زوڭزىىيپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغانلارنىڭ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئادەم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە قورساق قىسمىنىڭ مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قالىدۇ ياكى پۇتقا بولغان بېسىم ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قورساقنىڭ ئىچكى قىسمىغا چۈشىدىغان بېسىم كۈچىيىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ تاماقنى سىڭدۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ، شۇنداقلا ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ نورمال تەۋرىنىشىگە توسالغۇ بولۇپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش قىلىشى ۋە يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقنى تولۇق قوبۇل قىلىشى مۇمكىن بولماي قالىدۇ.
يەنە كېلىپ پۇت قاتلىشىپ تۇرىدىغان ۋاقىت ئۇزاق بولىدىغان بولغاچقا، پۇتتىكى غول تومۇرنىڭ قاننى يۈرەككە يەتكۈزۈپ بېرىشى تەسكە توختاپ، پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشى نورمال بولماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىپلا قالماي، پۇتتىكى چىقىرىپ تاشلاشقا تېگىشلىك ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ–دە، پۇت مۇسكۇللىرى چارچاپ كېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قان تومۇر ۋە نېرىپلار دۇچ كېلىدىغان بېسىم كۈچىيىپ، نەتىجىدە پۇت قولىشىپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىككە پايدىسىز ئەھۋاللار. ئىز تورى بەك ياخشى
ئەڭ مۇۋاپىق تاماق يېيىش ھالىتى مۇنداق بولۇش كېرەك: تەڭپۇڭ ھالەتتە ئولتۇرۇش، بەدەن مۇسكۇللىرىنى مۇۋاپىق بوشاشتۇرۇش، كەمەرنى مۇمكىنقەدەر چىڭ باغلىماسلىق، ئامال بار ئاشقازاننىڭ يېمەكلىكنى سىغدۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش. بۇ خىل ئولتۇرۇش شەكلى ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىككە باب.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى