قېينانىڭىزمۇ ئۆز ئانىڭىز
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ماھىنۇر ئسمايىل
(ئاپتور: خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسىدا)
يېقىندا بىر خىزمەتدىشىم بىلەن كاماندىروپكىغا چىققانىدىم. قايتىشتا ئۆيدىكىلەرگە سوۋغات ئېلىش ئۈچۈن بازار ئايلاندۇق. خىزمەتدىشىم ئۆزىگە، ئاتا-ئانىسىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خېلى كۆپ نەرسىلەرنى سېتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن قېيناتا-قېينانىسىغا ھېچنەرسە ئالمىدى. مەن بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ ئۇنىڭدىن:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−قېيناتا-قېيناناڭغا بىر نەرسە ئالمامسەن،− دەپ سورىسام ئۇ پەرۋايىغا ئالماي:
−ۋاي بولدى قىلە، مېنىڭ ئۇلارغاسوۋغات ئالىدىغانغا بىكار قالغان پۇلۇم يوق،− دەيدۇ.
−ئۇلارمۇ سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ تۇرسا، نېمە دېگىنىڭ بۇ، −دېدىم مەن ھەيرانلىق بىلەن.
−ئۇلار دېگەن ئېرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى،−دېدى ئۇ ئاغزىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
بۇ تۇرقىغا قاراپ مېنىڭ ئۇنىڭدىن يەنە ئارتۇق گەپ سوراشقا رايىم بارمىدى ۋە ئانام بىلەن قېينانامغا كۆرۈپ قويغىنىم بويىچە ئوخشاش رەڭ، ئوخشاش پاسوندىكى ئاياغدىن ئىككى جۈپ سېتىۋالدىم.
يېقىندا يەنە بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىگە ئادەمگەرچىلىككە بارغانىدۇق، بىز كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھېلىقى خىزمەتدىشىمنىڭ قېينانىسى كەلدى. خىزمەتدىشىم ئۇنىڭ بىلەن سوغۇقلا سالاملاشقاندىن كېيىن سىرتتىكى ئۆيگە باشلاپ قويۇپ بىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇۋەردى. مەن ھەيرانلىق بىلەن:
−قېيناناڭغا نېمانداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىسەن؟− دېسەم ئۇ:
−بۇ خوتۇن ھەر كۈنى بار، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ،−دېدى.
مانا بۇلار مەن يېقىندىلا كەينى-كەينىدىن ئۇچراتقان ئەھۋاللار. جەمئىيەتتە قېيناتا-قېينانا بىلەن كېلىن، كۈيئوغۇل ئوتتۇرىسىدا دائىم ھەرخىل زىددىيەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ قېينانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت پەسەيمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە قېينانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرسىدا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەت مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار بىر-بىرىنى ياقتۇرغىنى ئۈچۈن قېينانا كېلىننىڭ ئۆيىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. كېلىنمۇ ئۇنى ياقتۇرغىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىن بولۇشنى خالىغان. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئىناق ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەتتە ئۆتەلمەيدۇ؟ مېنىڭچە بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش-قىلماسلىقىدا.قېينانا كېلىننى ئۆز قىزىدەك كۆرسە، كېلىنمۇ قېينانىنى ئۆز ئانىسىدەك كۆرسە، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىسە، ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەت چوڭقۇرلىشىدۇ.
ئاياللار ئۆز ئېرىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەن، شۇ ئېرىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئانىسىنىمۇ ياخشى كۆرۈشى، ئانىلار ئۆز ئوغلىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەن، شۇ ئارزۇلۇق ئوغلىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولغان ئايالىنىمۇ ياخشى كۆرۈشى كېرەك. بۇ يەردە بىر ئائىلىۋى مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن ئىكەن، ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەت چوقۇم شەكىللىنىدۇ. بۇنداق مۇناسىۋەت بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، ئىززەتلەش ئاساسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ بېرىشى كېرەك.بۇ يەردە كېلىنلەرگە شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ:سىلەر قېيناتا-قېيناناڭلارنى خۇددى ئۆز ئاتا-ئاناڭلارنى سۆيگەنگە ئوخشاش سۆيۈڭلار. چۈنكى بىر كۈنلەرگە بارغاندا سىلەرمۇ شۇلارغا ئوخشاش قېيناتا-قېينانا بولىسىلەر!
ئىز تورى www.iz.la