1. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە سەكتە بىمارلىرى شاپتۇل، ئاپېلسىن، باناننى كۆپ ئىستېمال قىلىشى، ھالۋابىدىت، نىلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى يېمەسلىكى كېرەك. يەنە چوڭ - كىچىك تەرەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.
2. يۈرىكى زەئىپلەشكەنلەر ھەم سۇلۇق ئىششىقى بار بىمارلار ئالما ۋە سۇ تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان تاۋۇز، ئاپېلسىن قاتارلىق مېۋىلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.
3. ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئانار، بۆلجۈرگەن، بانان، شاپتۇل قاتارلىقلارنى يېمەسلىكى كېرەك.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
4. قىزىپ قالغانلار تەركىبىدە كالىي كۆپ بولغان ئامۇت، ئاپېلسىن قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
5. جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ئاپېلسىن، چىلان قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.
6. نەپەس يولى كېسىلى ۋە زىققا بىمارلىرى ئامۇت، ئاپېلسىن قاتارلىق مېۋىلەرنى يېسە، ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ بەلغەم بوشىتىش ۋە يۆتەل توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. زىققا بىمارلىرى چىلان يېمەسلىكى كېرەك.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
7. زىيابىتۇس (دىئابېت) بىمارلىرى بانان، لىجژ، نەشپۈت، ئامۇت، قوغۇن - تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەردىن پەرھىز تۇتۇشى، كېرەك، بولمىسا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
8. بۆرەك ياللۇغى بىمارلىرى تەركىبىدە كالتسىي كۆپ مېۋىلەردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.