ئاياللار قەلبىدىكى ئەر ...
1. ئايالىڭىز ئۈچۈن پاكىز كىيىىنىڭ ۋە خۇش پۇراق ئىشلىتىڭ (ئەتىر )، ئىچ كىيىم سېتىۋالغاندا ئايالىڭىز ياقتۇردىغاننى ئېلىڭ، چۈنكى ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن چىرايلىق كىيىنىشنى ياقتۇرغانغا ئوخشاش، ئاياللارمۇ ھەم ئەرلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن چىرايلىق كىيىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئېسىڭىزدە بولسۇن، پەيغەمبىرىمىز دائىم ئۆيىگە قايتا ۋاقتىدا چىشىنى مىسۋاكلايتتى، ھەمدە دائىم خۇش پۇراق ئىشلىتەتتى. www.iz.la
2. ئايالىڭىزغا ئەركىلەتمە ئىسىملارنى قويۇپ قويۇڭ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىنىڭمۇ ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان ئەركىلەتمە ئىسىملىرى بار ئىدى. ئايالىڭىزنى سۆيۈملۈك ئىسىملار بىلەن ئاتاڭ، ھەرگىز ئۇنى كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئىسىملار بىلەن ئاتىماڭ.
3. ئايالىڭىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشنى قىلماڭ، ئايالىڭىز بىر كۈن كەچكىچە سىزنىڭ دىققەت قىلمايدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىڭىزنى قىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ياخشىلىق ئايالىڭىزدىن كېلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
4. ئەگەر ئايالىڭىزدىن خاتالىق كۆرسىڭىز، ئامال بار ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ۋە تىلغا ئالماڭ، بۇ ئۇسۇل ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز ئاياللىرىدىن (اللە ئۇلاردىن رازى بولسۇن) كۆڭلىگە ياقمايدىغان بىرەر ئىشنى كۆرگەندە قوللىنىدىغان يولى بولۇپ، بۇ ھازىر ناھايىتى ئازساندىكى مۇسۇلمان ئەرلەر قوللىنىۋاتقان ماھارەت.
5. ئايالىڭىزنى قارىغاندا ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەڭ ھەمدە دائىم قۇچاقلاپ قويۇڭ. كۈلۈمسىرەش بولسا سەدىقەدۇر. ھاياتىڭىزدا ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ قاراشنى ئويلاڭ، بۇ ھەدىسمۇ ھەم ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھۆرمەتكە سازاۋەر پەيغەمبىرىمىز نامازغا مېڭىشتىن بۇرۇن ئايالىنى سۆيۈپ قوياتتى، گەرچە ئالدىرسىمۇ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
6. ئۇنىڭ سىزگە قىلىپ بەرگەن ئىشلىرىغا رەھمەت ئېيتىڭ، ئۇنىڭغا يەنە رەھمەت ئېيتىڭ! مەسىلەن: غىزالانغاندا، ئۇ تاماق ئەتكەندە، ئۆيلەرنى تازلىغاندا ۋە ئۆيلەرنى يۇغۇشتۇرغاندا، ھەمدە بەزى ۋاقىتلاردا سىزنىڭ شورپىڭىزغا تۇزنى جىقراق سېلىپ سالغاندىمۇ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشنى تاشلاپ قويماڭ.
7. ئۇنىڭدىن سىز ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلغان 10 ئىشنى يېزىشنى سوراڭ ھەمدە ئۇ ئىشلارنى يەنە قايتا ئۇنىڭغا قىلىپ بېرىڭ، بەلكىم ئايالىڭىزنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى ئەستە ساقلاش تەس بۇلىشى مۇمكىن. لېكىن سىز ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماق ئوينىمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن سوراڭ ۋە قىلىڭ، بۇ ۋاقىتلار ھاياتىڭىزدا قايتىلىنىپ تۇرسۇن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
8. ئايالىڭىزنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى كىچىك سانىماڭ، ئۇنىغا تەسەللى بېرىڭ. بەزى ۋاقىتلاردا ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئارزۇ تەلەپلىرىنى بىلمەسكە سېلىۋالىدۇ. ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز بىر ۋەقەدە بىزگە ئۆلگە تىكلەپ بەرگەن، سەفىيە (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مەن تۈگگە مىنىمەن دەپ يىغلاپ تۇرۋالغان چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېشىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ ئۇنى تۆگىگە مىندۈرگەن.
9. ئايالىڭىز بىلەن يۇمۇرىستىك ئويۇنلارنى ئويناڭ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىشە (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بىلەن قۇملۇقتا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىگە قاراڭ، سىز قاچان ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقتىڭىز؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
10. ھەر ۋاقىت ئۇلۇغ اللە نىڭ ئەلچىسى بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزى ئېسىڭىزدە بولسۇن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، ئۆز ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولغانلىرىڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىمەن.» ئەڭ ياخشى بولۇشقا تىرىشىڭ.