ئانىلار ئەخلاقى

ۋاقتى:2010-06-19 13:06مەنبە: يوللىغۇچى:زىبا چېكىلىشى:قىتىم
  

  مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

 

www.iz.la

بىر ئائىلىنىڭ بەختلىك ، ئىناق، خۇشال _ خۇرام ئۆتۈشىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار بولسىمۇ، لېكىن ئانىنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى مۆلچەرلىگۈسىزدۇر . بالزاك ئانا توغرىسىدا توختالغاندا : «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا» دېگەنىدى. بۇ، ئانىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت ، ھەتتا بىر پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
      شۇنداق، ئانا-مىللەتنىڭ ھازىرىنى تەۋەللۇت قىلىپلا قالماي، بەلكى مۇھىمى مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى ئىنساندۇر. شۇڭا ئانا ھەر دائىم ئۇلۇغلىنىشى ، قەدىرلىنىشى ، ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. لېكىن بۇنداق ئۇلۇغلىنىشقا ئانا بولغۇچى پەقەت ئانىلىق  ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇندىغاندىلا ئاندىن ئېرىشەلەيدۇ . ئانىلىق بۇرچى دېگىنىمىز ، ئانىلارنىڭ بىلىشكە ۋە ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىدۇر . copyright by www.iz.la
      قېيىنئانا – قېيىنئاتا ، ئۆز ئاتا – ئانىڭىزنى، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ، قولۇم - قوشنىلارنى ھۆرمەتلەڭ. ئېرىڭىزگە ساداقەتمەن بۇلۇڭ ، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز  بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلماڭ . ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جېدەللەشمەڭ ، چىرايىڭىزنى تۈرمەڭ. بولۇپمۇ ياخشى – يامان كۈنلەردە ، خۇشاللىق ۋە قايغۇدا سىرداش، مۇڭداش، تەقدىرداش بولۇڭ . ئېرىڭىز ئىشقا ماڭسا «ئاللاھقا ئامانەت» دەپ تەبەسسۇم بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ قويۇڭ. ئىشتىن كەلسە «ھارمىغايسىز» دەپ قولىدىكى نەرسىنى ئېلىڭ. ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتۈلسە مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ سادىقلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلماڭ. ئۇنىڭدىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋېلىشنى ئويلىماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ ئەۋۋىلى ۋە ئەۋزىلى ھۆرمەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بەندىلەرگە سەجدە قىلماق شەرىئىتىمىزگە ئۇيغۇن بولسا ، ئاياللارنى ئەرلەرگە سەجدە قىلىشقا بۇيرار ئىدىم». بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئەرلىرىگە ئىتائەت ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. بۇنداق ئاياللار ئېرىنىڭ قەدىرلىشىگە، ئەل – جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
      «تېجەشلىك بولۇڭ . ئىسراپچىلىق، بەتخەجلىك قىلماڭ. ئاددىي نەرسىلەردىنمۇ پايدىلىنىشنى بىلىڭ. ئېرىڭىزنىڭ جاپا تارتىپ تاپقىنىنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى ئىقتىساد قىلىپ ساقلاپ قويۇڭ. بارىغا قانائەت قىلىڭ. تاقەتسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر. «خوتۇننىڭ ئېرىگە بولغان مېھرىبانلىقى پەرزەنتنىڭ ئاتىغا بولغان مېھرىبانلىقىنى پەيدا قىلىدۇ» دەيدۇ كۆپنى كۆرگەن ئۇلۇغلار.
      پەرزەنت تەربىيىلەشتە ئانىنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرنى ئەدەپ – ئەخلاقلىق ۋە بىلىملىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز زۆرۈر بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇڭ . پەرزەنتلەرنى  راستچىل ، مۇلايىم بولۇش ، ئەمگەكنى سۆيۈش، ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش، ھورۇن بولماسلىق ، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالماسلىق، چامى يەتكەن ئىشلارنى ئۆزى قىلىش ، باشقىلارغا ياردەمدە بولۇش ، پاكىز يۈرۈش ، تاماق تاللىماسلىق ، چېقىمچى ، غەيۋەتخور بولماسلىق، ئىككى يۈزلىمىچى بولماسلىق ، جۈرئەتلىك بولۇش توغرىلىق تەربىيىلەڭ ۋە ئۈلگە بولۇڭ. ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىزدۇر . ”ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، يەر قىلغانمۇ خوتۇن “. ئانىلار ، بىلىپ قېلىڭلار: ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ تەقدىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا .

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

      مەنبە: ئەدەپ-ئەخلاقتىن تەۋسىيىلەر ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...

  • ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگ...

  • ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى

    ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى ئەي ئايال شۇنى بىلگىنىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈينىدىغان چاغلىرى خۇتۇنلىرىنىڭ خۇشال -خۇرام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر. ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خۇشال كۈرۈنگۈچى خ...

  • ھەقىقى ئاياللار مۇنداق بۇلىدۇ

    ئەي ئايال شۇنى بىلگىنكى - ئەقىللق ،نۇمۇسچان ئايال ئىرىنىڭ خوشلۇقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ،ئىرى ئەتگەندە ئىشقا ماڭغاندا ،ئۇنى شېرىن سۆز ،خۇش مۇئامىلە بىلەن ئۇزىتىپ قۇيدۇ.ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق گۈزەل مۇئانىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ.ئېرىنىڭ كىيىم...

  • لۈكچەك قىزلار(2)،،،بوران114

    مانا يەنە شۇگەپ،قانداق چاغلار ئىدى ئۇ،خوتۇن ياكى قىز دىگەننى ئەرلىك قەھرىمىز بىلەن ئۇراتتۇق،ئۇلار يامانلاپ ،،...

  • لۈكچەك قىزلار(1)..بوران114

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇزۇن بوپتىكەن بىلجىرلىمىغىلى،شۇ تىىرىكچلىك بىلەن ئالدىراش،،يەنە شۇ غاجاشنى باشلىدىم ئەمىسە،،بىر زامانلار بولىدىغان -قىزلارنىڭ سەل مەيدىسى چوڭىيىپ قالسا ،،،،...

  • مۇنچىدىن چىقىپلا گىرىم قىلىش سالامەتلككە زىيانلىق

    تىببىي خادىملارنىڭ بايقىشچە ،ئادەم يۇيۇنغاندا بەدەننىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ،بۇلۇپمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرسى ۋە سۇ تەركىبىدىكى بەزى خىميىلىك ماددىلار تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،تېرە سىرتىقى قەۋتىنىڭ مىكروب ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارغا...

  • ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك

    ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك ھەر قانداق بىر ئايال كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن مەڭگۈ بەختلىك بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە سىزنى سۆيىدىغان شۇ ئەرمۇ سىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر بەخت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە ئ...