سۇ ۋە سالامەتلىك..........

ۋاقتى:2010-05-11 17:56مەنبە: يوللىغۇچى:قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
  

 

    ئادەتتە، ئادەم كۈندە ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارى، بەدەندىكى سەرپ بولغان سۇنىڭ مىقدارى بىلەن تەڭ بولۇشى كېرەك. كۈندە چىقىرىلىدىغان سۈيدۈكنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 1500مىللىلىتىر بولىدۇ. بۇنى

    ئادەتتە، ئادەم كۈندە ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارى، بەدەندىكى سەرپ بولغان سۇنىڭ مىقدارى بىلەن تەڭ بولۇشى كېرەك. كۈندە چىقىرىلىدىغان سۈيدۈكنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 1500مىللىلىتىر بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنە چوڭ تەرەت، نەپەس جەريانىدا چىقىرىلىدىغان سۇ ۋە تېرىدىن پارغا ئايلىنىپ كېتىدىغان سۇلار قوشۇلۇپ، ئومۇمىي سەرپ بولىدىغان سۇ تەخمىنەن  2500 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ. www.iz.la
    لېكىن ئادەم بەدىنى كۈندە يېمەكلىكتىن ۋە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا تولۇقلايدىغان سۇنىڭ مىقدارى ئاران 1000 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا نورمال ئادەم كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ  1500مىللىلىتىر، يەنى سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىشى كېرەك.
     دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تاماق يېيىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ۋە تاماق يەۋاتقاندا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولغاندا سۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۇنى، ئادەتتە، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ۋە كۈندۈزى ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كۈندە ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىش، ھەم بۇنى ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇپ بېرىشنىڭ ساغلاملىق ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسى بار. www.iz.la
     1. سۇ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئەتىگەندە سۇ ئىچىپ بەرگەندە، ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئاشقازان –  ئۈچەي ۋاقتىدا تازىلانغانلىقتىن، چوڭ تەرەتمۇ يىغىلىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ ئىچىپ بەرگەندە، ئاشقازان – ئۈچەي يېنىك دەرىجىدە غىدىقلىنىپ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
    2. سۇنىڭ زەھەر ھەيدەش رولى بولىدۇ. بەزىلەر كەچلىك تاماقنى كۆپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن. شۇ سەۋەبتىن، كەچتە ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان ھايۋانات ئاقسىلى ۋە تۇز كۆپرەك بولىدۇ. ھايۋانات ئاقسىلى بەدەندە پارچىلىنىپ، بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا سۇ ئىچىپ بەرگەندە، سۈيدۈك ھەيدەش ئارقىلىق، زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
   3. سۇ ئىچىپ بەرگەندە، قان بېسىم ۋە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن  تۇرغاندىن كېيىن دەرھال بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىۋەتكەندە، ئالدىنقى كۈنى كەچلىك تاماقتا بەدەن قوبۇل قىلغان تۇزنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم ۋە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
    4. يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئادەم بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن، بەدىنىدىكى سۇلار سۈيدۈك، تەر ۋە نەپەس ئارقىلىق ئازىيىپ، قاننىڭ قۇيۇقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ قان تومۇرى دىۋارى ۋە قاننىڭ سىغىمچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال دائىم دېگۈدەك يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تاجىسىمان ئارتېرىيىدە قان يېتىشمەسلىكنى، ھەتتا ئارتېرىيىنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆپ ھاللاردا، سەھەردە ياكى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز ئەتراپىدا كۆرۈلىدۇ. ياشانغانلار سەھەردە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە قان تومۇرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، بۇ ئارقىلىق يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەندە سۇ ئىچكەندە قايناق سۇ ئىچىش كېرەك. ئىچكەن سۇنىڭ مىقدارى ئادەتتە 200 ~ 400 مىللىلىتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. سۇنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاشقازانغا پايدىسىز بولۇپ، ئەتىگەنلىك تاماقنى يېيىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ياخشىكەن
(4)
80%
ئالقىشلايمەن
(1)
20%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ..........

    ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ.............

  • مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق نۇرغۇن كىشلەر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،مەر كەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بۇلىدۇ. لېكىن چېنىقش مۇتەخەسىسلىرى بۇنداق تۇيۇ...

  • چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ئاسان راك پەيدا قىلىدۇ

    تىببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، ئادەم چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . چۈنكى چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مىلاتونىن دەيدىغان ئاجرالما توسالغۇغا ئۇچراپ ئىممۇنىتېت ئ...

  • تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ !

    تاماقتىن كېيىن ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتا چەككەن ئون تال تاماكىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . تاماقتىن كېيىن تاماكا چەككەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چ...

  • ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ...!

    مەشھۇر ئەدىب روسسو ئېيتقان نورمال سەيلە ساياھەت جاپا مۇشەققەتنىڭ تەسەللىسى ، خىزمەتنىڭ تەييارلىقىدۇر دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بەك كۈچلۈك . كبندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىدە بارلىقىنى خىزمەتكە بېغىشلاپ ، نورمال ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشىلىر...

  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى

    ئورۇقلاش ناھايىتى جاپالىق جەريان، بۇ جەريان قىزلاردىن قاتتىق ئىرادە ۋە غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۆتكەلدىن قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ئورۇقلاۋاتقان ھەم ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتغان قىزلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسا بولىدۇ.......... 1. ھەر...

  • تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى ئاسرىغىلى بو

          ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تىلنى چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭە، يۈز نېرۋىلىرىنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز نېرۋىسى، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقى...

  • سېمىزلىك ۋە تاماكا چېكىش قېرىشنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ

    تاماكا چېكىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە ، تاماكا چېكىش بىلەن سېمىزلىك خروموسوما تېلومېرىنى قىسقارتىپ ، ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قېرى...

  • كولانى كۆپ ئىچسە مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدۇ

       ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، ئۇزۇن مۇددەت كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە ، مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن ، ھەتتا مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدىكەن . چۈنكى ، تەركىبىدە قەنت ۋە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكل...

  • ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسەللىكى

         تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن جايدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا تەر بەزلىرى ئاسانلا ئېتىلىپ قالغاچقا، ماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداق شارائىتتا  ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ھەرىك...