يىگىتىڭىز سىزنى نېمىشقا تاشلاپ كەتتى

ۋاقتى:2010-08-15 21:06مەنبە: يوللىغۇچى:بەختىيار يۈسۈپ چېكىلىشى:قىتىم
  

   مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

يىگىتىڭىز سىزنى نېمىشقا تاشلاپ كەتتى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

(ئاپتور: ئاتۇش شەھەرلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى) تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   مۇھەببەت ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى مەڭگۈلۈك تېما. كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا نەزەر ئاغدۇرساق، «پەرھاد–شېرىن»، «تاھىر–زۆھرە»، «لەيلى–مەجنۇن»قاتارلىق سۆيگۈ، مۇھەببەت نەمۇنىلىرى ھەققىدە خېلى سالماقلىق ئورۇن ئاجرىتىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس. بىز مۇشۇ ئەسەرلەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۆيگۈ–مۇھەببەتنى مۇقەددەس بىلىدىغانلىقىنى، چىن سۆيگۈ ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان ئېسىل روھىنى ھېس قىلالايمىز.ئاشۇ مۇھەببەت داستانلىرىدىكى ئاشىق–مەشۇقلارنىڭ مۇھەببىتى كۆپىنچە پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇنى ئوقۇغان ھەر قانداق كىشىنىڭ قەلبى لەرزىگە كەلمەي، ئازابلانماي قالمايدۇ.بۈگۈنكى كۈندىمۇ سۆيگۈ–مۇھەببەت تېمىسىدا توختىماي ئەسەرلەر يېزىلىۋاتىدۇ.گەرچە ئۆتمۈشكە ئوخشاش ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك ئىشقى–مۇھەببەت ئەسەرلىرى بارلىققا كەلمىگەن بولسىمۇ، قەلەمكەشلەر يېڭى دەۋر كىشىلىرىنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئىپادىلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار يازغان يازمىلار بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىدۇر. بۇرۇن مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلارنى ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئۇچراتساق، ئەمدىلىكتە ئەتراپىمىزدىمۇ بۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ قېلىۋاتىمىز. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   يېقىندا بىر قىز مۇھەببەتلەشكەن يىگىتىنىڭ: «مەن سەن بىلەن توي قىلمايمەن، باشقا بىرى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشىۋاتىمەن، ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى مۇشۇنىڭ بىلەن توختاپ قالسۇن، سەنمۇ ئۆزۈڭگە لايىق بىرىنى تېپىۋال»دەپ تاشلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئىنكاسى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلەر:«بۇ قىز مۇھەببەتلەشتىم دەپ ئامانىتىنى بالدۇرلا يىگىتىگە تاپشۇرۇۋېتىپ، يىگىتى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن نومۇسقا چىدىماي ئۆلۈۋاپتۇ–دە،» دېيىشسە، يەنە بەزىلەر: «جاھاندا يالغۇز شۇ يىگىتلا باردەك ئۆلۈۋالغىنى نېمىسى؟ ھازىر ئۇ يىگىت ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى پەرۋايىغىمۇ ئېلىپ قويماي باشقا بىرىنى قولتۇقلاپ يۈرۈيدىغاندۇ ھەقىچان. بۇ قىز كەم ئەقىللىق قىلىپ ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ» دېيىشكەن. «تارىختىكى ئاشىق–مەشۇقلاردەك مۇھەببەت ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بېرىپتۇ–دە، بۇ قىز.بۈگۈنكى كۈندە مۇھەببەتنى دەپ ئۆلۈم يولىنى تاللايدىغان بۇنداق مۇھەببەت ئاشىنالىرى ئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ، شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇ قىز مۇھەببەتكە بەك سادىق بولسا كېرەك» دېگەنلەرمۇ بولغان. يۇقىرىقى قاراشلارنى ھەر كىم ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان. ئەشۇ قاراشلاردىن بەزىلەرنىڭ قىزغا ئىچ ئاغرىتقانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ قىزنىڭ ئەقىلسىزلىق قىلغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.بۇ قاراشلارنىڭ بەزىلىرىنى توغرا دېيىشكە بولسىمۇ، بەزىلىرى تۈپتىن خاتا بولغان.بولۇپمۇ قىزنى تارىختىكى مۇھەببەت ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاشىق–مەشۇقلارغا ئوخشىتىش بەكمۇ بىمەنىلىك.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

«پەرھاد–شېرىن»داستانىدىكى شېرىننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇ قىزنىڭ ئەرزىمەس ئۆلۈمىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:شېرىن سۆيگەن يىگىتى پەرھادنىڭ بوستۇن تېغىنى بويسۇندۇرۇپ سۇ باشلاش جەريانىدا جېنىدىن جۇدا بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، پەرھاد بىلەن تەڭ ئۆلۈپ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ۋىسالغا يېتىش يولىنى تۇتىدۇ. ئەمدى ھېلىقى قىز بولسا ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان يىگىتىنىڭ ئەلىمىگە چىدىماي ئۆلۈۋالىدۇ. قارىماققا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇھەببەت سەۋەب بولغاندەك قىلغان بىلەن بۇ ئىككى خىل ئۆلۈم تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. شېرىننىڭ ئۆلۈمى ھەقىقىي مۇھەببەت، سۆيگۈ ئۆلۈمىدۇر. چۈنكى شېرىننىڭ دادىسى پەرھادقا بوستۇن تېغىدىن سۇ باشلاپ كېلىشنى شېرىننى ئەمرىگە ئېلىشنىڭ شەرتى قىلىپ قويىدۇ. پەرھاد بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ، شېرىننىڭ ۋەسلىگە يېتىش يولىدا جېنىدىن جۇدا بولىدۇ.شېرىن ئۆزى ئۈچۈن جېنىدىن ئايرىلغان پەرھادنىڭ مۇھەببىتىگە سادىق بولۇش ئۈچۈن پەرھادنىڭ يېنىغا كېتىشنى تاللايدۇ. بۇنى بىز مۇھەببەت داستانى، مۇھەببەت ئۈچۈن جاندىن كېچىش دەيمىز. ھېلىقى قىز سۆيگەن يىگىتىنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا چىدىماي ئۆلۈم يولىنى تۇتتى، خالاس.

ئىز تورى www.iz.la

   ئۇ قىزدا مۇھەببەتنى ئۇلۇغ بىلىش ئېڭى بار دېگەندىمۇ، مۇھەببەت ئوبيېكتىنى خاتا تاللاپ قالغان. ئۇ نوقۇل شېرىن–شېكەر سۆز ۋە قولتۇقلىشىپ مېڭىشنى مۇھەببەتلىشىش دەپ قاراپ، مۇھەببەتنى بەكلا يۈزەكى چۈشىنىۋالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ مۇھەببەتنى ئۇلۇغلاشقا ياتىدىغان–ياتمايدىغانلىقىنى بىلمىگەن. ئۇنى مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئەمەس، پۈچەك، ئەرزىمەس مۇھەببەت ئۈچۈن ئەقلىدىن ئادىشىش دېسەك توغرا بولىدۇ. مەن بۇ ئارقىلىق ئۇ قىزنى يىگىتى ۋاپاسىزلىق قىلسا ھېچقانداق ئازابلانماي، قېتىغىمۇ ئالماي يېڭىدىن بىرنى تېپىپ كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋېرىشى كېرەك ئىدى، دېمەكچى ئەمەسمەن. پەقەت ئۆلۈم يولىنى تاللاشتىن بۇرۇن: «مېنىڭ ئۆلۈم يولىنى تاللىشىم توغرىمۇ؟ يىگىتىمنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا ئۆلۈم ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرسام ئەرزىمدۇ–يوق؟» دېگەننى ئويلىشى كېرەك ئىدى. بۇ قىزنىڭ ئۆلۈمىدىن كىملەر شەرەپ ھېس قىلدى؟ بىچارە ئاتا–ئانا ئۇنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، ئەمدى ھاياتتا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئادەم بولدى دېگەندە، ئاشۇنداق مەيدانى يوق بىر يىگىتنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى دەپ ئۆلۈپ كەتسە ئازابلانمامدۇ؟ قىزىغا ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى، قىيىنچىلىققا، ئازاب–ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتەلمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنمەمدۇ؟ قىزنىڭ ئۆلۈمى قانچىلىك ئادەملەرنىڭ قەلبىدە زېدە پەيدا قىلىدۇ؟ ئىز تورى www.iz.la

ئەشۇ قىزنىڭ پاجىئەسىدىن بىزنىڭ بەزى قىزلىرىمىزنىڭ مۇھەببەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلىش ھەققىدە چۈشەنچىسىنىڭ تازا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la

   بىر قىزنىڭ بەش يىل مۇھەببەتلەشكەن يىگىتى بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىش پۇرستىدىن پايدىلىنىپ باشقا بىر قىز بىلەن تېپىشىپ قېلىپ ئۇ قىزنى تاشلىۋەتكەن. بۇ ئىش دەسلەپتە قىزغا بەك ھار كېلىپ: «ئەمدى يىگىت دېگەنگە يېقىنلىشىدىغان بولسام ئادەم بولماي كېتەي» دەپ قەسەم قىلىپ، بىر مەزگىل خىزمەت بىلەنلا بولۇپ كېتىپ مۇھەببەتلىشش، توي قىلىش دېگەنلەرنى ئېسىدىن چىقىرىپلاۋەتكەن. كېيىن باشقىلارنىڭ نەسىھەت قىلىشى، بىر يىگىتنىڭ زېرىكمەي قوغلىشىشى بىلەن يىگىتنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىپ توي قىلغان.ئۇ قىز تويدىن كېيىن:«مەن بۇرۇن ئۆزۈمنى مۇھەببەتلەشتىم دەپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئەسلىدە مۇھەببەت دېگەن مۇنداق بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟ مانا ئەمدى ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشتىم» دېگەن. ئىز تورى www.iz.la

