بوۋاقلارنى بەك ھىم زاكىلىماڭ
قىش پەسلىدە نۇرغۇن ئاتا – ئانا بوۋىقىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۆيدە ياكى سىرتتا بولسۇن بالىنى ھىم زاكىلايدۇ .
بوۋاقلارنى بەك ھىم زاكىلىغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ كېتىپ «قىزىش يىغىندى كېسەللىكى»پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە «قىزىش يىغىندى كېسەللىكى»نىڭ ئالامىتى زۇكامغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ قىزىش، قۇسۇش، ھەتتا تارتىشىپ قېلىش، ھۇشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، بەش ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ سىرتقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر تۆۋەن. ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشى يۇقىرى، تەرلەپ ئىسسىقلىق تارقىتىشى ئاستا بولۇپ، ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇش بىلەن تارقىلىشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە ئاسانلا يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بوۋاقلار قىزىسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا قىش پەسلىدە بوۋاقلار ئۈچۈن ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 22 سىلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا كونترول قىلىش، بوۋاقلارغا كۆپ كىيىم كىيدۈرمەسلىك كېرەك. بوۋاقلارنىڭ باش قىسمىدا قان تومۇرلار كۆپ بولغاچقا بوۋاقلارنىڭ بېشىنى ئىسسىق ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، ھاۋا ياخشى كۈنلەردە بوۋاقنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ شامالدىتىپ تۇرۇش كېرەك. (مەريەمگۈل سېلىم تەرجىمىسى) ئىز تورى بەك ياخشى