ئىشەنگۈسىز پاكىتلار
ئىنسان ئەقلىنىڭ ﻫازىرقى بىلىش قۇۋۋىتى بۇيىچە ئەيتقاندا يەر شارى 4 قىتىم گۇم بولۇپ بىز بەشىنجى قىتىملىق ئاپىرىدە قىلىنغانلىرىدىن ئىبارەتدۇرمىز. بىزلەرمۇ قاچان گۇم بولىمىز ۋە قانداق سەۋەپ بىلەن يوقۇلىمىز بۇكىيىنكى گەپ.
گىلوبۇسقا قاراپ باقىلى، جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسى شەرقى قىرغىقى بىلەن غەربى ئافرىقا قىرغاقلىرى بىر -بىرى بىلەن جىپسىلىشىدۇ،لىكىن شىمالى ئامىرىكا شەرقى قىرغىقى بىلەن ياۋرۇپا نىڭ غەربى قىرغاقلىرى ﻫەرگىزمۇ جىپسىلاشمايدۇ،
ئىز تورى بەك ياخشى
خوش، شۇنداقلا شەرقى ئاسىيا قىرغاقلىرى بىلەن ئامىرىكىنىڭ غەربى قىرغاقلىرى تىخىمۇ جىپسىلاشمايدۇ، بۇ نىمىلىكتىن ؟ بۇنۇڭ بىز دىققەت قىلىپ كەتمىگەن بىرەر سەۋەپلىرى بارمۇ؟
يەنە بار،جۇغراپىيۇنلار ﻫىندى يىرىم ئارىلى ئايرىم بىر قۇرۇغلۇق ئىدى كىيىن شىمالغا سۇرۇلۇپ قىستاپ ئاسىيا قىتئەسى بىلەن بىرىكتى ۋە ﻫىلىمۇ شىمالغا قاراپ ﻫەريىلى 1 ،2، سانتىمىتىر ئىلداملىق بىلەن سۇرۇلىۋاتىدۇ ،دىيىشمەكتە. بۇلار بىكاردىن بىكار چىقرىلغان يەكۇنمۇ ﻫەم ﻫىچقانداق سەۋەبى يوق پاكىتمۇ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەسلىدە ياۋرۇپا قۇرۇغلۇغى بىلەن شىمالى ئامىرىكا قۇرۇغلۇغى ئوتتۇرىسىدا كۇلىمى تەخمىنەن 10 مىللىئون كۇۋادىرات كىلومىتىرلىق بىر چوڭ زىمىن بولغان ئۇنى (ئاتلانتىس ) قۇرۇغلۇغى دەپ ئاتىشىدۇ.ﻫازىر ئۇ زىمىن يەر يۇزىدە مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ( ئازورزىس ئاراللىرى) لا بار ،ﻫىلىقى چوڭ زىمىننىڭ پەقەت مۇشۇنچىلىكلا قالدۇغى ئاتلانتىك ئوكىئان ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپتۇ.
ئەندى يەر شارىمىزنىڭ شەرىق تەرىپىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقىلى،ﻫازىرقى خەرىتىگە قارىساق پايانسىز سۇ ۋە چوخچۇيۇپ تۇرغان بىر مۇنچە ئاراللارنى كۇرىمىز،ئەنە شۇ ئاراللار ئورنىدا بۇندىن 11500 يىللار ئىلگىرى ، بىزدىن ئىلگىرىكى ﻫاياتلىق ياشىغان4-يارالمىش دەۋرىدىكى ﻫاياتلىقنىڭ ماكانى بولمىش (مو) قۇرۇغلۇغى مەۋجۇت ئىدى!ئۇنۇڭ دائىرىسى ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ غەربى دىڭىز ساﻫىللىرىدىن تارتىپ ئاسىيانىڭ شەرقى قىرغاقلىرىغىچە،شىمالدىن ﻫاۋاي ئاراللىرىدىن باشلاپ جەنۇپتا مىلانىزىيە ئارللىرىنى ئۇز ئىچىگە ئىلىپ تاكى ئاۋىسترالىيەنىڭ شىمالىغىچە سوزۇلۇپ ياتاتتى. مانا بۇ ( ئەۋۋىلى زىمىن) دەپ ئاتالغان (مو) قۇرۇغلۇغىدۇر.
ﻫىچكىممۇ كۇز يۇمالمايدىغان بىر پاكىت بار ،ئۇ بولسىمۇ (توپان بالاسى). مۇشۇ توپان بالاسىغا تارىخچىلار11500 يىل بولدى دەيدۇ،شۇنداقلا ( ئاتلانتىس ) قۇرۇغلۇغىنىڭ چۇكۇپ كەتكەن ۋاختىمۇ 11500يىل،قىززىقارلىغى شۇكى 4-قىتىملىق ئىنساننىڭ ئاپىرىدىگاﻫى بولمىش ئەۋۋەلى زىمىن ( مو) قۇرۇغلۇغىنىڭ چۇكۇپ كەتكەن ۋاختىمۇ يەنىلا 11500 يىل دىيىلىۋاتىدۇ.
بۇيەردە 3 خىل ﻫالاكەتلىك تارىخ نىڭ دەۋرى پەقەت بىرلا ۋاقىتنى كۇرسۇتۇپ تۇرۇپتۇ!بۇنى نىمە دەيمىز؟ copyright by www.iz.la
پەقەت بىرلا سەۋەپ - غايەت زور مىتىورىت ئەۋۋىلى زىمىن (مو) قۇرۇغلۇقىغا ئۇرۇلغان!نەتىجىدە ۋولقانمۇ،نەچچە ئايلار داۋام قىلغان ئىس-تۇتەكمۇ،ئالەمنى بىر ئالغان (توپان)بالاسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا يۇز بەرگەن. شۇنۇڭ بىلەن ( ئاتلانتىس) ،ئەۋۋىلى زىمىن (مو) ،64 مىللىئون ئىنسان توپى،ﻫەممە -ﻫەممىسى سۇ ئاستىغا غەرىق بولغان.،شۇنۇڭ بىلەن 4- قىتىملىق ﻫاياتلىق دەۋرى ئاخىرلىشىپ 5- قىتىملىق ﻫازىرقى ﻫاياتلىق دەۋرى باشلاندى.