   ئادەم بۇ دۇنيادا مۇھەببەت بىلەن ھاياتىنى خۇشاللىققا، مەناغا ئىگە قىلالايدۇ. مۇھەببەتسىز ھايات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئازاب–ئوقۇبەت بىلەن ئۆتكەن ھاياتتۇر.ياشلار قۇرامىغا يەتكەندە چوقۇم مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.بەزىلەر بىرلا ئادەم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ۋىسالغا يەتسە، بەزىلەر بىر قانچە ئادەم بىلەن «مۇھەببەتلىشىپ»قالىدۇ.بىز ئادەتتە بىر قانچە ئادەم بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلەرنى«شاللاق، سۇيۇق، مۇھەببەتنى ئۇيۇن قاتارىدا كۆرىدىغان ئادەم» دەپ قارايمىز. ئەمما شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى، ئۇلار مۇھەببەتلىشىش ئوبيېكتىنى خاتا تاللاپ قويۇش سەۋەبلىك بىر قانچە ئادەم بىلەن ئارىلىشىپ قالىدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن، ئۆزىگە ھەممە جەھەتتىن ماس كەلگەن ئادىمى پەقەت بىرلا بولۇشى مۇمكىن.بەزىدە مۇھەببەتلەشكەنلەردىن بىرىنىڭ مەلۇم كېلىشمەسلىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدۇ.لايىقى قازا قىلغان تەرەپ بۇنىڭلىق بىلەنلا لايىقىنىڭ كەينىدىن ئۆلۈپ كېتىش يولىنى تاللىسا، بۇ مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىغانلىق ئەمەس، ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، ھاياتقا، جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ ھېسابلىندۇ. ئىز تورى بەك ياخشى

   قىزلار يىگىتى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلسە ئازابلىنىدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال. لېكىن بۇنداق چاغدا ئۈمىدسىزلىنىپ ھاياتتىن بىراقلا ۋاز كەچمەي مەسىلىنىڭ نېگىزى ھەققىدە ئويلىنىش ئەقىل بىلەن ئىش قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇنداق چاغدا قىزلار ئەڭ ئاۋۋال:«يىگىتىم مېنى نېمىشقا تاشلىۋېتىدۇ؟ مېنىڭ قايسى تەرەپلىرىم ئۇنىڭغا يارىمىدى؟ يېڭىدىن تېپىۋالغان قىزنىڭ قايسى تەرىپى مەندىن ئۈستۈن؟ ئۇنى مۇھەببىتىمىزدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىۋاتقىنى زادى نېمە؟ مەندىكى سەۋەنلىكمۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈجمە كۆڭۈللۈكىمۇ؟» دېگەنلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈشى؛ ئۆزىنىڭ يىگىتىنى ئۇمىدسىزلەندۈرۈپ قويغان تەرەپلىرى بولسا:«مەن ئۆزۈمدە قىزلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بەزىبىر زۆرۈر شەرتلەرنى تولۇق يېتىلدۈرەلمەپتىمەن، ئۇنىڭ مېنى تاشلاپ كېتىشى ھەقلىقكەن» دەپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە، مۇكەممەل قىز بولۇشقا تىرىشىشى؛ ئەگەر يىگىتىنىڭ ھۆسن–جامال، ھوقۇق–مەرتىۋە، بايلىق قوغلىشىپ كەتكەن تەرەپلىرىنى بايقىسا: «ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئۆزىنىڭ بولمىغۇر تەرەپلىرىنى بالدۇر ئاشكارىلىدى، ئەگەر بۇ ئىش توي قىلغاندىن كېيىن ياكى بالىلىق بولغاندىن كېيىن يۈز بەرسە ماڭا تېخىمۇ ئېغىر كېلەتتى، ئۇ مېنىڭ بۇنچە ئەقىدە قىلىشىمغا ئەرزىمەيدىكەن»دەپ مۇھەببەت، بەخت ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك.

