كىلىنىلەر ئەخلاقى

ۋاقتى:2010-06-19 12:49مەنبە: يوللىغۇچى:زىبا چېكىلىشى:قىتىم
  

 

ئىز تورى بەك ياخشى

سىز ئاتا-ئانىڭىزغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز، بالىڭىزنىڭمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلىدە بولدىغانلىغىنى ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ.
فالېس
كېلىن ئىككى ئائىلىگە تەۋە بالا بولۇپ،<<ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز-ئارا ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىشىنى بەرپا قىلغۇچى ئاساسى كۈچ. ئۇلار خۇددى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈككە ئوخشايدۇ.(ھەمىد زىيايىۋ) شۇڭا كىلىننىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ قانداق بولىشى قۇدىلارنىڭ ئەپ ئۆتىشىدە ،ئائىلىنىڭ خاتىرجەم بولىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كېلىن بولغۇچى قېينانا- قېيناتىڭىزنى،ئېرىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى، ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىزدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەڭ. ئۇلارغامېھرىبان ، شەپقەتلىك بولۇڭ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىتائەتمەن بولۇڭ،بۇيرىغانلىرىنى خوش دەپ ئورۇنلاڭ. سىزنىڭ توغرا بولۇپ كەتكەن تەغدىردىمۇ گەپ تالاشماڭ، جاۋاپ قىلماڭ. شېرىن سۆزلۈك بولۇڭ، بولۇپمۇ قېينانىڭىزنى سىزنى تۇققان ئانىڭىزدەك كۆرۈپھۆرمەت قىلىپ رازى قىلسىڭىز،كۈنلەردىن بىر كۈنى كىلىنىڭىزمۇ سىزنى شۇنداق ھۆرمەت قىلىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la


چۈنكى<< نىمە تېرىساڭ شۇ ئۈنىدۇ>>ئەمەسمۇ؟ ئىشەنمىسىڭىز مۇنۇ ھىكايىنى كۆرۈڭ.
بىر يىگىت قېرىپ كۆزلىرى غۇۋالاشقان، بىر نەرسە تۇتسا قوللىرى تىتىرەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان دادىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمايدىكەن.
بىر كۈنى بوۋاي تاماق ئۇسۇپ بەرگەن تاۋاقنى تۇتالماي قالغانلىقتىن تاۋاق يەرگە چۈشۈپ سۇنۇپ كىتىپتۇ، بۇنىڭغا كىلىننىڭ ئاچچىقى كىلىپ بىر مۇنچە تاپا -تەنە، سېسىق گەپلەرنى قىلىپتۇ. شۇنۇڭدىن كىيىن ئوغلى دادىسىنى ھويلىنىڭ چېتىدىكى زەي، قاراڭغۇ بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ ۋە بازاردىن ئالايتەن ياغاچ چۆچەك سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ چۆچەكتە تاماق بىرىدىغان بوپتۇ. ئوغلى بىلەن كىلىنىدىن بۇ خورلۇقنى كۆرگەن بوۋاينىڭ دىلى بەكمۇ رەنجىپتۇ. بوۋاينىڭ بەش- ئالتە ياشلىق بىر نەۋرىسى باركەن. بوۋاي بۇ نەۋرىسىنىڭ يېنىدىن بىردەم نېرى كەتمىگەنلىكى بىلەنمۇ ئۆز كئۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ ئۆتىدىكەن . بالا بوۋىسىدىن ئۆزىنىڭ بالىلىق تىلى بىلەن ھەرخىل سۇئاللارنى سوراپ ئۇنىڭ كئۆڭلىنى كئۆتۈرۈپ قايغۇ - ھەسرىتىنى يېنىكلىتىدىكەن.
www.iz.la

بىر كۈنى دادىسى ئوغلىنىڭ پىچاق بىلەن بىر ياغاچنى يۇنۇپ ئولتۇرغىنىنى كئۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ؛
بالام نىمە قىلىۋاتىسەن ؟-دەپ سوراپتۇ. بالا دادىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ؛
-دادا، سىز بوۋامغا تاماق بىرىشكە بىر ياغاچ چۆچەك ئەكەلدىڭىزغۇ، ئاپام بوۋامغا ئاشۇ چئۆچەكتە تاماق بىرىۋاتىدىغۇ،مەنمۇ موشۇ ياغاچتىن چئۆچەك ياساۋاتىمەن، مەنمۇ چوڭ بولغاندا ئاپام بىلەن سىزگە موشۇ چئۆچەكتەتاماق بىرىمەن،-دەپتۇ.
بالىنىڭ بۇ سۇزى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىپتۇ. ئۇ يىغلىغىنىچە دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. بوۋاينىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ ئەپۇ سوراپتۇۋە بوۋاينى ھەم يورۇق ھەم ئىسسىق ئۆيگەكۆچۈرۈپ ئەكىرىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار تاماقنى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ يەيدىغان بوپتۇ. ئوغلى بىلەن كىلىنىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۈتۈپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتقانلىغىنى كۆرىۋاتقان بوۋاي؛ www.iz.la
-بالىلىرىم، ئەمدى كۆڭلۈم غەم -قايغۇدىن قۇتىلدى، مەن سىلەردىن رازىمەن،مانا موشۇ نەۋرەم كىچىك قوزىچىقىم سىلەرنى غەپلەت ئويقىسىدىن ئويغاتتى،-دەپتۇ.
كېلىن بولغۇچى قېيناتا، قېينانىڭىزنىڭ،ئېرىڭىزنىڭ ۋە قېرىندشلىرىنىڭ مىجەز خاراكتىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرگەە ماسلىشىڭ. ھەر قانداق ئائىلىنىڭ ۋە شۇ ئائىلىدىكىئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، مىجەز خاراكتىرى ئۆزگىچە بولىدۇ.....،<<بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداقتى،بۇ ئۆيدە مۇنداقكەن>>دەپ تۇرىۋالماڭ. قېينانا- قېيناتىڭىز چاي ئىچىشكە ئامراق بولسا، سىزمۇ تەدىرىجى ھالدا چاي ئىچىپ ئادەتلىنىشكە تىرىشىڭ.قېينانىڭىز گەپتان بولسە سىز سۈكۈت قىلىشنى ئادەت قىلىڭ قېينانىڭىز سەپرا مىجەز بولسا، سىز ئېغىر -بېسىق ،تەمكىن بولۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇلار بىلەن ماسلىشىپ كىتەلەيسىز، كۈنىڭىزمۇ خاتىرجەم ئۆتىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la


تەدىرىيجى تەرەقىيات نەزىريەسىدە كۆرسىتىلگەندەك، ماسلاشقانلار ئامان قالىدۇ، ماسلىشالمىغانلار شاللىنىدۇ ئەمەسمۇ؟
سەۋرى تاقەتلىك بولۇڭ، يول قويۇشنى بىلىڭ، بىر ئائىلىدە چىن -قاچىلارمۇنىگاندا <<تاراق- تۇرۇق >.> بولۇپ قالىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىمۇ ئۇقشماسلىقلارۋە ناھەقچىلىكەر بولمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ قېينانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدا چۈشۈنۈشمەسلىك، ئۇقۇشماسلىقنىڭ بولىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئائىلىدە قېينانا بىلەن كىلىنلەر ئوتتۇرسىدا ،نىزا ۋە جىدەل ماجرانىڭ سادىر بولىشى كۆپىنچە سەۋرىسىزلىكتىن بولىدۇ. كېلىن بولغۇچى ھەر قانداق ئەھۋالدا سەۋرى-تاقەتلىك بولۇپ، بىردەملىك ئاچچىققا ھاي بەرسە، ئۆتكەنگە سالىۋات قىلسا،ئائىلىدە ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن بولىدىغان كۆڭۈل ئاغرىقى ۋە قىدەل ماجرادىن ساقلانغىل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئازراق ئىش ئۈچۈن يەڭگىلتەكلىك قىلسىڭىز،كىچىككىنە ئىشمۇ چوڭۇيۇپ ئائىلە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىسىز، شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ،<<سەۋرىنىڭ تىگى ئالتۇن>> دەپ توغرا ئېيتقان. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
چېقىمچى ،غەيۋەتخور بولماڭ،چېقىمچىلىق ،غەيۋەتخورلۇق كىلىنلەرنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئەڭ يامان ئىللەت.
قولىڭىز ئەپىچىل، ئايىقىڭىز چققان . ئىش ھەركىىڭىز سىلىق بولسۇن، ئاش -تاماق ئىتىش،كىر قات يۇيۇش،ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇش،يىڭنە ئشى قىلىش،نان-پان يېقېش چاي-مەززە تەييارلاپ مېھمان كۈتۈش،بالا بېقىش،قاتارلىق ئىشلار بىرخىل ھۈنەر بولۇپ، كىلىن بولغۇچى بۇخىل ھۈنەرنى ئۆگۈ نىۋەلىشى كەرەك، ئەگەر يوقىرقى ئىشلارنى قانداق قىلىشنى بىلمىسىڭىز قېينانىڭىزدىن سوراپ ئۆگىنىۋەلىشقا تىرىشىڭ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


مەنبە؛ ئەدەپ- ئەخلاقتىن تەۋسىيەلەر

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...

  • ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگ...

  • ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى

    ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى ئەي ئايال شۇنى بىلگىنىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈينىدىغان چاغلىرى خۇتۇنلىرىنىڭ خۇشال -خۇرام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر. ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خۇشال كۈرۈنگۈچى خ...

  • ھەقىقى ئاياللار مۇنداق بۇلىدۇ

    ئەي ئايال شۇنى بىلگىنكى - ئەقىللق ،نۇمۇسچان ئايال ئىرىنىڭ خوشلۇقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ،ئىرى ئەتگەندە ئىشقا ماڭغاندا ،ئۇنى شېرىن سۆز ،خۇش مۇئامىلە بىلەن ئۇزىتىپ قۇيدۇ.ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق گۈزەل مۇئانىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ.ئېرىنىڭ كىيىم...

  • لۈكچەك قىزلار(2)،،،بوران114

    مانا يەنە شۇگەپ،قانداق چاغلار ئىدى ئۇ،خوتۇن ياكى قىز دىگەننى ئەرلىك قەھرىمىز بىلەن ئۇراتتۇق،ئۇلار يامانلاپ ،،...

  • لۈكچەك قىزلار(1)..بوران114

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇزۇن بوپتىكەن بىلجىرلىمىغىلى،شۇ تىىرىكچلىك بىلەن ئالدىراش،،يەنە شۇ غاجاشنى باشلىدىم ئەمىسە،،بىر زامانلار بولىدىغان -قىزلارنىڭ سەل مەيدىسى چوڭىيىپ قالسا ،،،،...

  • مۇنچىدىن چىقىپلا گىرىم قىلىش سالامەتلككە زىيانلىق

    تىببىي خادىملارنىڭ بايقىشچە ،ئادەم يۇيۇنغاندا بەدەننىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ،بۇلۇپمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرسى ۋە سۇ تەركىبىدىكى بەزى خىميىلىك ماددىلار تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،تېرە سىرتىقى قەۋتىنىڭ مىكروب ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارغا...

  • ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك

    ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك ھەر قانداق بىر ئايال كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن مەڭگۈ بەختلىك بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە سىزنى سۆيىدىغان شۇ ئەرمۇ سىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر بەخت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە ئ...