سىزگە نىمىلەر كېرەك!؟

ۋاقتى:2010-06-10 17:54مەنبە: يوللىغۇچى: موللاخۇن چېكىلىشى:قىتىم
  

   قەدىرلىك دوستۇم، سىز  ھازىر قانداقراق تۇرمۇش مۇھىتىدا ياشاۋاتىسىز؟  ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىڭىزدىن رازىمۇ سىز؟ يەنە نىمىلەرگە مۇھتاج؟ ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزچۇ؟ ھازىرقى تۇرمۇش مۇھىتىڭىز ۋە شارائىتىڭىز شۇ گۈزەل ئارمانلىرىڭىزنى چېچەك ئاچقۇزۇشقا ئىمكان بېرەمدۇ؟ كەلگۈسى تۇرمۇشىڭىز، باللىرىڭىزنىڭ كېلەچىكى ۋە كاپالىتى ئۈچۈن ھازىرقى تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە ئۆزىڭىزگە بېرەر قېتىم  دادىللىق بىلەن؛ << ماڭا نىمىلەر كېرەك؟ ئەسلى قانداقراق ياشىغۇم بار ئىدى؟ شۇ ئارمانلىرىمغا  قاچانراق يېتەرمەن؟...>> دەپ سۇئال قۇيۇپ باقتىڭىزمۇ؟ ...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  قەدىرلىك دوستۇم، نۇرتاي ھاجىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ رەيھان ئاپپايغا ئوخشاش مىھرى ئوت، قۇلى گۈل ئانىلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا سىزنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاش ھاياتىڭىزنى خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن بىزەپ خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىش ئۇيىدا بۇلۇپ باقتىڭىزمۇ؟ بىزنىڭمۇ شۇنداق  قىلغۇمىز يوقمۇ؟ نىمە ئۈچۈن قىلالمىدۇق؟... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  دوستلارغا مەن نىمە دېمەكچى؟ بەلكىم دوستلىرىمىزغا مەقسىدىم ئېنىق بولدى دەپ ئويلايمەن. دۇرۇس، بىزنىڭمۇ شۇنداق بىر ياشاپ باققۇمىز بار. لىكىن شارائىتىمىز يار بەرمەيدۇ. ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتىمىز، ياشاش ئۇسۇلىمىز بۇلارغا يار بەرمەيدۇ. ھەممىمىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، جاننى باقمىساق بولمايدۇ، يەنە شۇ قوساقنىڭ غېمى، قوساقنىڭ غېمىنى قىلساق ئۆينىڭ غېمى، ئۆينىڭ غېمىنى غەملىيەلمەي تىپىرلاپ يۈرسەك كىيىملىرىمىز كونىراپ يىرتىلىۋاتقان، ياماپ كېيەيلى دىسەك ئەتراپىمىزدىكىلەردىن خىجىل بۇلۇپ، ئۇنىڭغىمۇ بۇپتۇ دەيلى دىسەك يىرتىلىپ تۈگەپ كىتىۋاتقان؛ كىيىمنىڭ غېمىنى قىلىپ تۇرساق بىر ئائىلىنىڭ مۇرىسىدىن تۈتۈن چىقىرىشنىڭ غېمى؛ ئەمدى ئوچاققا ئوت قالاپ بىر قازان ئاشنى خاتىرجەم يەيلى دەپ ئولتۇرساق بالا چوڭ بۇلۇۋاتقان، ئۇلارنى ئۇقۇتۇشنىڭ غېمى؛ ئۆزىمىز ئاتا-ئانىمىزغا يىگۈزۈپ كەيدۈرۈش تۈگۈل قوسىقىمىزدىن، تۇرمۇشىمىزدىن قىسىپ مىڭ بالالىقتا يىغىپ غەملىگەن نەچچە تۈمەن پۇل بىلەن باللىرىمىزنى ئۇقۇتۇپ ئۇھھھھ دىگەندە باللىرىمىزنىڭ خىزمەت مەسىلىسى؛ ئالدى-كەينى ئىشىكلەردىن قاتراپ ئۇلارغا جان باققىدەك بىر خىزمەتنىڭ ئىپىنى قىلىپ بولغىچە ئۇلارنى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىشنىڭ غېمى؛ ئەمدى بىر غەملەردىن خالاس بولدۇم دەپ يانپاشلاپ ياتقاندا قاياقلاردىندۇر ھەمراھ قىلىۋالغان تۈگىمەس ئۇششەق كېسەللەرنىڭ غېمى... ھايات مانا مۇشۇنداق تۈگىمەس غەملەر ئىچىدە ئۈتۈپ كەتسە سىزچە بۇ ھايات كۈڭۈللۈكمۇ؟ بۇ سىز - بىز ئارزۇ قىلغان مەنىلىك ھاياتمۇ؟

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  بۇ سۇئارللارغا بىرلا جاۋاپ بار.ئۇ بولسىمۇ ؛<ھازىرقى شارائىتىمىز بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ، ئامال يوق...> ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇ شارائىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنى، ياخشىراق بىر ياشاپ بېقىشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق؟! بىزگە راستىنلا پۇرسەت يوقمۇ؟

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 قەدىرلىك دوستۇم،  جاپانىڭ تىگى ئالتۇن. جاپالىق تىرىشقاندىلا ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشكىل بولىدۇ، لىكىن جاپالىق تىرىشقانلارنىڭ ھەممىسىلا ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشەلەمدۇ؟ بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىدىنمۇ بەكراق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. لىكىن كىم كۆپرەك ياخشى كۈن كۈرۈۋاتىدۇ؟! جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق، جاپوا تارتىشتىنمەقسەت كىيىنكى ھالاۋىتىمىز، ھەم ياخشى كۈنلەرگەئىرىشىشىمىز ئۈچۈن. ۋاھالەنكى ھاياتىمىز <لىققىدە>-<جاپا مۇشەققەت> كە تۇشۇپ كەتسە - سىزنىڭچىمۇ بۇ كۈڭۈلدىكىدەك ياشاش ئۇسۇلى ھەم بىز ئويلىغان تۇرمۇش ئەمەسقۇ دەيمەن؟! ئەگەر سىز بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقمىغان بولسىڭىز بۈگۈن كەچتە دەپتەر - قەلەمنى ئالدىڭىزغا ئېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى، ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان، تۇرمۇشىڭىزدا ھازىر يوق بولغاچ ئەشۇ غەملەردىن نېرى بولالمايۋاتقان ئىشلارنى تەپسىلى خاتىرلەپ چىقىڭ. ياشاشتىكى نىشانىڭىزنى بىكىتىپ شۇ نىشانلىرىڭىزغا يىتىشكە بىر ئىزدىنىپ بېقىڭ. بەلكىم سىزگىمۇ پۇرسەت باردۇ... بەلكىم ئۇ پۇرسەت ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىدا سىزنى ساقلاپ تۇرغاندۇ... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ياخشىكەن
(4)
80%
ناچار
(1)
20%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...