سالام گۈلۈم،مەجنۇن ئاشىقىڭ قولىغا يەنە قەلەم ئالدى، بۇ قېتىمقى خېتىم بەلكىم بۇرۇنقى خەتلىرىمدەك ئۇنچە خۇش پۇراق چاچمىسا كېرەك،ۋە بەلكىم بۇرۇنقى خەتلىرىمدەك ئۇنداق رومانتىك بولماسلىقىمۇ مۈمكىن. چۈنكى مەن بۈگۈن سېنىڭ شاپائىتىڭ بىلەن شۇنداق بىر ھېكمەتنى ھېس قىلدىمكى ئۆزگە گۈلشەندىكى گۈل ھەر قانچە چىرايلىق،خۇش پۇراق بولسىمۇ يەنىلا ئۆز گۈلشىنىڭدىكى لەيلى قازاققا يەتمەيدىكەن، گۈلۈم.مەن سېنى سۆيدۈم ،ساڭا بارىمنى بەردىم،سېنى ھاياتلىقتىكى بەختىم،تۇرمۇشۇمنىڭ مەناسى،دەپ ھېس قىلدىم.ۋە شۇنداق ئاتىدىم.
يۈرەك باغرىمدىن،ئىچ-ئىچىمدىن سەن بىلەن بىرلە بولۇشنى،بىرگە ياشاشنى،مەڭگۈ-مەڭگۈ بىر تەن-بىر جان بولۇپ گىرەلىشىپ كېتىشنى،تىلىدىم. سەندىن ئايرىلىپ قىلىشتىن شۇنچىلىك،شۇنچىلىك قورىقتىم،چۈنكى مەن سېنى سۆيەتتىم. شۇڭا سېنى ھەر قانداق نەرسىلەردىن،ھاۋادىن،سۇدىن ،گۈل-گىياھلاردىن،كېچىدىن-تاڭدىن ،ئىشقىلىپ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن قىزغاندىم،چۈنكى مەن سېنى سۆيەتتىم گۈلۈم.
ساڭا ئاتاپ قىسسەلەر يازدىم،نەزمىلەر توقۇدۇم،ناخشىلار قاتتىم ،چۈنكى مەن سېنى سۆيەتتىم گۈلۈم.
لېكىن مەن گۈدەكمۇ،شۇنچىلىك نادان-ساددىمۇ ياكى بىر ئەقلى توشمىغان دۆتمۇ بۇنى بىلمىدىم ،ساڭا بەرگەن سۆيگۈمنىڭ،پاك مۇھەببىتىمنىڭ پەقەت سېنىڭ تۇرمۇشىڭدىكى بىر بوشلۇقنى توشقۇزىدىغان،تۇرمۇشىڭدا تىشىلگەن بىر تۆشۈككە يەملەنمە بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن گۈلۈم. سەن ئۈچۈن پارە بولغان يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك زەخمە يىگىنىنى بىلەمسەن گۈلۈم.
www.iz.la
ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق ئېگىز-پەس بولىدىكەن گۈلۈم،ساڭا بولغان ئىشقىمنىڭ ،سەندىن كۈتكەن بەختنىڭ،خوشاللىقنىڭ ھايا بۈگۈنكى كۈندە ماڭا مۇشۇنداق ئېغىر جازا بېرىدىغىنىنى نىمىشقا ئويلىمىدىم؟ ئويلىشىم كېرەك ئىدى،چۈنكى مەن شۇنداق بىر ھېكمەتنى ئۇنۇتقان ئىدىم يەنى ئۆزگە باغ-گۈلشەندىكى خۇشپۇراق گۈللەر ھەر قانچە ئىسىل بولسىمۇ ئۆز بېغىڭ-گۈلشىنىڭدىكى لەيلى قازاقنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيتى،مانا مۇشۇنداق چوڭ بىر ھەقىقەتنى ئۇنتۇغان ئىدىم،شۇل سەۋەب بۇ جازاغا مۇپتىلا بولدۇم گۈلۈم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مېنى كەچۈرگىن يۈرەك باغرىمنى ئىزىپ چىققان پاك سۆيگۈمدىن مېنى كەچۈرگىن ،سېنى سۆيىمەن،بارلىقىمدىن ،يۈرەك قاتلاملىرىمدىن سېنى سۆيىمەن شۇل سەۋەب مېنى كەچۈرگىن. ئىككى دۇنيا قوشۇلالمايدىغان تەقدىرىمىزدىن مېنى كەچۈرگىن. ماڭغان تۇيۇق يوللىرىمدىن ،باسقان خاتا ئىزلىرىمدىن مېنى كەچۈرگىن،سېنى سۆيىمەن. خەتلىرىم بارغانچە قولاشمايۋاتىدۇ،بەلكىم ھاياجانلىنىپ ،ۋە ياكى غەزەبلىنىپ كېتىپ بارغان بولۇشۇم مۈمكىن،شۇل سەۋەب مېنى كەچۈر.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىككىمىزنىڭ ئۆتكەن ئاشۇ ئېسىل كۈنلىرى،بىر گەۋدە،بىر تەن بولۇپ گىرەلەشكەن شېرىن مىنۇتلار،ۋەدىلەشكەن تۈنلەر،يېزىشقان ئاشىق خەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆزگە گۈلشەن باغدا بىر پۇراقسىز گۈل بولۇپ قالغۇسى،تەقدىر بورىنىنىڭ سوغۇق ئۈشۈكى ئۇنى ۋاقىتسىز توزاتقۇسى، چۆچۈپ ئويغانغان ۋاقتىمدا ھەممىسى بىر شېرىن چۈش بولۇپ قالغۇسى گۈلۈم.
سېنى سۆيىمەن گۈلۈم،قايتىلانماس ئۆتمۇشۇمدىن سېنى سۆيىمەن.خەير ئاللاھقا ئامانەت.
سېنى سۆيۈپ قەلبى دەتلىك ئاشىقىڭدىن