كۆزنى ئاسىراش ئۇسۇللىرى
ئىز تورى www.iz.la
كۆزنى ئاسراش ئۈچۈن ئىس ۋە چاڭ–توزاندىن ، غەم قايغۇ ۋە يىغىدىن ، ئۇششاق يېزىلغان
خەتلەرنى زورۇقۇپ ئوقۇشتىن ، كۈندۈزى ئۇخلاشتىن ، بەك كەچتە تاماق يېيىشتىن ، بەكمۇ
ئاق ۋە ئۆتكۈر يالتىراق نەرسىلەرگە تىكىلىپ قاراشتىن ، قۇياشقا كۆپ قاراشتىن ،
تۇزلۇق تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن، پىياز، سامساق ۋە تاغ پىيىزىنى كۆپ يېيىشتىن
شۇنىڭدەك ئېشىپ قالغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
قارا نەرسىلەرگە قاراپ بېرىش ، كۆزگە سۈرمە سۈرۈش كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى زىيادە
قىلىدۇ . تۆگىنىڭ ئۆتىنى ھەسەلگە قوشۇپ يەپ بەرسە كۆزنى روشەن قىلىدۇ . تېكىنىڭ
ئىز تورى www.iz.la
ئۆتىنى كۆزگە سۈرمىگە ئوخشاش سۈرۈپ بەرسە كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تېكىنىڭ
ئۆتىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ كۆزگە تاڭسا كۆز ئاغرىقىنى ساقايتىش بىلەن بىرگە ، كۆزنى
روشەن ۋە نۇرلۇق قىلىدۇ شۇنداقلا كۆز قاراڭغۇلىشىش ، نامازشام كېسىلىدىن ساقلايدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن