ئاۋاز پۈتۈشنى داۋالاش ئۇسۇللىرى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش نەپەس يولى كېسەللىكلىكلىرىنىڭ ھەددىن ئارتۇق ئىشلىشى ۋە يۇتقۇنچاقنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن بولغانلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ . بۇ كېسەللىك گەرچە بەدەننى ئاغرىتمىسىمۇ ، لېكىن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە سۆزلىشىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
كېسەللىك سەۋەبى ئىككى خىل بولۇپ ، بىرىنجىسى تاشقى سەۋەب ، يەنى كۈچەپ يىغلاش ، ۋاقىراپ ناخشا ئېيتىش ، ئۇزاقراق ۋاقىراپ سۆزلەش قاتارلىقلار ئاۋاز پەردىللىرىنىڭ ھەددىن ئارتۇق ئىشلىشىگە سەۋەپچى بولۇپ ، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئىككىنچىسى ئىچكى سەۋەپ بولۇپ ، يەنى نەزلە سەۋەبىدىن نەزلە سۇيۇقلۇقىنىڭ گالغا قۇيۇلۇشى ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىدا گالنىڭ ئىششىپ قېلىشى ، بەدەندە ھۆللۈك ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ ھەددىن زىيادە ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئاۋاز پەردىللىرى زەھەرلىنىپ ئاۋاز پۈتۈپ قالىدۇ .
گەپ قىلغاندا ئاۋاز خىقىراپ ، تولۇق چىقمايدۇ ، گال قىچىشىدۇ ، ئېغىرلىرىدا گال ئاغرىيدۇ ، بەزىدە ئىسقىرىتقاندەك ئاۋاز چىقىدۇ . بەزىدە ئاۋاز پۈتۈنلەي بوغۇلۇپ قالىدۇ . ھۆللۈك يەتسە بىر ئاز ئارام ئالغاندەك سىزىم پەيدا بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
داۋالاشتا ، ئالدى بىلەن سەۋەبىنى ئېنىقلاش ، تاشقى سەۋەپتىن بولسا يىغلايدىغان ، ناخشا ئېيتىدىغان ، ۋاقىراپ سۆزلەيدىغان ئىشلارنى ۋاقتىنچە توختىتىش لازىم .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
زۇكانداش ، ھەددىن زىيادە ھۆللۈك ياكى قۇرۇقلۇق سەۋەبىدىن بولۇپ ، يەنىلا ئاۋاز ئېچىلمىسا تۆەندىكى ئۇسۇللار بىلەن داۋالىنىدۇ ؛
1 . ئىت ئۈزۈمىدىن 20 گىرام ، غارىقۇندىن 15 گىرام ، كاكىنەجدىن 12 گىرام ، ئۈچ يىل بولغان كونا سىركىدىن 100 گىرام ئېلىپ ، 500 مىللىلىتىر قايناق سۇغا چىلاپ ، 3 ___ 5 كۈن قىزىق ھالەتتە غار- غار قىلىش ، مۇرەككەپ دورىلاردىن لۇئۇقى نەزلە ۋە لوئۇقى بادام ئېستىمال قىلىشى لازىم ، چامغۇرنى قۇقاسقا كۆمۈپ ، قىزىق ھالەتتە گالنىڭ سىرتىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ، ئارلاپ بادام يېغىدا گالنىڭ سىرتىدىن ياغلاپ بېرىش لازىم .
2 . ئەگەر قۇرۇقلۇقنىڭ زىيادىلىكىدىن بولسا ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى دورىلار ۋە غىزالار بېرىلىدۇ ، يەنى ھەببى سۇئال بارىد ، لوئۇقى بادام ، بىنەپشە شەربىتى ، نىلۇپەر شەربىتى ، لوئۇقى ئەنجۈر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ . توخۇ گۆشىنى چامغۇر بىلەن پىشۇرۇپ بېرىش ، تۇخۇمنى خام ھالەتتە ئىچىش قاتارلىقلارمۇ ئوبدان ئۈنۈم بېرىدۇ .
3 . ھۆللۈكنىڭ زىيادىلىكىدىن بولسا ، بەدەنگە قۇرۇقلۇق يەتكۈزگۈچى دورا ۋە غىزالار بېرىلىدۇ . يەنى لوئۇقى زەنجىۋىل ، لوئۇقى سەغىر ۋە بەرشىشا قاتارلىق دورىلاردىن تاللاپ ئىشىلتىش لازىم . نەپەس يولىدىكى ھكللۈكنى يوقتىدىغان ، بەلغەمنىڭ كۆپرەك چىقىشغا يارىدەم بېرىلىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلسمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .