ئەركەك دىگەن قانداق بولىدۇ؟

ۋاقتى:2010-08-14 18:34مەنبە: يوللىغۇچى:ئابلىكىم چېكىلىشى:قىتىم
  
                                                             
چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟
       ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ؟ 
                                       ئالغۇر بۈركۈتى قولىدا بارمۇ؟                                       ئىز تورى بەك ياخشى
        مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ؟...
     

   


           
  چىن مەنىدىكى ئەركەكلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى بۈگۈنكى كۈندە پاكىت بولۇپ قالدى. «ئەركەك دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ئوخشىمىغان مەنىلەرنى ئۆزىگە» يۈكلەپ كەلدى. ئىپتىدائىي جمئىيەتتە يولۋاس، شىرغا ئوخشاش يىرىتقۇچ ھايۋانلارنى ئوۋلىغانلار باتۇر، ئەركەك دەپ ئاتالغان بولسا، ئۇرۇش-نىزا قاينىغان دەۋرلەردە جەڭدە قانچە دۈشمەننە ئۆلتۈرگەنلىك ئەركەكلەكنىڭ بەلگىسى بولغان؛ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ مەدداھلىق ،جاھانكەشلىك ، مەجنۇن-ئاشىقلىق ھۆكۈم سۈگەن دەۋرلەردە جانان ئۈچۈن چۆل كەزگەن، پەرھات كەبى تاغ تەشكەنلەر ئەركەكلىكنىك سىمىۋولى دەپ قارىلىپ، ئەركەكلىكنىڭ باتۇرلۇق، كۈچ-قۇۋۋەتنى بەلگە قىلىشتەك خاراكتىرى سۇسلىشىپ، ئەرلىكنىڭ سېھرىي كۈچى خىرەلىشىپ كەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
       كىشىلەرنىڭ ماددىي، مەنىۋى تەشنالىقى ئاز-تولا قانائەت تاپقان بۈگۈنكى كۈندە «ئەركەكلىك» تېخىمۇ رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى: قىزلارنىڭ نەزىرىدە قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدىغان، يامىنى كەلسە سۆيگىنىنى ئىككى تەستەك ئۇرۇپ، كەينىدىن كۆڭلىنى ئۇتالايدىغان؛ سالاپىتى، جەلىپكارلىقى «شاھرۇھخان»دىن قېلىشمايدىغان يىگىتلەر ئەركەك سانالدى.«جاھان كۆرگەن»، رېستۇرانلاشقان ئۈلپەتلەر نەزىرىدە ھەقىقىي ئەركەكنىڭ ئۆلچىمى: قاچانلىكى بولمىسۇن يانچۇقىدا ئىككى يېنىغا قارىماي ئەل_ئاغىنىلىرىگە خەجلىگۈدەك بىرەر  تۇتام پۇلى بولۇشى؛ تۈن نىسپىدە ئاغىنىلىرىنى ئۆيىگە باشلاپ، ئايالىغا دېگىنىنى قىلدۇرالايدىغان بولۇشى؛«قىرلىق ئىستاكان»نى تەمتىرىمەي كۆتۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك...ئۇمۇمەن بۈگۈنكى دەۋردە ئەركەكلىكنىڭ مەلۇم مەنىدىن بىز ئەگىپ ئۆتەلمەيدىغان ئىقتىسادتىن ئىبارەت شەرتكە باغلانغانلىقىنى تىلىمىز ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، دىلىمىز زىكىر قىلىپ تۇرىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم قالتىس ئەركەكلەر پەيدا بولدى.يانچۇقىدا پۇلى بار چاغدا بىر توپ جانجىگەرلەر چىۋىندەك ئەگىپ،«كۈچۈكۈڭ بولاي» دەپ ئەتراپىدا قاۋاشقىمۇ تەييار تۇردى. پۇلى توزۇپ تەئەللۇقاتىدىن ئايرىغاندا ، سوغۇقتىن قورقۇپ جەنۇبقا(ئىسسىققا)قاچقان قۇشلاردەك غايىب بولدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
        غورور، ۋىجدان، دىيانەت يىپلىرى نائەھلى قوللاردا قىرقىۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۇل تاپقىنىدا ئەقىل كۆزى خىرەلەشمىگەن ، ئەركەكلىكنى خەلقىگە چىن مەنىدىن ساخاۋەت قولىنى سوزۇش بىلەن ئىپادىلىگەن، ئەقىدە بوستانلىرىنى غورۇر سۈيى بىلەن سۇغىرىپ چىن مەنىدىن ئەركەك ئاتالغانلارمۇ بارلىققا كەلدى. بۇنداقلارنىڭ سانى بەك ئاز بولسىمۇ، ئەرۆەكلىكنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىزگە ھەر قاچان ھېس قىلدۇرۇپ تۇرماقتا. مەن يەنە شۇنداق ئەركەكلەرنى كۆرگەنمەن: ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقى راۋۇرۇس بولمىسىمۇ، ۋۇجۇدىدىن يىگىتلىكنىڭ ئىزناسى ئەمەس، باشقىچە ھالەتنىڭ ياپراقلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. بەزى سەنئەت نومۇرلىرىدىكى ئەرلەرنىڭ لىڭتاسما ھالىتى جۇشقۇن ئاياللار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، ككڭۈللەرنى مالىمان، دىللارنى غەش قىلىدۇ. رېئال تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك سەينالىرىدا ھەرخىل غەلىتە، نامىغا مۇناسىپ كەلمىگەن ئەركەكلەرنى ئۇچىرتىش مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق«ئەركەك»لەرگە «ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئۆلچىمى سالماقلىق، مەردانىلىك، پاراسەتلىك بولۇش!»دەپ خىتاب قىلغۇڭىز كېلىدۇ. ئەلۋەتتە زامان ئۆزگەردى، چىن تۆمۈرگە ئوخشايمەن ،دەپ يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. ئەدناسى پۇت_قولى مېيىپ تۇرۇقلۇق چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھاياتنىڭ ئېگىز داۋىنىغا ئېسىلىپ چىقىۋاتقان يىگىتنىڭ ۋۇجۇدىنىمۇ«ئەركەك»لىكنىڭ خۇرۇچلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ئادىل ھوشۇر، ئابدۇشۈكۈر، ئابدۇراخمان، جۈرئەت ئوبۇلقاسىم ۋە نۇرتاي ھاجى، دوكتۇر خالمۇرات قاتارلىق مىللەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرۋاتقان پاراسەت ئىگىلىرىنى كىم ئەركەك دېمەيدىكەن؟ مۇشىت ئاتقۇچىدىن مۇشىت يېگۈچى نوچى چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، سورۇندا پونىڭ چوڭىنى ئېتىپ، ياۋاشلارغا بىر-ئىككى مۇشىت ئاتالىغانلار ئەركەك ئەمەس. بىر قىزنىڭ كەينىدىن نەچچە يىل مېڭىپ گەپ  يېگۈزەلمەي مىچىلداپ يىغلاپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ قىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئەمەس، لەنىتىگە ئېرشكەن يىگىتنى ئەركەك دېيەلەمسىز؟ ئەكسىچە«كۆتۈر قاسقىنىڭنى ھۇ يارىماس، نوچى بولساڭ يېشىڭ بىلەن ئەمەس، ئەقلىڭ، ساپ غورورۇڭ بىلەن قايىل قىل» دەپ كۆتىگە تەپكۈڭىز كېلىدۇ.
www.iz.la

