يۈرەكنىڭ سوقۇشى مىنۇتىغا 80 دىن ئېشىپ كەتسە ، ھۇشيار بولۇش كېرەك .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنۋېرىستېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار 9000 دىن كۆپرەك ياشانغان ئايالغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ، جىمجىت تۇرغاندىكى يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 80 قېتىمدىن ئارتۇق بولغانلارنىڭ يانپاش سۆڭەك ، داس سۆڭەك ياكى قوۋۇرغا سۆڭەك سۇنۇپ كېتىش خەتىرىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا 60 پىرسەنتىدىن يۇقرى بولىدىغانلىقى ، ئومۇرىتقا سۆڭۈكىنىڭ سۇنۇپ كېتىش خەتىرىنىڭ 90 پىرسەنىتتىن يۇقرى بولىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدىن باشقا بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ باشقىلاردىن 40 پىرسەنىت يۇقرى بولىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئىچىدە يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ باشقىلاردىن 50 پىرسەنىتتىن يۇقرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . تەتقىقاتچى خادىملار يەنە يۈرەك سوقۇشى 80 دىن ئېشىپ كەتكەن ئاياللارغا قارىتا ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنىڭ چېنىقىش ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن .