نىكاھ بوسۇغىسىدىكى ئويلار

ۋاقتى:2010-08-15 21:08مەنبە: يوللىغۇچى:بەختىيار يۈسۈپ چېكىلىشى:قىتىم
  

  copyright by www.iz.la

نىكاھ بوسۇغىسىدىكى ئويلار

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئابلەت ياسىن بابا

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئاپتور: خوتەن لوپ ناھىيە دول يېزا دۆڭئازما كەنت 1-مەھەللە 75-ئۆي ئىز تورى www.iz.la

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    تەڭرىنىڭ ھەمدۇ-ساناسى بىلەن باشلانغان بۇ مەكتۇپ ئىشق-مۇھەببەت ئەھلىگە ھەق ھېكمەتلىرى، ۋاپا نۇرلىرىنى تاراتقاي. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   گۇلاپ ھىدلىك مەيىن شامال كافۇر كەبى لەرزان تىنىقلىرىڭنى تاغدەك-تاغدەك دەرد ۋە پىراققا مۇپتىلا يۈرىكىمگە ھەيدەپ كەلگەن شۇ دەملەردە، ئىشق سەۋداسىنىڭ مەجنۇنلارچە چاقىرىقى بىلەن قولۇمغا شىجائەت قەلىمىنى ئېلىپ، سۆزلەردىن ئۈنچىلەر چاچتىم. دىلىمدا زىكرى، كۆڭلۈمدە پىكرى قىلىپ ساڭا مەكتۇپ پۈتمەك بولدۇم. ئەركىلەپ، سەدەپ دانىچىلىرىنى چاچقان قەلىمىمنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەردىم. ئىسمىڭ تىلىمدا، جىسمىڭ دىلىمدا يادا. جامالىڭ چاقماق، يۈرىسەن زۇلفىڭ بىلەن جېنىمنى باغلاپ.

ئىز تورى www.iz.la

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، گۈل چىراي سەۋرى، سۆز گۈلشەنىنىڭ ئېچىلغان ئەتىرگۈلى، ئالتۇن بويلىرىڭ ئامانمۇ؟ ياراتقان تەڭرىم گۈلرەڭ قامىتىڭنى ئېسەن قىلسۇن! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن باشلانغان ئىشق ئوتىنىڭ سەن بىلەن مەندە دەۋر قىلغانلىقى دۇنيا ئىنتىزاملىرىغا بويسۇنغان زامان پەيلىنىڭ ھېكمەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھدىن ئىككىمىزنىڭ پاك مۇھەببىتىگە بەرىكەت، ئاقىۋىتىگە خەيرلىك تىلەيمەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

