5-داۋامى›ئايالىم ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ‹ھىكايە

ۋاقتى:2010-08-01 13:50مەنبە: يوللىغۇچى:قاھار ئىلھامى چېكىلىشى:قىتىم
  

5-داۋامى›ئايالىم ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ‹ھىكايە

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

تۇيۇقسىز ئشك ئىچىلىپ بىرسىستىرا چىقىپ كەلدى ئۇمىنىڭ ئالدىمغا كىلىپ ئايالىڭىز نىڭ يىنىغا كىرىپ چىقامسىز ؟مەن تاسلا قالدىم ئايلىنىپ قالغىلى...قۇلاقلىرىم غوڭۇلداپ كۆزلىرىم چەكچىيىپ پۇتلىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ كىرىپ كىتىۋاتىمەن...شۇتاپ كاللامغا نىمىلەر كەلمىدى ھە ....سستىرا كەينىمدە ئەگىشىپ كىلىۋىتىپ بىرنىمىلەرنى دەۋاتىدۇ..ئۇگەپلەرنى ئاڭلغۇدەك مادار مەندە قالمىغان ئىدى.بالنىس ئشكىنى تولمۇ تەستە ئىتىرپ كىردىم ئايالىم كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ ماڭا قاراپلا تۇراتتى..ئەسلىدىمۇ ياش تامچىلاۋاتقان كۆزلىرىم  مىنى ئايالىمنى ئويلاپمۇ قويمىدى ،قانچە قىلساممۇ بۇياشلارنى تۇتۇپ قالالمىدىم.مەن كارۋات يىنىغا كەلدىم ،ئۇنىڭ قوللىرىنى يۈزكۆزلىرىمگە سۈرتۈپ يىغلاپ كەتتىم ...شۇتاپ ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئەتراپى قارا سۈرتۈپ قويغاندەك قاپ قارا ئىدى...ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇ دىمەكچىدىم..بىراق ئىغىزىمدىن ھىچ قىلىپ گەپ چىقمايۋاتاتتى.توختىماي يىغلىماقتىمەن..گەپ قىلالماي شۇنداق قىينىلىپ كەتتىمكى بىشىمنى توختىماي ئىككى يانغا چايقىماقتىمەن.ئوماق ئايلىمنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش ئاستا سىرغىپ چۈشتى..ئۇماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قولۇمدىن قولىنى ئاجراتتى،ئاندىن تولمۇ تەستە قولىنى يۈزۈمگە تەككۈزۈپ يىشىمنى سۈرتمەكچى بولدى ،مەن ئۇنىڭ قولىنى ئۆزۈم تۇتۇپ سۈرتۈپ قويدۇم  تۆۋە شۇچاغ ئۇ ئىغزىنىڭ بۇلۇڭىدا كۈلۈپ....ئاستا قولىنى تارتىۋالدى..شۇ  تارقانچە ئۇ مەندىن ھەممىنى تارتىۋالغان ئىدى....ئۇنىڭ كۆزىدىن سىرغىپ چۈشكەن ئاخىرقى ئىككى تامچە ياش مەڭزدە قىتىپ قالدى.شۇ ياش بىلەن تەڭ مەنمۇ قىتىپ قالدىم باشقا ئشلار ئسىمدە يوق...ئسىمنى بىلسەم ئۆيدە دەرزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن..بالام قىشىمدە تاتلىق ئۇخلاۋىتىپتۇ..ئۇنى قولۇمغا ئىلىپ ئۆسۈپ كەتكەن ساقالىرىمنى سانچىپ قانغۇچە سۆيدۈم ..ئۇئويغۇنۇپ يىغلاشقا باشلىدى...شۇئاردا ئاپام  يۈگۈرۈپ كىردى.دە ماڭا قارماستىنلا بالامنى قولۇمدىن ئىلىپ قورماڭ قىزىم ئۇدىگەن سىزنىڭ دادىڭىزغۇ..ئاپپاق قىزىم دەپ بەزلەشكە باشلىدى...مەن ئاپامدىن  ئاپا ئاينۇر چۇ..؟دەپ سورشىمغىلا ئاپام چىرايىمغا قاراپ تۇرۇپلا كىتىپ بالام   يەنە بىر گەپ قىلە...؟ نىم بولدى ئاپا مەن سەندىن ئاينۇر چۇ دەپ سوراۋاتىمەن...