لوقمان ھەكىمنىڭ 100 نەسىھىتى

ۋاقتى:2010-07-15 18:27مەنبە: يوللىغۇچى:مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
  

لوقمان ھەكىمنىڭ 100 نەسىھىتى www.iz.la


1. ئەي پەرزەنتىم، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇ.
2. كىمگە پەند- نەسىھەت قىلساڭ ئاۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل.
3. سۆزنى ئۆز قەدرىڭگە لايىق قىل.
4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.
5. ھەممىنىڭ ھەققى- ھوقوقىنى چۈشەن.
6. سىرىڭنى مەخپىي تۇت.
7. دوستۇڭنى قېيىن كۈندە سىنا.
8. دوستتىن پايدا- زىياندا ئىمتىھان ئال.
9. ئەخمەق ۋە نادان ئادەملەردىن قاچ.
10. دانا ۋە زېرەك دوستنى دوست تۇت.
11. ياخشى ئىشقا مەھكەم كىرىش.
12. ئايال كىشىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمە.
13. ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل.
14. سۆزنى ئىسپاتى بىلەن سۆزلە.
15. ياشلىقنى غەنىيمەت بىل.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

16. ياشلىقتا ئىككى دۇنيا ئىشلىرىنى قىلىۋال.
17. دوست- يارەنلىرىڭنى ئەزىز بىل.
18. دوست- دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت.
19. ئاتا- ئاناڭنى غەنىيمەت بىل.
20. ئۇستازنى ئاتىدىن ئەزىز بىل.
21. خەجنى كىرىمگە قاراپ قىل.
22. ھەممە ئىشتا ئورتاھال يول تۇت.
23. ئالىيجانابلىقنى ئۆزۈڭگە شۇئار قىل.
24. مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدىدەك قىل.
25. بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل.
26. كىيىم- كېچەك ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.
27. جامائەت بىلەن بىللە بول.
28. پەرزەنتىڭگە ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگەت.
29. ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى
30. ئۆتۈك ۋە كەش كىيىشنى ئوڭ پۇتۇڭدىن، سېلىشنى سول پۇتۇڭدىن باشلا.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


31. بىراۋ بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل.
32. كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە، كۈندۈزى
 سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە.
33. ئاز يېيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.
34. ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگە زورلىما.
35. ھەر ئىشنى ئاۋۋال ئويلاپ چارە- تەدبىر بىلەن قىل.
36. ئۇقماي ئۇستازلىق قىلما.
37. خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيتما.
38. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى تەمە قىلما.
39. پەسكەشتىن ۋاپا كۈتمە.
40. ھەرقانداق ئىشنى كەم- كوتسىز دېمە.
41. قىلمىغان ئىشنى ھېسابقا ئالما.
42. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
43. ئۆزۈڭدىن چوڭغا چاقچاق قىلما.
44. ئۆزۈڭدىن چوڭغا ئارتۇق سۆزلىمە.

ئىز تورى www.iz.la


45. كىشىلەرگە يامان كۆرۈنمەسلىككە تېرىش.
46. ھاجەتمەن كىشىلەرنى نائۈمىد قايتۇرما.
47. ئۆتكەن جاڭجالنى ئەسلىمە.
48. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرما.
49. بايلىقىڭنىڭ مىقدارىنى دوست- دۈشمىنىڭگە بىلدۈرمە.
50. قېرىنداشنى قېرىنداشتىن ئايرىما.
51. ياخشى ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما.
52. پەقەت ئۆزەڭنىلا ئويلىما.
53. كۆپچىلىك قوزغالسا سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش.
54. بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەگكۈزمە.
55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىش كولىما
56. تۈكۈرۈك ۋە بۇرنۇڭنى يۇقۇرى ئاۋازدا تاشلىما.
57. ئەسنىسەڭ ئېغىزىڭنى قولۇڭ بىلەن توس.
58. ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
59. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما.
60. بىراۋنى بىراۋ ئالدىدا خېجىل قىلما.
61. جىددىي سۆزنى چاخچاققا ئايلاندۇرما.
62. قاش- كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ، چېقىمچىلىق قىلما.
63. ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما.
64. بىراۋنى مەنىسىز كۈلدۈرۈشتىن ساقلان.
65. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىنلىرىڭنى باشقىلار ئالدىدا ماختىما.
66. ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك پەردازلىما.
67. بالىلىرىڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىۋەرمە.
68. تىلنى ئايا.
69. سۆزلەۋاتقاندا قولۇڭنى سىلكىمە.
70. ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما.
71. ئېغىۋاگەر ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولما.
72. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ تىلغا ئالما.
73. ئىلاجنىڭ بارىچە بىراۋ بىلەن ئۇرۇشما ۋە خۇسۇمەت ساقلىما.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

74. بىراۋنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى سىناپ يۈرمە.
75. چوڭلارنىڭ ساۋاقلىرىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت، گۇمانخور بولما.
76. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە.
77. ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
78. مال- دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىينىما.
79. بىراۋ ئۆزىنى بىلمىسە، سەن ئۇنى بىل.
80. غەزىپىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ سۆزلە.
81. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى سۈرتمە.
82. قۇياش چىققۇچە ئۇخلاپ ياتما
83. باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەرسە- كېرەك يېمە.
84. چوڭلارنىڭ ئالدىدا ماڭما.
85. باشقىلار سۆزلىگەندە سۆزىگە قوشۇق سالما.
86. بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما.
87. كوچىدا ئوڭ- سولغا قاراۋەرمە، ئالدىڭغا قاراپ ماڭ. ئىز تورى بەك ياخشى
88. ئىمكان بار يايتاق ئۇلاغقا مىنمە.
89. مېھماننىڭ ھوزۇرىدا بىراۋغا غەزىپىڭنى چاچما.
90. مېھماننى ئىشقا بۇيرىما.
91. دىۋانە ۋە مەس بىلەن سۆزلەشمە.
92. كوچىلاردا بىكارچى ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرما.
93. پايدا- زىيانغا ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ ئابرويۇڭنى تۆكمە.
94. مەمەدان ۋە تەكەببۇر بولما.
95. باشقىلارنىڭ ساڭا خۇسۇمەت قىلىشىدىن قاچ.
96. جېدەل ۋە پىتنىدىن قاچ.
97. پىچاقسىز، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە.
98. ئۆزۈڭنى خارلىماسلىققا ئىنتىل.
99. ئاددىي- ساددا، كەمتەر بول.
100.ئاللاھتىن قورقۇش، خەلققە ئىنساپ قىلىش، چوڭلارغا خىزمەت قىلىش،

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

copyright by www.iz.la

لوقمان ھىكىمنىڭ  نەسىھىتلىدىن ئىلىندى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • خارۋاردا ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تېىمغا يېىزىلغان 20 ھېكمەت

    خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تېمىغا يېزىلغان 20 ھېكمەت 1 . ھازىر مۈگدىسىڭىز چۈش كۆرىسىز؛لېكىن ھازىر ئۆگەنسىڭىز چۈشىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايسىز . 2 . سىز بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەن بۈگۈن ، تۈنۈگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى . 3 . كېچىككىنىڭىزنى ھې...

  • ھىكىمەت (ئۇقۇپ قۇيۇڭ)

    ھىكمەت بىر ئادەم بار بۇلۇپ قوشنىسى بىلەن دائىملا جىدەللىشىپ ئۆتىدىكەن ،ئۇنى ئىچ ئىچىدىن ئۆچ كۆرىدىكەن ،بىر كۈنى ئۇنىڭ كالىسى يۇقاپ كىتىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشنىسىدىن گۇمانلىنىپتۇ ،ئويلىغانسىرى شۇنچە گۇمانلىق تۇيۇلۇپ كىتىپتۇ . بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن...

  • ئاياللار ۋە مۇھەببەت ھەققىدە ھېكىمەت

    ...

  • بىز ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك كۈن قايسى؟ 

    ھەممىمىزگە مەلۇم،ئادەم ھاياتىدا قانچە كۈننى باشتىن كەچۈرىدۇ؟دىگەن سۇئالغا:تۈنۈگۈن،بۈگۈن،ئەتە،دەپ جاۋاپ بېرىمىز.ئۈچ كۈن ئىچىدە قايسى كۈن ئەڭ مۇھىم ؟دىگەن سۇئالغا:بۈگۈن ئەڭ مۇھىم ،دەپ جاۋاپ بېرىمىز.چۈنكى تۈنۈگۈن ئەسلىمە بۇلۇپ قالىدۇ،ئەتىنى پەرەز قىلىش ئاسان...

  • ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى

    ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى بەش نەرسە ئەقىللىق ئادەمىنىڭ خىسلىتىدۇر : قولدىن كەتكەن نەرسىگە ئېچىنىپ ئولتۇر ماسلىق ، ئەمگەكىتىن قورقىماسلىق ،ھاكاۋۇر بولماسلىق ،قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا كىر شمەسلىك ۋە قولغا كەلتۈرەلمىگە ن نەر سىسىگە قايغۇرماسلىق. ئالتە نەر...

  • پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي دېسىەڭ

    ئەي ئۇغلۇم پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي ،دۇنيادا ھەقىقى ئىنساندەك ياشاييي دېسەڭ ، كۆڭلۈڭنى ھەسەتتىن ،تىلىڭنى يالغان بىلەن غەيۋەتتىن ،قىلغان ياخشى ئىشىڭنى مننەتتىن ،نەپىسىڭنى ھارامدىن پاك تۇت. بۇ تۆت ئىش تۈۋەندىكى تۆت ئىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ- ھەسەت بىئاراملىق قوز...

  • تۇرمۇش تەجىربىلىرى

    * بىر ئادەمنى چۈشۈنىش ئۇنچىۋىلا ئاسان ئەمەس . * پەقەت باشقىلارغا چىن مەنىدە نەزىرىمىزنى بىرەلسەك ئاندىن ھەققى بىر نەرسىگە ئېرشەلەيمىز. *تۆت ئەتىراپىغا ئەركەكتەك قاراپ ، زىددىيەت قوينىدا ئۇۋلىنىپ كەتمەسلىككە ماغدۇرى يەتمىسە ئۇ چۇقۇمكى ،تۇلۇق ھەقىقەت ئەمەس....

  • كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ھەققىدە ھېكىمەتلەر

    كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشقا دائىر ھېكىمەتلەردىن ئۈزۈندىلەر...

  • ئۇقۇپ قۇيۇڭ!!!

    *ئىنسانلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ،تەن بىلەن روھنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنىڭ ئاجرالماس ئىككى تەرىپى بۇلۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئۆزئارا ھەمكارلىقتا تۇردى. *ئىنسانلارنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن قىلغان ئىسلاھاتىنى مەدىنىيەت دەيمىز. * ئاچچىقلىنىش بىر ئادەمنى ياكى بىر خىل م...

  • قىز-يىگىتلەر ئوقۇپ كۆرۈڭلار

    قىز -يىگىتلەرنىڭ پەرقى...