راك كېسىلىنىڭ قانداق بىشارەتلىرى بار
راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بىلەن بالدۇر بايقاش زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، راك كېسىلىنى دەسلەپكى باسقۇچىدا داۋالاتقاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . شۇڭا راك كېسىلىنىڭ بىشاراتلىرىگە دىققەت قىلىپ ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىتىش كېرەك . ئادەتتە راك كېسىلىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئالامەتلىرى بولىدۇ :
1. بەدەننىڭ سىرتقى تۈز قىسمىدا مۇنەكچە پەيدا بولۇش ۋە يوغىناش ، لىنغا تۈگۈنلىرى ئىشىش . 2. ھەزىم قىلىش ئۇزۇن ۋاقىت نورمالسىزلىشىپ ، قورساق قىسمى دائىم ئاغرىش ياكى مۇنەك پەيدا بولۇش . 3. داۋاملىق يۆتىلىپ ، بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش ، بۇ ئۆپكە راكى بىمارلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر . 4. ھەيز توختىغان ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن قانۇنىيەتسىز قان كېلىش ، بۇ بالىياتقۇ بوينى راكنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامىتى بولۇپ ، بۇ خىل ئالامەت كۆرۈلگەن ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئۆسمە كېسەل دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك . 5. دائىم دېمىقى پۈتۈپ قېلىش ، بۇرۇن سۇيۇقلۇقى قان ئارىلاش كېلىش ، بۇرۇن قاناش ، بويۇن قىسمىدا مۇنەكچە پەيدا بولۇش ، بۇ بۇرۇن - بوشلۇقى راكى ، قوشۇمچە بۇرۇن كاۋاكچىسى راكىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى . 6. سۈيدۈك ياكى چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىش . 7. سۆگەل ۋە قارا مەڭلەر تېزلىكتە چوڭىيىش ، ئۈستىدىكى تۈكچىلەر چۈشۈپ كېتىش ۋە قىچىشىش ، ياكى سۇ چىقىش . 8. سەۋەبسىز ئورۇقلاش .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن