پەقەت سېنى سۆيگۈنۈم ئېنىق،
جاھاندا بىر ئەزىز ھېساپلاپ.
مەيلى يىغلات،مەيلى كۈلدۈرگىن،
مەيلى كەتكىن يىراققا تاشلاپ.
پەقەت سېنى سۆيگۈنۈم ئېنىق،
پەرۋانىدەك ئوتقا تاشلاپ.
كەتسەڭ مەيلى ئۆتىمەن تەنھا،
كۈيلىرىمدە ھىقران ھاباشلاپ.
پەقەت سېنى سۆيگۈنۈم ئېنىق،
سۆيەۈدەك زىمىننى قۇياش.
سىنىقىغا تەييەر ھاياتنىڭ،
پاك ئەقىدە قەلبىمدە ئوتقاش.
پەقەت سېنى سۆيگۈنۈم ئېنىق،
ئاشىق قەلبىڭ كېرەكتۇر ماڭا.
بېرەلمىسەڭ بولما خىقالەت،
بەىت تىلەپ قالىمەن ساڭا.
پەقەت سېنى سۆيگۈنۈم ئېنىق، ئىز تورى بەك ياخشى
سۆيەلمەيمەن سەندىن باشقىنى.
نىچۈن ماڭا قاراپ قويمايسەن؟
كۈلەرسەنمۇ تاپساڭ باشقىنى. www.iz.la