   تەقدىر قىسمەتلىرى بىرلە توي يېشىغا ئۇلاشقان قىرانلىقىمدا ساڭا ئاتاپ جۈپلۈك مۇقامىنى چالدىم. ھايات سەپىرىمدىكى مەڭگۈلۈك ھەمراھ بىلىپ (ئاللاھ شۇنداق بولۇشىنى نېسىپ قىلسۇن) قول سۇندۇم. قول ئەمەس پاك قەلب سۇندۇم. سەنمۇ پاك مۇھەببەت ئۈچۈن بەخشەندە قىلىنغان يۈرەكنى قوبۇل كۆرۈپ، ئەزىز بىلدىڭ. تاق ئىدۇق، جۈپ بولايلى دېدىم. سەن ماڭا زېمىن بولساڭ، مەن ساڭا ئاسمان بولاي. سەن ماڭا بىسات بولساڭ، مەن ساڭا تۈۋرۈك بولاي.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئىنساننىڭ ياشاش مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ئىنسانىي تاكامۇللۇققا ئېرىشىشتۇر، بەلكى شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتۇر. ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەت ئەللامىللىرىنىڭ ھۆكۈم، خۇلاسىسىچە بولغاندا، جۈپ بولماي، بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارماي تۇرۇپ ئەر مۇكەممەللىككە قەدەم قويالمايدۇ. جۈپلۈكتىن بارلىققا كېلىدىغان ئائىلە ئىنسانىي تاكامۇللۇق ئۈچۈن بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىر باسقۇچ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنسان تەبىئىتى شۇنى تەقەززا قىلىدىغۇ ئاخىر.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   ھىدايەت گۈلۈم تېخى غۇنچىمۇ تۇتمىغان، ئەقىل كۆزۈم سۈزۈلمىگەن چاغلىرىمدىكى تەنتەك خىيال، گۆدەك ئارزۇ-ئارمانلىرىم بويىچە بولغاندا، بۇ يېشىمدا ھەرگىز توي قىلىش ئويۇم يوق ئىدى (گەرچە ئاللىقاچان توي قىلىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولساممۇ)، ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن دوكتورلۇقتا ئوقۇۋالسام، شۇنىڭدىن كېيىن مۇۋاپىق بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى توتۇپ، ئازراق ئىقتىساد غەملىۋالغاندىن كېيىن تۇرمۇش مەسىلىسىنى ئويلاشسام، دېگەن خىيالدا ئىدىم. ھەي بىقارارلىق، نادانلىق… يەنە ئائىلە، خوتۇن، بالا-چاقىنى يۈك ھېسابلاپ، ئائىلىنىڭ ھېكمىتىنى ئاڭقىرالماي، خوتۇن-بالىنىڭ لەززىتىدىن ھۇزۇرلىنالماي يۈرگەن ئاللىكىملەرنىڭ ئوقۇش جەريانىدا توي قىلسا ئوقۇشقا تەسىر يېتىدۇ، ئوقۇغىلى بولمايدۇ، دېگەندەك بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى توغرا كۆرۈپ يۈرۈپتىكەنمەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   ئەمما ئاتا-ئانام بۇ قارىشىمنى توغرا تاپمىدى. مېنى ئۆمۈرلۈك ئىشىمنى تېزرەك ئويلىشىشقا ئالدىراتقىلى تۇردى. ئانام 30 يىل مۇئەللىمەلىك قىلغان ئۇقۇمۇشلۇق، سالىھ ئايال، داداممۇ 35 يىل مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەرىپەتلىك كىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئەلۋەتتە چۈشىنىشكە بولاتتى. قايسى ئاتا-ئانا ئۆز بالا-ۋاقىلىرىنى ۋاقتىدا ئۆي-ئوچاقلىق قىلىپ، ئولارنىڭ تورمۇشىنى بىر ئىزىغا سېلىۋېلىشىغا ھەمدەم بولۇشنى، شۇ ئارقىلىق خاتىرجەملىك تېپىشنى ئويلىمايدۇ دەيسىز؟ ئىز تورى بەك ياخشى

   پەرزەنتمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاپ باقسۇنكى، ئاتا-ئانا رايىغا باقماي، ئولارنىڭ تىلەكلىرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىپ نېمىگىمۇ ئېرىشكىلى بولار؟ ئەستايىدىل خۇلاسەمدىن كېيىن، مەن مېنى توي قىلىشتىن چەكلەيدىغان ئۇنداق قاراشلاردىن ۋاز كېچىش، ئۇنى چۆرۈۋېتىش قارارىغا كەلدىم. ساغلام تەبىئىتىم ھەم مېنىڭ شۇنداق قىلىشىمنى تەقەززا قىلىۋاتاتتى. ئۆزۈمنىڭ تۇتقان يولۇمنىڭ ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىدىن پەرقلىنىدىغان، ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە بىر يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. چۈنكى مەن ماڭا ئۈلگە بولغان ياكى نەسىھەت قىلغانلارغا ئوخشاش ئۆز ئېھتىياجىم بولمىش جۈپلۈك خاھىشىمنى ئالدىمغا ئۇچرىغان، كۆزۈمگە گۈزەل كۆرۈنگەن بىرەرسى بىلەن نە-نەلەردە يۈرۈشۈپ پەسكويغا چۈشۈرۈشنى، بارلىق جانلىقلارغا ئومۇمىي بولغان ھېسسىيات مەيلىمنى ئەھدىسىز خالىغانچە قاندۇرۇشنى خالىمايتتىم، ئۆزۈمگە ھەمراھ بولۇشقا نىكاھسىز بىرەرسىنى ماقۇل كۆرمەيتتىم. مەندىن نىكاھتىن ئىبارەت مۇستەككەم ئەھدە ئالغان زىبا سەنەملا بۇ ئېھتىياجىمدىن چىقالايتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   كۆپ ئويلىنىش، تولا ئىلتىجا-ئىستىخارىلەردىن كېيىن، نىشانىمدىن ئاكامغا ئاددىيغىنا سۆز بېرىپ قويۇپ مەكتەپكە يېنىپ كەلدىم. ھەر ھالدا ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدى. تويدىن بۇرۇنقى رەسمىيەتلەر ئادا قىلىندى. مانا كەدخۇداچىلىق قىلىمىز دەپ تۇرۇپتىمىز. مۇشۇ پۇرسەتتە توي، نىكاھ ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى، ساڭا دېمەكچى بولغانلىرىمنى قەغەز يۈزىدە دەۋېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئىككىمىز قايناق ھېسسىيات قايناملىرىدا بىخ سۈرۈپ كۆكلىگەن مۇھەببەت مايسىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ياشىرىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بۇلىقى، بۆشۈكى، سەمەرىلىك نەتىجىلىرىمىزنىڭ سەھنىسى بولمىش ئائىلە قۇرۇشقا قەدەم ئالدۇق. ئۇلۇغلۇق مۇقامىغا مۇيەسسەر بولغان مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل خىسلەت، مۇنەۋۋەر ئۇدۇملىرىغا ۋارىسلىق قىلماقنى نىيەت–نىشان قىلدۇق. قىيامەتلىك ھالال جۈپلەردىن بولغايمىز ئىلاھىم.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   قۇشلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇۋا ياسايدۇ. چۆمۈلىلەرمۇ قىشلىق ئوزۇقىنى يازدا ھازىرلايدۇ. مانا بۇلارغا ھايات نىزامىغا سەركەشلىك قىلمايدىغان، ئەقىللىق، يىراقنى كۆرەرلەر ئەلۋەتتە ھۆرمەت ۋە ئىتائەت قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق ھاياتنى ھاياتقا ئۇلايدۇ. ئوغۇز خاقانمۇ خىتاپ قىلغانغۇ، ئوغۇز نەسلى ئۈزۈلمىسۇن دەپ!

ئىز تورى بەك ياخشى

   تويلىشىشتىن مەن نېمىنى غايە–ئىستەك قىلدىم؟ قانداق تۇرمۇش شەكىل–يوسۇنىغا قارار تاپتىم؟ بۇ مەن توي قىلىشنى نىيەت قىلغاندىن كېيىن ئەڭ كۆپ ئويلانغان، پىكىر يۈرگۈزگەن ئىشنىڭ بىرى بولدى. ئىز تورى بەك ياخشى

   ئىمان–ئېتىقادىمنى پۈتۈنلەپ، مۇكەممەل بولماق بولدۇم. ھېس–خىياللىرىمنىڭ بىھۇدە چالغىتىشلىرىدىن خالاس تاپاي دېدىم. شەخىستە يەتكەن ئانچىكى مۇۋەپپەقىيىتىمنى ئائىلە كامالىتى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى ئارمان قىلدىم. مىللەت سان–سۈپەت تەقدىرىگە كىچىككىنە بولسىمۇ ئۆز ھەسسەمنى قاتاي دېدىم. مىللىي قەدىر–قىممىتىمىزنى ئەزىزلىمەك، مىللەت ئانىلىرىنى ئىززەتلىمەك بولدۇم. ئەخلاق نەمۇنىمىزغا ئۆز ھالىمغا يارىشا ھۆسن قوشاي دېدىم. بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان شەھۋەت ھاڭلىرىدىن ئۆزۈمنى يىراق تۇتماق بولدۇم. كىچىككىنە ئائىلە ۋە ئىككىمىز ئارقىلىق ئۆزلۈكنى بىر ئۈلۈش داۋام ئەتمەك بولدۇم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   قەدىمدە ئۇيغۇر ئەركەكلىرى ئۆز جۈپتىنى ‹‹قاتىن›› دەپ ئاتايدىكەن. بۇ دىلىڭ دىلىمغا، جېنىڭ جېنىمغا قېتىلسۇن، بىر جان، بىر تەن بولايلى دېگىنى بولسا كېرەك. جورا–ھايات قولدىشى. ئۆمۈرلۈك روزىغار. جورا تاللاش ھۆسن–جامال، بايلىق ياكى نەسەپ، مەرتىۋە قوغلىشىش ئەمەس (ئەلۋەتتە بۇلارنىمۇ پۈتۈنلەي چەتكە قاقمايمىز) ، بەلكى مۇكەممەللىك ئۈچۈن ھەمراھ–يولداش تېپىشتۇر. كاككۇك بىلەن زەينەپتەك مۇشتاق، مۇنتەزىر بولغان ۋىسال ئۈچۈن قەدەم تاشلاشتۇر. ئۆزى ۋە ئۆزىنى خالىغان ھەمراھ بىلەن ئۈنسى–ئۈلپەت ئېلىشتۇر. مۇھەببەتلىك ھايات سائادىتىگە ئېرىشىشتۇر. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