         «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «ئەركەك» ئاتالغۇسىغا«ئەر جىنىسغا مەنسۇپ كىشى؛ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان، قورقماس، مەرد، راستچىل» دەپ تەبىر بېرىلگەن. تۈرلۈك خىمىيلىك تەركىبلەر پۇچەكلەشتۈرىۋاتقان، تاش ئورمان (بىنالار ) ئىچىدە زەئىپلىشىۋاتقان، لېرىك مۇزىكا، ئەۋرىشىم بەدەن، ناز_كەرەشمىلەر شۇنىڭدىن شېرىن توزاق، ساختا سۆيگۈ قۇچىقىدا بارا-بارا تەمىنى يوقىتىۋاتقان ئەركەكلىك_ئاشۇ يىراق قەدىمكى زامانلاردىكى پاك غورورىنى ، نامىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىككىلەنمەي ئۆلۈمگە يۈزلىنەلىگەن، تەبىئەت قۇچىقىدىن قۇۋۋەت ئالغان ساپ، قوپال، لېكىن گۈزەل، چىن سۆيگۈگە تويۇنغان ئەپسانىگە باي ھايات كارتىنىلىرىنى؛ چىن تۆمۈردەك ئەركەكلەرنى سېغىندۇرىدۇ.ئەركەكلىك نۇرلىرى ئەمەس نادانلىق، بىلىمسىزلىك، توخۇ يۈرەكلىك، تەمە، زەھەرخەندىلىك ئارىلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ تۇيغۇلار چاقناۋاتقان كۆزلەرگە، شۈمشەيگەن ئادەملەر توپىغا قاراپ:«چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟»دەپ ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ.
      
