ئاياللارنىڭ ساپاسى ۋە ئائىلە مېھرى

ۋاقتى:2010-08-17 16:57مەنبە: يوللىغۇچى:بەختىيار يۈسۈپ چېكىلىشى:قىتىم
  

   ئىز تورى www.iz.la

ئاياللارنىڭ ساپاسى ۋە ئائىلە مېھرى

ئىز تورى بەك ياخشى

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

رەيھانگۈل قۇربانجان

copyright by www.iz.la

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئاپتور: چاپچال ناھىيە چوڭ بوغرا يېزا پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىدا ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

«مەن سۆيۈلگەندىن باشلاپ باشقىچىلا بىر ئايال بولۇپ قالدىم، تومۇرلىرىمغا تەڭكەش سوققان تومۇرلار ۋە تىنىقلىرىمغا قوشۇلغان تىنىقلار مېنى باشقا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك ئىدى. ئەمدىلىكتە تومپايغان قورسىقىم مېنىڭ قەلبىمگە ئوخشاشلا يۈكسەكلىككە مۇيەسسەر بولدى. ھەتتا تىنىقلىرىمدىنمۇ خۇشبۇي ئۇرۇلغىنىنى سېزىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى گۈل–گىياھلارنىڭ بەرگىدە لىغىرلاپ تۇرغان شەبنەم كەبى قورسىقىمدا نازۇك قىمىرلاپ تۇرغان ئاشۇ كىچىككىنە ھامىلە سەۋەبىدىنغۇ؟»دەپ يازىدۇ چىلىنىڭ داڭلىق ئايال شائىرى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى گابرېلا مىسترال. ھەقىقەتەن تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپ. بۇ مەكتەپ كىشىلەرنى، جۈملىدىن ئاياللارنى چېنىقتۇرىدۇ، يېتىلدۈرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئاياللار بالىلىق، ياشلىق مەزگىللىرىدە تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ قىسمىنى تاماملىسا، توي قىلىپ ئۆي–ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، خۇددى بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەندەك بولىدۇ.چۈنكى، توي قىلغاندىن كېيىن بولۇپمۇ بالىلىق بولغاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ ئائىلىگە بولغان مېھىر–مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى

    ئاياللارنىڭ ساپاسى قانچىلىك يۇقىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئائىلىگە بولغان مېھرى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدىن ياڭرىغان ئانىلىق كۈيى بوۋاقنىڭ ۋۇجۇدىغا تارىغان سۈتتىنمۇ پاك، غۇبارسىز بولۇش بىلەن بىرگە، ھەر قانداق كۈيدىن ياڭراق بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار ھەممىدىن ئائىلىنى مۇھىم ئورۇنغا قويالايدۇ.ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ۋالىبول چولپىنى 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئامېرىكا ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى يېتەكلەپ، كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن ئامېرىكا ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى لاڭ پىڭ يېقىندا ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا ۋالىبولچىلار جەمئىيىتى لاڭ پىڭنىڭ ئامېرىكا ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى يېتەكلەپ 2012–يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلغانىكەن، بىراق لاڭ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەنمۇ دۇنيادىكى باشقا ئاياللارغا ئوخشاشلا ئائىلىگە چوڭقۇر مېھرى بار ئايال، ئائىلەم مەن ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم، مەن كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرگە بولۇشنى ئويلايمەن، شۇڭا دۆلەت ئىچىدىكى بىرەر كۇلۇبتا تېرىنېرلىق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. شۇنداق بولغاندا مۇسابىقە مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتتا ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرگە بولالايمەن». ئېنىقكى، لاڭ پىڭ ئامېرىكىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە ياشاپ، نۇرغۇن پۇل تېپىش، پەرزەنتىنى ئەڭ ئىلغار مائارىپ تەربىيىسى بويىچە تەربىيىلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەتەندىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك ئائىلىنى، بۇ چوڭ ئائىلىدىكى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئائىلىسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ۋەتەنگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە بولۇشنى، ئائىلىسىدىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مېھرىنى بېرىشنى لايىق تاپقان. بۇ روھ كىشىنى ھەقىقەتەن سۆيۈندۈرىدۇ. بىز مۇشۇنداق مىساللاردىن دەۋرىمىز ئاياللىرىنىڭ ساپاسىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرىلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ساپانىڭ ئاياللارنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە بولغان مېھرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