نۇرغۇن ھەمساۋاقلىرىم توي ئىشىمنى ئاڭلاپ تەئەججۈپلەندى. مېنىڭ تۈزۈك ئارىلاشمىغان بىرى بىلەن تويلاشماقچى بولغىنىم ئۇلارغا غەلىتە تۇيۇلغانىدى. ھەتتا بىر نەچچىسى تېخى ئايلاپ–يىللاپ سۆرىشىپ يۈرۈپ، سىناشمايلا نىكاھ بوسۇغىسىدىن ئاتلىسا، بۇ قانداقمۇ ‹‹زامانىۋى›› مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلىۋاتقان ئاسپىرانتنىڭ ئىشىغا ئوخشىسۇن؟ دېگەندەك بىمەنە سۆزلەرنى يۈزۈمگىلا ئېيتتى. توي تەرەددۇتىم ساۋاقداشلىرىمنى قايمۇقتۇرۇپ قويغانىدى. مەن ئۇلارغا كىمنىڭدۇر سۆزى بولمىش ‹‹20يېشىمدا توي قىلىپ، 40يېشىمدا مۇھەببەتلىشەي›› دەپ ئويلىدىم، دېدىم. www.iz.la

   نىكاھ مەيلى قانداق ئىنسان تۈركۈمى، قانداق دىن–ئىتىقادتا بولسۇن، تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھاياتلىق مۇراسىمى. ھىدايەتلىك ھاياتنىڭ سائادىتى سەمىمىي نىكاھ لەۋزىنىڭ رېئاللىقى بىلەن جۇلالىنىدۇ. نىكاھ ئەر–ئايال ئوتتۇرسىدىكى بىر خىل ئەھدە. گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان نىكاھ كۆڭۈلنىڭ تەسەللىسى، دىلنىڭ راھىتى. ئىنساننى ھۆرمەتلىك، شەرەپلىك مۇقامغا كۆتۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى. روھىي كامىللىقنىڭ بەرىكىتى، ئىنسانىيلىق قىممەتتۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئادەم ئاتا، ھەۋۋا ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قىممىتى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىغا قاراپ بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىدىكى ئالىيجاناپ ئەخلاقلار بىلەن ئىككى ئالەمدە يۈكسەك مۇقامغا ئىگە بولالايدۇ. ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىدىكى نۇرنى تولا زىيادە، نۇرلۇق قىلىدۇ. ئەخلاق ناھايىتى چوڭ بىر كاتېگورىيە. بىر ئادەمدىن ئۇنىڭ ھەممىسىنى تەلەپ قىلىش مۇمكىنسىزلىك. ھەقىقەت ھۆكۈملىرىگە ئىشىنىدىغان، ئۇنى رېئال تۇرمۇشىدا ئىجرا قىلىدىغان، قەدىر-قىممەت، ئىززەت-ئىكرامنى تەگ قىلغان ئەر-ئاياللىق قارىشى خۇسۇسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى نىكاھ ھەققىدىكى ئەقەللىي تەلەپ دەپ ئويلايمەن. بۇ ماھىيەتتە مەن ئۈچۈن ھەق ھۆكۈمى ھەم بولالايدۇ.

www.iz.la

   ئىپپەت دېمەكلىك ھاۋايى-ھەۋەسنى، نەپسىنى تىزگىنلەش دېمەكتۇر، دەپ تەبىر بېرىشىدۇ شەرق دانىشمەنلىرى. دەرھەقىقەت ئىپپەت كىشىنىڭ ئۆزىدىكى زالىم خىياللاردىن غالىب كېلىشنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى قىممىتى ئۇنى ئاڭقىرالىغان، ھېس قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاجايىپ قىممەتلىك. قىز ئىپپەت بىلەن ئەزىزدۇر. ئەرمۇ ئىپپەت بىلەن ئىشەنچلىك سانىلىدۇ. پازىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. قىزغا تالىق ئىپپەت غۇنچىسى ئورالغان پاكلىق پەردىسى ئەرنىڭ مونوپۇل ھوقۇقى بولۇپ، بۇسىز ئايال دۇنيادىكى جىمىدىن قەدىرسىزدۇر. ئىپپەتسىزلىك ئەرگىمۇ ئوخشاشلا چوڭ ۋىجدانسىزلىق، ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

