*ئاتا - ئانىڭىز ياقتۇرمايدىغاننى سۆيسىڭىز ، تەڭلىكتە قالىسىز . تۇققاندارچىلىق بىلەن مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا ئەڭ ياخشى باغلىنىش نوقتىسىنى تېپىشىڭىز تەسكە توختايدۇ .
*ئۆزىڭىزدىن چىرايلىقنى سۆيسىڭىز ، ئەتراپىڭىزدىكى كۆزلەردىن ھەرۋاقىت ھوشيار بولۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ .
*سىزنى سۆيىدىغاننى سۆيسىڭىز ، ئۆزىڭىزنى ناھايىتى بەخىتلىك ھېس قىلىسىز ، ئەمما ئۇنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزدىن يۈز ئۆرۈپ ، باشقىنى تېپىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىسىز .
*ئۆزىڭىزدىن ئەقىللىقنى سۆيسىڭىز ، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولىدۇ ، ئەمما سىزدە ئۆزىڭىزنى كەمسىتىش ئېڭى پەيدا بولىدۇ .
*باشقىلارغا باھا بېرىشكە ئامراقنى سۆيسىڭىز ، تولىمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ ، سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ماتىرىيالىغا ئايلىنىپ قالىسىز ... ... ...
ھەي ، بۇنىڭغا نېمە دىگۈلۈك !... ... ...
مەنبە ؛ ‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى