ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان قىزلار : «بۇ غەلىتە سوئالغۇ ،ياخشى ئەرلەر ھەممە يەردە تۇرمامدۇ»دىيىشى مۇمكىن ، مۇھەببەت لەززىتىدىن مەسىت بولۇپ يۈرگەن قىزلا ر بولسا:«مېنىڭ يىگىتىم ئەڭ ياخشى ئەر » دېيىشى مۇمىكىن. ئەمما توي قىلغان ئاياللارنىڭ جاۋابى خىلمۇ خىل بولىدۇ:
A مېنىڭچە ،مېنىڭ ئېرىمنى ئەڭ ياخشى ئەر دىيىشكە بولىدۇ.
B پالانچىنىڭ ئېرى چوقۇم ئەڭ ياخشى ئەر.
C ياخشى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىگەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇھەببەت شارابىدىن مەسىت بولغان چاغدا بېرىلگەن جاۋاپ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا بېرىلگەن جاۋاپ تەبىئىي ھالدا قارىمۇ -قارشى بولىدۇ. مېىنىڭچە ياخشى ئەرلەر ئاياللارنىڭ بايقىشىغا ،تەربىيلەپ يېتىشتۈرشىگە ،يا ردىمىگە ،كەڭ قورساق بولۇشىغا ھەمدە ئەپۇ قىلىشىغا مۇھتاج. www.iz.la
ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا،ئامال بار ھەر قانداق ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ ھەر ئىككىلى تەرەپ ئۆز سەمىمىيتى بىلەن قارشى تەرەپنى قايىل قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سىز بىر ئەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئايالىڭىزنىڭ سىزدىن نىمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھەقىقىي ،سەمىمىي مۇھەبىبىتىگە مۇھتاج.
ماختاش سۆزلىرىنى كۆپرەك ئاڭلاشقا مۇھتاج.
ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ گېپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىغا مۇھتاج.
ئەرلىرىنىڭ ئا ئىلە ئشلىرىغا ياردەملىشىشىغا مۇھتاج.
دېمەك ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىىن كۆيۈنىشىگە ،كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇھتاج،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاياللارمۇ ئەرلىرىنىڭ ئوخشاشلا ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئېرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئەقىللىق خوتۇن ،ئائىلە تۇرمۇشىنى ئاقلانە تەڭشەپ،ئۆز نىكاھىنى قوغداپ ،مۇستەھكەم نىكاھ قۇرۇلمىسىنى قۇرالايدۇ ۋە ئۆز ئېرىنى مەڭگۈ ياخشى ئەر قىلىپ يېتەكلىيەلەيدۇ. دىمەك «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ،يەر قىلغانمۇ خوتۇن». ئىز تورى بەك ياخشى