇ. ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن تۇرغۇزۇپ ئۆلچەش ئاساس قىلىنىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدە ھەم بوۋاق مەزگىلدە بالىنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، قول بىلەن تىزىنى بېسىپ، ئىككى پۇتىنى تۈزلەپ جۈپلەپ ئاندىن باش ھەم تاپان تەرەپتىكى تاختىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچەپ چىقساق بولىدۇ.
«بوۋاقلارنى كۈتۈشتىكى 200 مەسلىھەت» دىن ئىلىندى.