مەن دوختۇرخانىدا ئاينۇرنىڭ كارۋىتىنىڭ ئالدىدا ئىدىمغۇ ..مىنى كىم ئويگە ئەكەپ قويدى...قارغاندا ئايلىنىپ قاپتىمەن دە..دىدىم.ئاپام..بالام سەن ئاخىر ئسىڭگە كەلدىڭ تاتلىق بالام..دىگىنىچە پشانىلىرىمغا سۆيۈپ يىغلاپ كەتتى.يىغىدىن ئۆزىنى توختۇتۇپ بالام قورسۇقۇڭ ئاچتىمۇ مەن تاماق ئىتەي بالام ..سىڭلىڭ مەكتەپتىن تىخى كەلمىدى...بىردەمدىلا تەييار قىلىمەن ،ئىغىزىڭغا تىتىغۇدەك بىر تاماق ئىتىپ بىرەي ئۆز قولۇم بىلەن ،دەپ بالىنى ماڭا ئۇزاتتى.مەن ئاپامنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ئاپا سىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن ...يەنە بىر قىتىم سوراي ،دەڭە قىزمنىڭ ئانىسىچۇ...ئۇھازىر نەدە؟ ئاپام ياشلىرىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا سۈرتىۋىتىپ بالام بىرنەچچە كۈندىن كىيىن سىنى يىنىغا ئاپىرىمەن..خاتىرجەم بول دىدى. مەن ئۇنىڭدىن نىم دەپ بالام ئۇنىڭ قىشىدا تۇرماي بۇيەردە نىمىش قىلىدۇ..؟دەپ ئىچكىرلەپ سوراشقا باشلىدىم ئاپام ماڭا ...مەن باققاچ تۇراي دەپ ئەپ قالدىم ..دەپلا ئىتتىك قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەتتى..قىزىمنى ئوينۇتۇپ ئەركىلىتىپ ۋاقىتىنىڭ قانداق ئۆتكىننى بىلمەيلا قاپتىمەن،تاماق پىشقان چىغى ئاپام دوسقان كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى قىزمغا سۈت تەڭشەپ كىرەي دەپ چىقىپ كەتتى.سىڭلىممۇ ئانامغا ئوخشاشلا جاۋاپنى بەردى.ئاردىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى ..مەن ئاپامنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئاپا سىز مەندىن يوشۇرۇپ بولالمايسىز.سىزنڭ كىيىنىشلىرڭزدىن ئاللا بۇرۇنلا ھەممىنى بىلگەنمەن ..بولدى قىلڭ ئەمدى ..مەن سىزئويلىغاندەك ئۇنداق ئاجىز ئەمەس نەچچە كۈندىن بىرى مىنى ئويلاپ دىمىگەنلىگىڭىزنى بىلىپ تۇرۋاتىمەن.رەخمەت ئاپا...لىكىن مەن ئۇنى يوقلاپ بارمىسام بولمايدۇ.دىدىم،ئاپام بولىدۇ بالام مەن سىنى ئىلىپ باراي ساقلاپ تۇرغىن..ئاپام كىرىپ كىتىم بىرھازادىن كىيىن چىقتى..دە قولىدا بىربوخچىنى بىرگە ئىلىپ چىقتى..مەن ھەيرانلىقتا  ئۇنىڭغا قاردىم..ئاپام ماڭا بوخچىنى ئىچىشقا ئشارەت قىلدى...بۇنىڭ ئىچىدىكى ئايالىمنىڭ كۈندۈلك خاتىرسى بىلەن بانكا كارى ئىدى..كۈندۈلۈك خاتىرنى قولۇمغا ئىلىپ ياشلىرمنى توسۇپ قالالمىدىم. www.iz.la

داۋامى بار-------->بىزار قىلىۋەتتىمغۇ دەيمەن...سىلەرنى پارچىلاپ يوللاپ ئەپۇ قىلارسىزلە قىرىنداشلىرىم..ئامالسىزمەن..توغرا چۈشنەرسىزلە... ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەر خۇتۇنلارنىڭ جىدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز

    ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز (1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق...

  • ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ

    ياخشى نىيەت ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا ،بۆرەك ئاستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجىرلىشى كۈچۈيىپ ،نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رىتىمىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامىرىكا يۈرەك كېسەلىكى مۇتەخەسىسى دوختۇر ۋېيج...

  • سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق

    سۈيۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق گىرمانىيىدە چىقىدىغان ئىلىم -پەن ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشچە دائىم سۆيۈشۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بۇلۇپ ئادەم بەدىنى قىزغىن ھىسياتلىق سۆيۈشۈش سىگىنالىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن چوڭ مىڭدىكى بەخى...

  • ئاياللار ھەققىدە

    ئاياللارھەققىدە 1.ئىنسانلارنىڭبەخت-سائادىتىخوتۇنلارئالدىدىدۇر.2.بىرخوتۇنن...

  • مۇﻫەبىىتىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن

    ﻫېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈرگەن قىزىم يەنى ﻫازىرقى ئايالىم مەندىن: سىز مىنى ﻫەقىقىي ياخشى كۆرەمسىز؟ مېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۆيەمسىز ياكى باشقا ئەرلەردەك تويدىن كېيىن ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالارسىزمۇ؟! دەپ سورىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ...

  • تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلار چېپىلۋالمىسۇن ....!

    ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككەيلەنىڭ قانۇنى نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر- ئايالنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدۇر. شۇڭا ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمىشىغا زۆرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارلىشىپ...

  • ئاياللارنىڭ نازاكىتى

    ئاياللارنىڭ نازاكىتى ئاياللاردىكى يۈرۈش،تۇرۇش ،كىيىنىش نازاكىتى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئاياللاردىكى گەپ-سۆز نازاكىتى ئۇلارنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئائىلىدەۋەياكى سورۇنلاردا بىلەرمەنلىك قىلدىغان ،باشقىلانىڭ سۆزىنى تا...

  • ئەرلەر كەينىدىكى ئاياللار

    يوللىغۇچى ؛ نازاكەت جەمئىيەت ئۆزگەردىمۇ ياكى ئەرلەر ئۆزگەردىمۇ؟ئىشقىلىپ،ھازىر بىر قىسىم ئەرلەر دائىم ئايالىنىڭ بارغانسېرى سارغايغان چىرايىدىن،يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ناز كەرەشمىسىدىن زارلىنىدۇ؛ئايالىنى تولا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى دەپ ئاغرىنىدۇ؛ئۇنىڭ پىشانىسىدى...

  • بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قېلىش ئىشەنچلىكمۇ ؟

    بىر كۆرۇپلا ئاشىق بولۇپ قىلىش ئېشەنچىلىكمۇ؟ بىراۋنىڭ قاراپ قويۇشى سىزنى سۆيىدىغانلىقى ياكى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئەمەس. - درېۋ باررىمور ھۆرمەتلىك خانىم: بىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى كۈتۈپخانىغا كىتاپ كۆرگىلى باردىم. قىرائەتخانا ئادەملەر بىلەن توشۇپ كېتى...

  • سزنى سۆيىدىغان ئەر

    1. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىزنى نىمە ئۈچۈن چىن يۈرىكىدىن سۆيىدىغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، ئۇ پەقەت بۇنىڭدىن كېيىن باشقا قىزلارغا قارايدىغان چولىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىدۇ؛ 2. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم سىزنى رەنجىتىپلا يۈرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ زادى نېمە...