بلوگ (Blog) يازمىڭىزغا كىملەر ئىنكاس – باھا يازىدۇ؟

ۋاقتى:2010-08-20 02:03مەنبە: يوللىغۇچى: يانبۇلاق چېكىلىشى:قىتىم
  

تۆۋەندىكى ئېيتىلغانلاربلوگ (Blog)يازمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان بولسىمۇ مۇنبەردىمۇ مۇشۇنداق ئىنكاس يازىدىغانلار بار.شۇڭا بۇنى ئۆزىمىزگە تەتبىقلاپ باقايلى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

بلوگ (Blog) يازمىڭىزغا كىملەر ئىنكاس – باھا يازىدۇ؟

www.iz.la

بلوگگىر (Blogger) ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغىنى يۇقىرى زىيارەت ئېقىمىدىن قالسا، زىيارەتچىلەر قالدۇرغان ئىنكاس – باھالاردۇر. ئۇنداقتا بلوگ (Blog) يازمىڭىزغا كىملەر ئىنكاس – باھا يازىدۇ؟ ئادەتتە، بلوگلارغا ئىنكاس – باھا يازىدىغانلارنى مۇنداق بىرقانچە تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:
1. تىرناق تېگىدىن كىر ئىزدىگۈچىلەر
بۇ خىل كىشىلەر دائىم بلوگىڭىزدىكى ئۇششاق – چۈشەك خاتالىقلارنى كۆزىڭىزگە تىقىپ، بېشىڭىزنى ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بەلكىم ئۇلار كۆرسەتكەن خاتالىقلار ئەمەلىي خاتالىق بولۇشىمۇ ياكى تارازاغا چۈشمەيدىغان تايىنى يوق ئىش بولۇشىمۇ مۇمكىن. www.iz.la
2. سەمىمىي پىكىر – تەكلىپ بەرگۈچىلەر
بۇ خىل كىشىلەر مەيلى بلوگىڭىز ياكى بلوگدىكى يازمىڭىز  ھەققىدە بولسۇن، ھەرقاچان مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر بىلەن ئاۋۋالقى ‹‹ ھەسەلدىن قىل ئىلغايدىغان ›› لارنىڭ پەرقى شۇكى، ئاۋۋالقىسى بېشىڭىزنى ئاغرىتىپ، نېرۋىڭىزنى قوچىسا، كېيىنكىسى كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلىدۇ. مۇھىمى، كېيىنكى خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بەرگەن تەكلىپ – پىكىرلىرى بلوگ (Blog) تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
3. ئالقىش – ماختاشچىلار

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئالقىش، ماختاش ، رىغبەت ، مەدەت دېگەنلەر كىشىگە روھىي ئوزۇق بولۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىمىزدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاددىيغىنا بىر – ئىككى ئېغىز ئالقىش – ماختاش بىلەن بلوگگىر (Blogger) نىڭ ھاردۇقى چىقىشى مۇمكىن. ئەمما، ھەر نەرسە چەكتىن ئېشىپ كەتسە ئەمەن تېتىغاندەك، ماختاش – ئالقىشلارمۇ زىيادە بولۇپ كەتسە ‹‹ چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كور قىلىپ قويۇش ›› تەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
4. كۆرپە – ساپا تالاشقۇچىلار
قاچاندىن باشلاپ پەيدا بولغىنى نائېنىق. ئەمما، شۇنداق بىرتۈركۈم كىشىلەر باركى، ئۇلار داڭلىق بلوگ (Blog) ياكى مۇنبەرلەردە تېما بىلەن كارى يوق بىرىنچى ئىنكاس ئورنىنى تالىشىپلا تۇرىدۇ. يازغان ئىنكاس – باھاسىمۇ شۇ ‹‹ ئاللاھ قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن ، قالتىس تېما ، ساپا ماڭا قاپتۇ … ›› دېگەندەك قۇرۇق پاراڭلار. ئۇلار بەلكىم بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يازالغانلىقىدىن پەخىرلەنسە ياكى بۇ ئىشتىن ھۇزۇر تاپسا كېرەك. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
5. ئېچىق ئاچقۇچىلار
ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق بولغىنىدەك، باشقا بلوگلارغا ئىنكاس قالدۇرساق ، ئۇ بلوگنىڭ زىيارەت ئېقىمىدىن ئۆز بلوگىمىزغا قارىتىپ بىر ئېچىق ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بلوگىمىزنىڭ زىيارەت ئېقىمى ئارتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئىنكاس قالدۇرۇش ئارقىلىق زىيارەت ئېقىمىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نۆۋەتتە مەشھۇر SEO ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ئەمما، قىزىق يېرى ، بۇ خىل ئېچىق ئاچقۇچىلارنىڭ پۈتۈن ئىسىيادى ئېچىق بېشىدا بولۇپ، بلوگىڭىز ياكى يازمىڭىزغا قەتئىيمۇ قىزىقمايدۇ. ھەتتا ئوقۇپ كۆرمەيلا تاراسلىتىپ ئىنكاس يېزىشقا كىرىشىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


6. يولۇچىلار
پايانسىز تور دۇنياسىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئازغىشىپ ياكى باشقا مەلۇم توربەتلەردىكى سىز قالدۇرغان ئېچىقتىن كىرىپ قالغان نامەلۇم يولۇچىلار ئەگەر بلوگىڭىزدىن ئۆزلىرى ئۇزاقتىن ئىزدەۋاتقان ، ئەمما ھازىرغىچە تاپالمايۋاتقان نەرسىسىنى تېپىۋالسا ، بەلكىم قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە بىر پاتمان ئىنكاسىنى يېزىپ تاشلىشى مۇمكىن ۋە ياكى ‹‹ ئوقۇپ چىقتىم ، رەھمەت ›› دېگەن ئىزىنى قالدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
7. تايىقى كەملەر
بۇ خىل كىشىلەر مەقسەتلىك ھالدا خەتەرلىك كود ، ۋىرۇسلۇق ھۆججەتلەرنى بلوگىڭىزغا ئىنكاس شەكلىدە قىستۇرۇپ، بلوگ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى ۋە ياكى بلوگ (Blog) ۋە يازما بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان ئېلانلاردىن بىرەر ۋاراق تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، بلوگنىڭ ئىنكاس – باھالارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىقتىدارىنى ياخشى ئىشلىتىش كېرەك.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خوش – ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلۇق، قېنى سىز يۇقىرىقى 7 خىل ئىنكاسچىنىڭ قايسىسىغا تەئەللۇق ئىكەنسىز ؟ ئەگەر بۇلارغا تەۋە بولمىسىڭىز ئۆزىڭىز قانداق ئەھۋال ئاستىدا باشقا بلوگلارغا باھا – ئىنكاس يازىسىز ؟ ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان بولسىڭىز …

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

                                                               مەنبە؛يۈكسەل بىلوگى

ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...