ئادەملەر ئوكسىگېنغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئوكسىگېن بولمىغان شارائىتتا بىرقانچە مىنۇت ياشىيالايدۇ. ھەم سۇغىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ، سۇسىز بىر قانچە كۈن ياشىيالايدۇ. ئوكسىگېن بىلەن سۇ تۇلۇق تەمىنلەنسە يىمەكلىك بولمىسىمۇ يەنىلا 50 كۈن ئەتراپىدا ھايات كەچۈرەلەيدۇ. ئىز تورى www.iz.la
دەسلەپتىكى ئاچ قالغان ۋاقىتتا، يەنى 1~3 كۈنگىچە يېمەكلىك ئىستىمال قىلمىسا، ئادەمدە ئىنتايىن كۈچلۈك ئېچىرقاش ھېس قىلىدۇ. كۆكرەك قىسىمى بىلىنەر-بىلىنمەس بىئارام بولىدۇ، ئاساسلىقى ئاشقازان تازىلانغاندىن كېيىنكى دەۋرىلىك لۆمۈلدەپ تارىيىشى ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى ئۆزگىرىشى سەۋەپ بولغان. بىراق ئۇزۇن مۇددەت ئېچىرقاش ۋە ھەددىدىن زىيادە ھارغان كىشىلەرنىڭ ئېچىرقاش ھېسسىياتى تىزگىنلىنىپ ئاجىزلاشقان بولىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاچ قالغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئەزالارنىڭ ھەركەت قىشى سىجىللىقى ئاجىزلىشىدۇ. يەنى يۈرەك سوقۇش، نەپەس ئېلىش، مۇسكۇللارنىڭ ھەركەت قىلىش ئىقتىدارى ئاستىلايدۇ، جىنسى ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
دېمەك سۇ ۋە ھاۋا مۇۋاپىق بولسا ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىدىكى ئېنىرگىيىنى پارچىلاپ ئوزۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ بىر يېرىم ئايدىن ئارتۇق ھايات كەچۈرەلەيسىز دېگەن گەپ، بەزىلەر بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتمەكتە