ئەرلەرنىڭ ئايپاڭۋاش بولۇشى ئاتىسىدىنمۇ ئىرسىيەت قالىدۇ copyright by www.iz.la
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
يېقىندا، ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن بىر تەتقىقاتتا ئايپاڭۋاش بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى تېپىلغان.ئىلگىرى كىشىلەر ئەرلەرنىڭ ئايپاڭۋاش بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى X خروموسومانىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ، يەنى ئانىسىدىن ئىرسىيەت قالىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن. يېقىندا، ئەنگلىيىدىكى تەتقىقاتچىلار 1125ئەرنىڭ خروموسوماسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خروموسوماسى 20نىڭ ئىچىدىكى، ئىككى ئوكسىگېنسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسى ۋارىيانتىنىڭ ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن ئىرسىيەت قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى، ئۇنىڭ ئەرلەرنىڭ ئايپاڭۋاش بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.بۇنىڭ ئىچىدىكى %14ئايپاڭۋاش ئەردە بىرلا ۋاقىتتا خروموسوما 20نىڭ ۋارىيانتى ۋە X خروموسومانىڭ ۋارىيانتى بار بولغان. يەنى، خروموسوما 20 نىڭ ئىككى ۋارىيانتى ئەرلەرنىڭ ئايپاڭۋاش بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.بۇ، ئىلگىرىكى تەتقىقات دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلگەن ئەرلەرنىڭ ئايپاڭۋاش بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گېن، ئاساسلىقى، ئانا تەرەپتىن كېلىدۇ، دېگەن يەكۈننىڭ خاتالىقىنى، بۇنداق گېننىڭ ئاتا بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
copyright by www.iz.la