مەن مەكىت ناھيىسىنىڭ چەت، يىراق بىر يېزىسىدا ئاددى ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىمەن. ھەممە جايدا ئۇقۇتقۇچى ئىنسان رۇھىنىڭ ئىنژىنىرى دەيدىكەن، ئەمما بۇ گەپ بىزنىڭ بۇ يەردە قىلچىلىك تىلغا ئېلىنمايدۇ. مەن بۇ خەۋەرنى ئاچچىقىم ئىچىمگە پاتماي، ئىچىم پارتىلاپ كىتەي دىگەن ئەھۋالدا سىلەرگە دەۋاتىمەن. ئازراق ئىچىم بۇشاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان يېزىلىق ھۆكۈمەت بىز ئۇقۇتقۇچىلارغا ھەربىر ئادەم 22 دىن دىھقاننى مەجبۇرى سوغۇرتىغا قاتناشتۇرسىلەر، دەپ ئۇرۇنلاشتۇردى. ھەربىر دىھقاننىڭ سوغۇرتا ھەققى 100 يۈەن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن ئىككى كۈن دەرس توختىتىپ، ھەممەيلەن كەنتمۇ-كەنت يۈرۈپ كەتتۇق. دەرس دىگەن بىر ياندا قالدى. دىھقانلار ئاساسەن دىگۈدەك سوغۇرتىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى، يېنىدا پۇل يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ، قۇرۇق قول يىنىپ كىلىشكە مەجبۇر بولدۇق. يېزا رەھبەرلىرىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلساق، ئۆز يېنىمىزدىن پۇل چىقىرىپ، كۈزدە دىھقانلاردىن ئىلىۋىلىشىمىزنى ئېيتتى. ئەگەر شۇنداق قىلمىساق ھەربىر ئادەم ئۈچۈن 50يۈەندىن جېرىمانە ھىساۋىدا 1100يۈەن تاپشۇرۇپ بەرسەك بۇلىدىكەن. كىمنىڭ بىكاردىن بىكار 1100 يۈەننى بىرىۋەتكۈسى كىلىدۇ. يەنە ئامال يوق ھەممەيلەن ئاچچىق يۈتۈپ ھەرقايسى كەنتلەرگە يۈرۈپ كەتتۇق. ھەممەيلەن دىگۈدەك ئۆز يېنىمىزدىن پۇل چىقىرىپ، پۇلى يوقلار ئۆتنە ئىلىپ، دىھقانلار بىلەن كۈزدە بىرىشكە توختاملىشىپ يىنىپ كەلدۇق. مەنمۇ ئۆز يىنىمدىن 2200 يۈەن چىقىرىپ 22 نەپەر دىھقاننى سوغۇرتىغا قاتناشتۇردۇم . بىزنىڭ دەردىمىزنى پەقەت ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ باققانلارلا بىلىدۇ. بىزنىڭ ئايلىق مۇئاشىمىز تايىنلىق تۇرسا، ھەممىنى ئۇلارغا بىرىپ تۇرساق ،بىز قانداق كۈن ئۆتكۈزىمىز؟ يېزا رەھبىرى بولغان ئادەم شۇنداق قىلسا قالغان ئادەم قانداق قىلماقچى. بىز جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھالىغا يىتىدىغان بىرەر باشلىق زادى يوقمىدۇ؟