مېۋە - چېۋە ئارقىلىق ماغدۇرسىزلىقنى داۋالاش
تاتلىق ئانار سۈ يىدە شەربەت ياساپ كۇندە بىر قېتىمدىن بىر قانچە كۈن ئىستېمال قىلىپ بەرسە قاننى كۆپەيتىپ ماغدۇرسىزلىقنى يوقىتىدۇ . 
بېھىنى پاكىز يۇيۇپ ، يالپاقلاپ مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر قوشۇپ مۇراببا ياساپ ، كۇندە 2 - 3 قېتىم ، ھەر قېتىمدە g50 دىن بىر قانچە كۈن ئىستېمال قىلسا ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، ماغدۇرسىزلىقنى تۈگىتىدۇ . 
ناشتىدا ئەنجۇر بىلەن تاتلىق بادام مېغىزىنى يېيىشنى بىر قانچە كۈن داۋاملاشتۇرسا بەدەننى كۈچەيتىپ ، ماغدۇرسىزلىققا شىپا بولىدۇ . 
تاتلىق بادام مېغىزىدىن 60g ، ئاق چىگدە ، ياڭاق مېغىزى ، ئۆرۈك مېغىزى ، گازىر مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20g دىن ئېلىپ سوقماق قىلىپ كۈندە بىر قېتىمدىن بېيىشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ ماغدۇرسىزلىقنى تۇگىتىدۇ .  
www.iz.la
كۈندە 5 - 6 دانە ياڭاق يېيشنى داۋاملاشتۇرسا ، بەدەننى كۇچلەندۇرۇپ ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!



