ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مائارىپ مۇتەخەسسىلىرى يېقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش:-ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.
قىزغىنلىق:-قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچى بولىدۇ.
ھېسداشلىق:-بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈپ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان گۈزەل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ھۆرمەتلەش:- ھۆرمەتلەش ئۆز ئارا بولىدۇ، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن نەرسىلەر، مەسلە، دوستلۇق قاتارلىقلار پەقەت ئۆزئارا ھۆرمەتلەشتىن ساقلاپ قېلىندۇ ۋە قىممىتىنى تاپىدۇ.
يۇمۇرسىتىك تۇيغۇ:-بالىلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئەڭ مۇھتاج بولىدىغىنى يۇمۇرسىتىك تۇيغۇدۇر. يۇمۇرسىتىك تۇيغۇ ناچار كەيپىياتنى ياخشىلاپ، تۇرمۇشقا بولغان
قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ، مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا تەۋرەنمەي ئوڭۇشلۇق ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ئۈمىد:-ئىشىلىك ھاياتتا ھەممىدىن چوڭ توسالغۇ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قولۇش بولسا كېرەك. ئائىلىدە ئەگەر ئازاپلىق كەيپىيات ئېغىر بولسا، بالىلاردىكى تۇغما خۇشاللىق يوقىلىشى مۇمكىن ، شۇڭا بالىلارنى ئۈمىدۋار بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!