   ئىپپەتتىن ئىبارەت ئىززەت ۋە شەرەپ گۆھىرىنى ئەر ياكى ئايالدىن قايسىبىرى بۇزسا، بېرىلگەن ئامانەتنى جايىغا-نىكاھ ئەھدىسى بېرىلگەن ھالال جۈپتىگە تاپشۇرالمىسا، ياراتقۇچى ئالدىدا، ھالال جۈپتى، شۇنداقلا ئەھلى پەرزەنتلىرى ئالدىدا چەكسىز سەۋەنلىك، كەچۈرگۈسىز خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. چۈنكى ئادەم تېنى قايتا ئۆسۈدىغان كۈدە ئەمەس. ئىز تورى بەك ياخشى

   ئەر-ئايالنىڭ ئەقىدە شاخلىرىدىن بىرى بولغان ھايا بارلىق سۆزىمىزنىڭ نېگىزىدۇر. ئۇ پاك مۇھەببەتكە كېپىلدۇر. چۈنكى ھايا ياخشىلىققا يېتەكلىگۈچىدۇر. ھايالىق بولۇش ھەر ۋاقىت خەيرلىك ئىشلارغا سەۋەب بولىدۇ. ھاياسىز ئەخلاق مەۋجۇت بولالمايدۇ. ھاياسىز پازىل، سالىھ كىشىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ھايا ئۇقۇمى پۈتۈن شەرق مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى، ئەڭ يارقىن جۇغلانمىسى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   يېقىندا يەنئەن يولىنى ئايلىنىۋېتىپ بىر ئىشقا ئۇچراپ قالدىم. ئىز تورى www.iz.la

   بىر كىچىك ماشىنا پىيادىلەر يولىدا بىر ئايالغا يېنىككىنە سوقۇلۇپ كەتتى. ھېلىقى ئايال سەل ئاچچىق بىلەن: ‹‹كۆزىڭىزگە قاراپ ھەيدىسىڭىز بولمامدۇ؟›› دېگەنىدى، ئەر تولىمۇ بىزەپ تىللار بىلەن ھېلىقى ئايالنى تىللاپ كەتتى. ئايالمۇ بوش كەلمەي: ‹‹سەن نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭ يولىدا ماڭماي پىيادىلەر يولىغا كىرىۋالىسەن؟›› دەپ بىشەملىك قىلدى. بىر چاغدا ھېلىقى ئەر ئايالنى ‹‹ھاياسىز، ھايانى بىلمەيدىغان، ئايال كىشى بولغاندىكىن ھايا قىلساڭ بولمامدۇ›› دەپ ھاقارەت قىلىشقا باشلىدى . ئىز تورى بەك ياخشى

   ئويلاپ قالدىم: ھايا ئايال ئۈچۈنلىمۇ؟ ئەر پىيادىلەر يولىدا ماشىنىسىنى ھەيدىۋالمىغان بولسا بۇ ئىش چىقارمىدى؟ ياكى بولمىسا خاتالىق ئۆزىدىن ئۆتكەن بولغاندىكىن، بىرەر ئېغىز خاپا بولماڭ دەپ قويغان بولسا، بۇنداق غەۋغا چىقارمىدى؟ ياكى بولمىسا ئۇنداق سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلىمىگەن بولسا ئىش بۇنداق بۇلارمىدى؟ ئىز تورى بەك ياخشى

