بىلەمسەن؟! مەن ئەمدى كىچىلىرى ئۇخلىماي، تىلفۇننى قولۇمدا چىڭ تۇتۇپ،سىنىڭ تىلفۇن قىلشىڭنى كۈتمەيدىغان،شۇ "جاۋاپسىز ئۇچۇر" لىرىڭغا تەلمۈرمەيدىغان بولدۇم.
بىلەمسەن؟! مەن چىرايلىق ياسىنىپ،يىڭى كىيىملەرنى كىيگەن كۇنلىرى،ساڭا ئۇچۇرشىش ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەيدىغان، ساڭا بىرەر رەت كۈرنۈپ،سىنىڭ "چىرايلىق بۇلۇپ كېتىپتۇغۇ" دەپ قىلشىڭنى ئارزۇ قىلمايدىغان بولدۇم.
بىلەمسەن؟! سەن دائىم ماڭدىغان يوللادا مېڭىپ، سەن كىردىغان تورخانىغا كىرىپ، سەن تاماق يەيدىغان ئاشخانىدا تاماق يەپ، سىنى كۈرۋىلىشنى تىلەيدىغان بولدۇم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىلەمسەن؟! دوستلىرىمدىن، دوستلىرىڭدىن،ھەتتا تۇنۇش-بىلىشلەردىن، سىنىڭ قانداق تۇرۋاتقانلىقىڭنى، سالامەتلىكىڭنى سوراپ يۈرمەيدىغان، سىنىڭدىن ئەنسىرمەيدىغان بولدۇم.
بىلەمسەن؟! سەن بىلەن ئولتۇرغان ئورۇنلاردا ئولتۇرۇپ، سىنىڭ قۇلۇمنى تۇتقان،لىۋىمگە سويگەن شۇ كەچمىشلەرنى ئويلىمايدىغان، سىنىڭ "جىنىم،بارىم" دىگەن يالغان سۈزۈڭنى، ساختا پەپىلەشلىرىڭنى قايتىدىن ئەسلىمەيدىغان بولدۇم.
بىلەمسەن؟!كىچىلەر جۈيلۈپ"..." دەپ ئىسمىڭنى چاقىرمايدىغان، رەسىملىرىڭگە قاراپ يىغلىمايدىغان، سىنى سېغىنمايدىغان بولدۇم.
بىلەمسەن؟! ھەر بىر رەت قولۇمغا قەلەمنى ئىلىپ، بىرىنچى بۇلۇپ سەن ئۈچۈن شېىر يىزىشنى ئويلىمايدىغان، شۇ شېىرلىرىمدا سىنى ماختىمايدىغان ،ساڭا سۈيگۈمنى ئىپادىلەپ، تەلپۈنمەيدىغان بولدۇم. ?
بىلەمسەن جىنىم بىلەمسەن؟!!!
مەن سەن ئۈچۈن ھىچنىمە قىلمايدىغان بولدۇم، ساڭا تەلمۈرمەيدىغان بولدۇم. سەن ئۈچۇن يىغلاپ، سەن ئۈچۇن كۈلمەيدىغان بولدۇم.... چۇنكى مەن سەنسىزمۇ ياشالايدىغان بولدۇم... --