ئىز تورى بەك ياخشى

                                                                               
ياخشىكەن
(3)
75%
ئالقىشلايمەن
(1)
25%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • خارۋاردا ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تېىمغا يېىزىلغان 20 ھېكمەت

    خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تېمىغا يېزىلغان 20 ھېكمەت 1 . ھازىر مۈگدىسىڭىز چۈش كۆرىسىز؛لېكىن ھازىر ئۆگەنسىڭىز چۈشىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايسىز . 2 . سىز بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەن بۈگۈن ، تۈنۈگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى . 3 . كېچىككىنىڭىزنى ھې...

  • ھىكىمەت (ئۇقۇپ قۇيۇڭ)

    ھىكمەت بىر ئادەم بار بۇلۇپ قوشنىسى بىلەن دائىملا جىدەللىشىپ ئۆتىدىكەن ،ئۇنى ئىچ ئىچىدىن ئۆچ كۆرىدىكەن ،بىر كۈنى ئۇنىڭ كالىسى يۇقاپ كىتىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشنىسىدىن گۇمانلىنىپتۇ ،ئويلىغانسىرى شۇنچە گۇمانلىق تۇيۇلۇپ كىتىپتۇ . بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن...

  • ئاياللار ۋە مۇھەببەت ھەققىدە ھېكىمەت

    ...

  • بىز ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك كۈن قايسى؟ 

    ھەممىمىزگە مەلۇم،ئادەم ھاياتىدا قانچە كۈننى باشتىن كەچۈرىدۇ؟دىگەن سۇئالغا:تۈنۈگۈن،بۈگۈن،ئەتە،دەپ جاۋاپ بېرىمىز.ئۈچ كۈن ئىچىدە قايسى كۈن ئەڭ مۇھىم ؟دىگەن سۇئالغا:بۈگۈن ئەڭ مۇھىم ،دەپ جاۋاپ بېرىمىز.چۈنكى تۈنۈگۈن ئەسلىمە بۇلۇپ قالىدۇ،ئەتىنى پەرەز قىلىش ئاسان...

  • ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى

    ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى بەش نەرسە ئەقىللىق ئادەمىنىڭ خىسلىتىدۇر : قولدىن كەتكەن نەرسىگە ئېچىنىپ ئولتۇر ماسلىق ، ئەمگەكىتىن قورقىماسلىق ،ھاكاۋۇر بولماسلىق ،قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا كىر شمەسلىك ۋە قولغا كەلتۈرەلمىگە ن نەر سىسىگە قايغۇرماسلىق. ئالتە نەر...

  • پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي دېسىەڭ

    ئەي ئۇغلۇم پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي ،دۇنيادا ھەقىقى ئىنساندەك ياشاييي دېسەڭ ، كۆڭلۈڭنى ھەسەتتىن ،تىلىڭنى يالغان بىلەن غەيۋەتتىن ،قىلغان ياخشى ئىشىڭنى مننەتتىن ،نەپىسىڭنى ھارامدىن پاك تۇت. بۇ تۆت ئىش تۈۋەندىكى تۆت ئىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ- ھەسەت بىئاراملىق قوز...

  • تۇرمۇش تەجىربىلىرى

    * بىر ئادەمنى چۈشۈنىش ئۇنچىۋىلا ئاسان ئەمەس . * پەقەت باشقىلارغا چىن مەنىدە نەزىرىمىزنى بىرەلسەك ئاندىن ھەققى بىر نەرسىگە ئېرشەلەيمىز. *تۆت ئەتىراپىغا ئەركەكتەك قاراپ ، زىددىيەت قوينىدا ئۇۋلىنىپ كەتمەسلىككە ماغدۇرى يەتمىسە ئۇ چۇقۇمكى ،تۇلۇق ھەقىقەت ئەمەس....

  • كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ھەققىدە ھېكىمەتلەر

    كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشقا دائىر ھېكىمەتلەردىن ئۈزۈندىلەر...

  • ئۇقۇپ قۇيۇڭ!!!

    *ئىنسانلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ،تەن بىلەن روھنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنىڭ ئاجرالماس ئىككى تەرىپى بۇلۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئۆزئارا ھەمكارلىقتا تۇردى. *ئىنسانلارنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن قىلغان ئىسلاھاتىنى مەدىنىيەت دەيمىز. * ئاچچىقلىنىش بىر ئادەمنى ياكى بىر خىل م...

  • قىز-يىگىتلەر ئوقۇپ كۆرۈڭلار

    قىز -يىگىتلەرنىڭ پەرقى...