   ھەقىقەت تارازىسىدا ھايا ئەر-ئايال ئۈچۈن ئورتاق ئۇقۇم. ھايانى ئايالدىنلا تەلەپ قىلىپ، ئۆزى ئۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇۋېلىش يولسىزلىق. تېخىمۇ يامىنى ھەقتىن باش تارتقانلىق خالاس. ھەقتىن باش تارتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   ھايالىق بولۇش ئايال ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەر ئۈچۈنمۇ مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر. مۇھەببەت ھايادىن قۇۋۋەت ئالىدۇ، شۇنىڭدىن كۆكلەيدۇ. ھاياسىز ئاشىق مەشۇقنى بىزار قىلىدۇ. ھايانى تەرك قىلىش مۇھەببەتنى زايە ئەتكەنلىكتۇر. ئۇنى تۇيۇق يولغا باشلىغانلىقتۇر.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

   بۇنىڭدىن سۈڭرە، قىز-يىگىت ئىككىلىسىگە ئورتاق بولغان، ھەممىگە زۆرۈر بولغان ئەركانلار جۈملىسىدىن−پاك-دىيانەتلىك بولۇشنى تىلغا ئالىمىز. مۇبارەك ھەدىسلەردە تۆۋەندىكىدەك بايان بار: «ئايال كىشى ھۆسن-جامال، پۇل-مال، نەسەب ۋە دىيانىتىگە قاراپ تاللىنىدۇ. سەن دىيانەتلىكنى تاللىغىن. ئاللاھ تۇرمۇشىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ». پاك-دىيانەتلىك بولۇش سالىھ كىشىلەرنىڭ دىل ھۇزۇرى. ئائىلىنىڭ ئولى. پاك-دىيانەتلىك يۈكسەك قەلب گۈزەللىكى بولۇپ، ئۇ ئەخلاقىي كامىللىقتا ئەكس ئېتىدۇ. پاك-دىيانەتلىك بولۇشتىن ئىككى تەرەپتە ئىشەنچ تۇرغۇزۇلىدۇ، مېھىر چىڭىتىلىدۇ. ئۇ ئائىلىنىڭ بەختى، شۇ سەۋەبلىك دۇنيا شۇنچە جەلپكار. بۇ ھال قايسىبىر تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، ئائىلىدىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ۋاپا يولى زايە بولىدۇ. ئەمما بىلسەك، ۋاپا يولى ئەر-ئايال ئۈچۈن مەرغۇپلۇق يولىدۇر. دىيانەت كەتسە، كىشىدىن ئىنسانىيلىق يۈز ئۆرۈيدۇ.

www.iz.la

   مۇھەببەت ئىككى قەلبنىڭ قوشۇلىشىدۇر. ئۇنىڭدا مەجبۇرىيەتمۇ، مەسئۇلىيەتمۇ، ھوقۇقمۇ بولىدۇ. شۇڭا جۈپنىڭ ئويلايدىغىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى، بىر-بىرى ئالدىدىكى سالاھىيىتى بولۇشى كېرەك. ئاندىن ئۇ ئۆزى بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىقتۇر. بۇرچ-مەسئۇلىيەتلىرىنى قانچىلىك ئادا قىلغانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، ھوقۇقنى تەلەپ قىلىش ھەق ھۆكۈملىرى ئۆلچىمىدە مۇتىھەملىك سانىلىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى

   مۇھەببەت بىزنى تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان، سوغۇققان قىلىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ نىكاھ لەۋزىدىن بۇرۇنقى گۇناھى-زالالەت پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغان تۇيۇق ۋاسىتە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مۇھەببەتنىڭ غۇرۇر، چىنلىق، پاكلىق ئىچىدە يېتىلىشى، ۋىجداندىن روھىي قۇۋۋەت ئېلىشى ئۇنىڭ مۇساپىسىدىكى ئەقەللىي تەلەپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىزگە ئۆكۈنۈش ئەمەس، مەمنۇنىيەت ئېلىپ كېلىشى ھىدايەتلىك دىللارنىڭ ئارمانىدۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   مۇھەببەت ئۇ ئىپتىداسىدا پاك ۋە ئالىيجاناب، مۇقەددەس. شۇنداق بولغاچقا ئۇ سەمىمىيلىكنى، ۋاپادارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ساختىلىق، بىۋاپالىقنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ناتوغرا كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتى مۇھەببەت مەنىسىگە يېتەلمەيدۇ. ئۇنى نەزەرگە ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئۇ پەقەت چاكىنا قەلبلەرگە كۆڭۈل خۇشى بولالايدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئەدەپ-قائىدىلەرگە رىئايە قىلىنغان مۇھەببەت مۇستەككەم ئېتىقاد، ساماۋى غايىلەرگە ئىگە كىشىلەر ئۈچۈن ئاداققى مەقسەت يولىدا بىر-بىرىگە ھەمنەپەس بولۇپ، ئۇلۇغۋار تىلەكلەرنى روياپقا چىقىرىشنىڭ يولى. نۇسرەتكە باشلايدىغان ھىدايەت ئىشىكى ھېسابلىنىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

