ئەۋرەتلەرنى يوشورۇش،
مۇسۇلمانغا ئەنئەنە.
كالتە يوپكا كىيسىڭىز ،
قىلۇر شەيتان تەنتەنە.
گۈزەل بولماق ئەي قىزچاق،
كىملەر ئۈچۈن ئىيتىڭە.
نازۇك بەدەن ئۇيالسۇن،
تۇگمىڭىزنى ئېتىڭە.
سىز ماڭغان شۇ يوللاردا،
پەرىشتەدەك چوڭلار بار.
ئەمدى ئۆسۈپ يېتىلگەن،
قۇرئان كەبى بالىلار بار.
يوتا ئىچىپ يۈرسىڭىز
سىزگە بۇزۇق ھەمراھ بار.
ئەۋرەتلەرنى يۈشۈرۈڭ.
ئۇستىمىزدە ئاللاھ بار.
ئەخلاقىڭىز ئەي سىڭلىم،
قىياپەتتە نامايەن.
كىيىم ئىچىدە بەدەن بار،
ھەممىمىزگە بۇ ئايان.
چۈم پەردىمۇ كەيمەڭ قىز،
ھەم بەك ئېچىپمۇ يۈرمەڭ قىز.
بۇ جەمىيەت بىر بەيگە،
باش كۆتۈرۈپ يۈرۈڭ قىز.