   بىراق، ئارىمىزدا شۇنداق بىر قىسىم ئاياللارمۇ بار. ئۇلار ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى چۈشەنمەيدۇ. مېھىر– مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلالمايدۇ، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئاللىقانداق ئىشلارنى ياكى كەسىپتىكى ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ، بالىلىرىغا، ئاتا- ئانىسىغا مېھرىنى تولۇق بەرمەيدۇ. ئاقىۋەتتە، پۇشايمانلىق بىر ئاقىۋەتنىڭ شاھىدى بولۇپ قالىدىغان تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ. يېقىندا ھەر قايسى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە بىر ئايالنىڭ ئۇزۇن يىل كېسەل تارتىپ ئورۇن تۇرۇپ يېتىپ قالغان ئانىسىنى رەھىمسىزلەرچە خارلىغانلىقىدەك قىلمىشى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. بۇنداق ئاياللار ناھايىتى ئاز ساندا بولسىمۇ، بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ، چۈنكى، ئۇ بىر ئايال شۇنداقلا ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن بالىلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ئانىسىنىڭ شۇ خىل قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان بالىلار قانداق پسىخىكىغا، خاراكتېرگە ئىگە ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ؟ ئۇلار كەلگۈسىدە ئانىسىغا ۋە بالىلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئانىسىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئاغرىق–سىلاق بولسا بېقىپ ئۆتەمدۇ ياكى شۇ ئانىسى ئاچقان يولدىن ماڭامدۇ؟ بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئادەمدە گۇمان قوزغىماي قالمايدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئىسپانىيىنىڭ A دەرىجىلىك كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان ئارگېنتىنانىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى لىكارمېي ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال كوماندىدىن چېكىنىپ، ئارگېنتىناغا قايتىپ ئاپىسىغا قاراشنى قارار قىلغان.ئۇنىڭ بۇ قارارى داڭلىق پۇتبول پادىشاھى مارادونانىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.مارادونا ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ئانىنىڭ مەڭگۈ پۇلدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئىنسان ئىكەنلىكىنى، شۇڭا لىكارمېينىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپادىكى پۇتبول كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن چولپانلارنىڭ يىللىق مائاشى نەچچە مىليون ياۋرۇ بولۇپ، لىكارمېي ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان مەخسۇس خىزمەتكار ياللىۋالسىمۇ بولاتتى، بىراق ئۇ يۇقىرى مائاشتىن ۋاز كېچىپ ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزى قاراشنى تاللىۋالغان. بۇ مەسىلە ئۇنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىپلا قالماي، لىكارمېينىڭ ئانىسىنىڭمۇ ئەقىللىق، پەزىلەتلىك، كۆيۈمچان ئايال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، چۈنكى لىكارمېي كىچىكىدىن ئانا مېھرىنىڭ قۇدرىتىنى، سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ چوڭ بولغان، ئۇ دەل شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندە ئەنە شۇنداق ئىنساپلىق، مېھىرلىك، كۆيۈمچان ئادەم بولۇپ يېتىلگەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   بەلكىم بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ ئائىلە ۋە مېھىر – مۇھەببەت ھەققىدىكى بۇنىڭغا ئوخشاش تەسىرلىك ھېكايىلەر كۆپ بولسا كېرەك، بىز بۇنداق مىساللاردىن ئائىلىگە قانداق كۆيۈنۈش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز، ئەلۋەتتە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...

  • ئەر خۇتۇنلارنىڭ جىدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز

    ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز (1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق...

  • ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ

    ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا ،بۆرەك ئاستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجىرلىشى كۈچۈيىپ ،نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رىتىمىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامىرىكا يۈرەك كېسەلىكى مۇتەخەسىسى دوختۇر ۋېيج...

  • سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق

    سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق گىرمانىيىدە چىقىدىغان ئىلىم -پەن ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشچە دائىم سۆيۈشۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بۇلۇپ ئادەم بەدىنى قىزغىن ھىسياتلىق سۆيۈشۈش سىگىنالىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن چوڭ مىڭدىكى بەخى...

  • ئاياللار ھەققىدە

    ئاياللارھەققىدە 1.ئىنسانلارنىڭبەخت-سائادىتىخوتۇنلارئالدىدىدۇر.2.بىرخوتۇنن...

  • مۇﻫەبىىتىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن

    ﻫېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈرگەن قىزىم يەنى ﻫازىرقى ئايالىم مەندىن: سىز مىنى ﻫەقىقىي ياخشى كۆرەمسىز؟ مېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۆيەمسىز ياكى باشقا ئەرلەردەك تويدىن كېيىن ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالارسىزمۇ؟! دەپ سورىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ...

  • تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلار چېپىلۋالمىسۇن ....!

    ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككەيلەنىڭ قانۇنى نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر- ئايالنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدۇر. شۇڭا ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمىشىغا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارلىشىپ...

  • ئاياللارنىڭ نازاكىتى

    ئاياللارنىڭ نازاكىتى ئاياللاردىكى يۈرۈش،تۇرۇش ،كىيىنىش نازاكىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئاياللاردىكى گەپ-سۆز نازاكىتى ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئائىلىدەۋەياكى سورۇنلاردا بىلەرمەنلىك قىلدىغان ،باشقىلانىڭ سۆزىنى تا...

  • ئەرلەر كەينىدىكى ئاياللار

    يوللىغۇچى ؛ نازاكەت جەمئىيەت ئۆزگەردىمۇ ياكى ئەرلەر ئۆزگەردىمۇ؟ئىشقىلىپ،ھازىر بىر قىسىم ئەرلەر دائىم ئايالىنىڭ بارغانسېرى سارغايغان چىرايىدىن،يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ناز كەرەشمىسىدىن زارلىنىدۇ؛ئايالىنى تولا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى دەپ ئاغرىنىدۇ؛ئۇنىڭ پىشانىسىدى...