   تولۇن ئاي كۆك گۈمبىزىنى يورۇتقان، گۈلدە سۇمبۇل ئېچىلغان، نۇرلۇق يۈزلەرگە كۇكۇلا يېيىلغان پەسىللەردە، ئىلاھىي ئىشقتىن نۇر ئېلىپ، سېھرىي كۈچ، روھىي مەپتۇنلۇق ھېسابلانمىش غايىبانە يىپ-مۇھەببەت رىشتىسىنىڭ جىلۋىسىدىن مەست-مۇستەغرەق بولۇپ، ئۇنىڭ شېكەر لەۋلىرىگە ئۆپۈشنى ئىستەك قىلىپ، قىزىل گۈلدىن بوي، كاككۇكتىن خۇي ئالغان ساڭا ‹‹دۇنيا بىر بايلىقكى ، شۇ بايلىقنىڭ ياخشىسى سالىھ ئايال›› دېگەن ساۋاتنىڭ رىغبىتى بىلەن بۇ نامىنى خەتلىدىم. بىلىپ قالغىنكى، بۇ نامە گۈلخان تىمسال يۈرىكىمنى رىجىمغا ئالالماي، مەيدىنى سۇ سېپىلگەن سىمۇنت يەرگە چاپلاپ تۇرۇپ ئاخىرقى قۇرلارغا ئۇلاشتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

(تۈگدى) ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...

  • ئەر خۇتۇنلارنىڭ جىدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز

    ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز (1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق...

  • ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ

    ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا ،بۆرەك ئاستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجىرلىشى كۈچۈيىپ ،نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رىتىمىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامىرىكا يۈرەك كېسەلىكى مۇتەخەسىسى دوختۇر ۋېيج...

  • سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق

    سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق گىرمانىيىدە چىقىدىغان ئىلىم -پەن ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشچە دائىم سۆيۈشۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بۇلۇپ ئادەم بەدىنى قىزغىن ھىسياتلىق سۆيۈشۈش سىگىنالىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن چوڭ مىڭدىكى بەخى...

  • ئاياللار ھەققىدە

    ئاياللارھەققىدە 1.ئىنسانلارنىڭبەخت-سائادىتىخوتۇنلارئالدىدىدۇر.2.بىرخوتۇنن...

  • مۇﻫەبىىتىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن

    ﻫېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈرگەن قىزىم يەنى ﻫازىرقى ئايالىم مەندىن: سىز مىنى ﻫەقىقىي ياخشى كۆرەمسىز؟ مېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۆيەمسىز ياكى باشقا ئەرلەردەك تويدىن كېيىن ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالارسىزمۇ؟! دەپ سورىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ...

  • تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلار چېپىلۋالمىسۇن ....!

    ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككەيلەنىڭ قانۇنى نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر- ئايالنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدۇر. شۇڭا ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمىشىغا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارلىشىپ...

  • ئاياللارنىڭ نازاكىتى

    ئاياللارنىڭ نازاكىتى ئاياللاردىكى يۈرۈش،تۇرۇش ،كىيىنىش نازاكىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئاياللاردىكى گەپ-سۆز نازاكىتى ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئائىلىدەۋەياكى سورۇنلاردا بىلەرمەنلىك قىلدىغان ،باشقىلانىڭ سۆزىنى تا...

  • ئەرلەر كەينىدىكى ئاياللار

    يوللىغۇچى ؛ نازاكەت جەمئىيەت ئۆزگەردىمۇ ياكى ئەرلەر ئۆزگەردىمۇ؟ئىشقىلىپ،ھازىر بىر قىسىم ئەرلەر دائىم ئايالىنىڭ بارغانسېرى سارغايغان چىرايىدىن،يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ناز كەرەشمىسىدىن زارلىنىدۇ؛ئايالىنى تولا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى دەپ ئاغرىنىدۇ؛ئۇنىڭ پىشانىسىدى...