copyright by www.iz.la

   ئەگەر سىز يىگىتىڭىز تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن قىز بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئالدىراپلا ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىماڭ.بۇ بىر خىل پسىخىك ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى.نېمە ئۈچۈن تاشلىۋېتىلگەنلىكىڭىز ھەققىدە تەنقىدىي يوسۇندا ئويلانسىڭىزلا، ئۆزىڭىزگە تەسەللى بولىدىغان، روھىڭىزنى كۆتۈرىدىغان، سىزگە ئۈمىدۋارلىق ئاتا قىلىدىغان جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز. قىزچاق، بىلسىڭىز مۇھەببەت قىممەتلىك، ئەمما ھايات تېخىمۇ قىممەتلىك.سىز باشقىلارنى سۆيۈپلا قالماي، ئۆزىڭىزدە باشقىلارنى مەڭگۈ سۆيدۈرگۈدەك پەزىلەتنى، خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرەلىسىڭىز تاشلىۋېتىلىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ قالالايسىز.ئەگەر سىز سۆيگەن ئادەم ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئەمەس، ماددىي نەرسىگە ھېرىسمەن بولسا، ئۇنداق ئادەمنى سۆيۈشتىن قەتئىي ۋاز كېچىڭ. ئۇنداق ئادەمدىن سىزگە مەڭگۈ ۋاپا كەلمەيدۇ. سىز تاشلىۋېتىلىش تەقدىرىگە دۇچار بولسىڭىز، ھاياتنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرۈپ ئۆلۈم يولىنى تاللىماڭ. سىزگە يەنە پۇرسەت بار. سىز كېيىن چىن مۇھەببەتكە چوقۇم ئېرىشەلەيسىز.ئۆزىڭىزنىڭ روھىي دۇنيايىڭىزنى، ئىش–ھەرىكىتىڭىزنى، پەزىلىتىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈڭ. ئەيىب سىزدىمۇ ياكى يىگىتىڭىزدىمۇ؟ ئەگەر سىزدە سەۋەنلىك بولسا ھەرگىز يىگىتىڭىزدىن ئاغرىنماڭ. بىلىپ قېلىڭكى، روھى پۈچەك، قىزلىق نازاكىتى كەمچىل، ئالغا ئىنتىلىشنى خالىمايدىغان، ھايانى بىلمەيدىغان قىزلارنى ھېچ كىشى سۆيمەيدۇ.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...

  • ئەر خۇتۇنلارنىڭ جىدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز

    ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز (1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق...

  • ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ

    ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا ،بۆرەك ئاستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجىرلىشى كۈچۈيىپ ،نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رىتىمىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامىرىكا يۈرەك كېسەلىكى مۇتەخەسىسى دوختۇر ۋېيج...

  • سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق

    سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق گىرمانىيىدە چىقىدىغان ئىلىم -پەن ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشچە دائىم سۆيۈشۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بۇلۇپ ئادەم بەدىنى قىزغىن ھىسياتلىق سۆيۈشۈش سىگىنالىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن چوڭ مىڭدىكى بەخى...

  • ئاياللار ھەققىدە

    ئاياللارھەققىدە 1.ئىنسانلارنىڭبەخت-سائادىتىخوتۇنلارئالدىدىدۇر.2.بىرخوتۇنن...

  • مۇﻫەبىىتىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن

    ﻫېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈرگەن قىزىم يەنى ﻫازىرقى ئايالىم مەندىن: سىز مىنى ﻫەقىقىي ياخشى كۆرەمسىز؟ مېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۆيەمسىز ياكى باشقا ئەرلەردەك تويدىن كېيىن ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالارسىزمۇ؟! دەپ سورىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ...

  • تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلار چېپىلۋالمىسۇن ....!

    ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككەيلەنىڭ قانۇنى نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر- ئايالنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدۇر. شۇڭا ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمىشىغا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارلىشىپ...

  • ئاياللارنىڭ نازاكىتى

    ئاياللارنىڭ نازاكىتى ئاياللاردىكى يۈرۈش،تۇرۇش ،كىيىنىش نازاكىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئاياللاردىكى گەپ-سۆز نازاكىتى ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئائىلىدەۋەياكى سورۇنلاردا بىلەرمەنلىك قىلدىغان ،باشقىلانىڭ سۆزىنى تا...

  • ئەرلەر كەينىدىكى ئاياللار

    يوللىغۇچى ؛ نازاكەت جەمئىيەت ئۆزگەردىمۇ ياكى ئەرلەر ئۆزگەردىمۇ؟ئىشقىلىپ،ھازىر بىر قىسىم ئەرلەر دائىم ئايالىنىڭ بارغانسېرى سارغايغان چىرايىدىن،يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ناز كەرەشمىسىدىن زارلىنىدۇ؛ئايالىنى تولا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى دەپ ئاغرىنىدۇ؛ئۇنىڭ پىشانىسىدى...