نۇمۇس تۇيغۇسى نەگە كەتتى ؟

ۋاقتى:2010-07-25 01:19مەنبە: يوللىغۇچى: ئەسەدۇللا چېكىلىشى:قىتىم
  

نۇمۇس تۇيغۇسى نەگە كەتتى ؟

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

www.iz.la

بەزى ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ،ئادەتتە كىتاپخانىلارغا بىرەر قېتىم كىرىپ باقمىغانلىقىدىن،دىبا،ۋاڭبالاردا يۈرگەنلىكىدىن نومۇس قىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىشسىزلىقىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، كەسپ ئىگەللەڭ دەپ  ياتاقلىق تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا  ئاپىرىپ بەرسە ياخشى ئۆگەنمەي  مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولۇشتىن نومۇس قىلمايدۇ.بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ-يۇ(ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملار)،ئۇيغۇر تىلىنى،ئۆرپ-ئادىتىنى بۇزۇپ يۈرگەنلىكىدىن نومۇس قىلمايدۇ.
           بەزى ئوغۇللار قارا ئىش قىلىشتىن ياكى ئېتىزغا چىقىپ ئىشلەشتىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ،ئىشسىز ھالەتتە بىر پۇلغا زار يۈرۈشتىن،ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ يانچۇق كولاشتىن نومۇس قىلمايدۇ.بەزى قېرى يىگىتلەر ئۆزىنىڭ يېشى ئۆتۈپ كىتىۋاتسىمۇ توي قىلماي يۈرگىنىدىن نۇمۇس قىلىدۇ-يۇ،كۈندە قىز قوغلۇشۇپ يۈرگىنىدىن نومۇس قىلمايدۇ.ئالى مەكتەپتىكى بەزى ئوغۇللار دېھقان ئاتا-ئانىسىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، شۇ ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلغا ھاراق ئىچىپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمايدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


           بەزى قىزلار ئاشخانىلاردا قاچا-قۇچا يۇيۇپ ئايلىق مائاشقا ئىشلەشتىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، ھە دېسىلا ئاتا-ئانىسىغا كىيىم غەلۋىسى قىلىشتىن نۇمۇس قىلمايدۇ.باشقىلارنىڭ بالىسىنى بېقىپ بېرىشتىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، باشقىلارغا«ھەمرا خېنىم»بولۇپ بېرىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. كېۋەز ئوتاش،كېۋەز تىرىش قاتارلىق ئىشلاردىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، بەزمىخانىلاردا،ساتىراچخانىلاردا «پۇل تېپىش»تىن نومۇس قىلمايدۇ. ئالى مەكتەپتىكى بەزى قىزلار دېھقان ئاتا-ئانىسىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ،شۇ ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلغا گىرىم بويۇملىرى سېتىۋېلىپ، يۈزلىرىنى مايمۇندەك بوياپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمايدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
          قىسمەن كادىرلىرىمىز ئىئانىگە پۇل بېرىڭ دىسە قاخشايدۇ-يۇ،قاتار چايلارغا،قاۋاقخانىلارغا دادىللىق بىلەن پۇل خەجلەيدۇ.خىزمەت بېسىملىرىنىڭ ئېغىرلىقىدىن قاقشايدۇ-يۇ،كەسپى كىتاپلارنى كۆرمەيدۇ،خىزمەتنى ئەستايدىل ئىشلىمەيدۇ.يېزا-كەنتلەردە سىياسەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈشنىڭ تەسلىكىدىن قاقشايدۇ-يۇ،دېھقانلارغا تەشۋىقنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكىدىن نومۇس قىلمايدۇ.
          ئىلگىرىكى ئەرلەر ئات ئۈستىدە يۈرۈپ، جەسۇرلۇقنى شەرەپ دەپ بىلگەن،مەرتلىكنى ئۆزىگە پەزىلەت قىلىپ يېتىلگەن.تۇتۇشۇپ قالسا بىرگە بىر، روبىرو تۇرۇپ ئېلىشقان،يىقىلغاننى ئۇرماي يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ تۇرۇپ گەپ سورىغان.يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرسە بېرىپ بىللە مىھمان بولۇشۇپ دوست بولۇشقان.يىگىتلەر قىزلارنى بولسا ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىغا،قەيسەرلىكىگە تايىنىپ تەسىرلەندۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن.ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك يىغلامسىراپ تەلەپ قويۇپ،بىچارىلەرچە يالۋۇرۇپ ھەتتا كۆز يېشى قىلىپ يۈرۈپ كەلتۈرگەن ئەمەس،بەزىلىرى ھەتتا ئەل ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ  قىزلارنىڭ قايىللىقىنى كەلتۈرگەن.چوڭ-كىچىكلەر،ئەر-ئاياللار،ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدىكى پەدىشەپنى قاتتىق ساقلاپ نومۇس تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان.

ئىز تورى www.iz.la


           كېيىن ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە پۇلغا يۈرۈش قىلىپ،«پۇل ھەممىگە قادىر»دەيدىغان قاراش كۆپلىگەن ئەرلەرنىڭ كاللىسىدا ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلاپ،ئەخلاق،نومۇس دىگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ،بارلىق ئاماللار بىلەن پۇل تېپىشقا تۇتۇندى.« پۇلى كۆپنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ»،«ساراڭ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن» دەپ قارالدى.ئاقىۋەتتە پۇل تېپىش ئۈچۈن قىسمەن ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر،ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى بەزى نازۇك پەدىشەپلەر بۇزۇلۇشقا،ئىلگىرى نومۇس دەپ قارىلىدىغان بەزى ئىشلار ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىشقا باشلىدى.مەسىلەن،ئايالىنى ھاراق دۇكىنى ئېچىشقا يول قويۇش،تېخى توي قىلمىغان ئوغلىغا پۇلى،مائاشى بار دەپ بالىسى بار ياكى توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن چوكانلارنى مەجبۇرى ئېلىپ بىرىش،تېخى توي قىلمىغان كىچىك قىزىنى پۇلى ياكى خىزمىتى بار دەپ ۋە ياكى ئەمىلى بار دەپ بۇ قىزدىن ياشتا خېلى بەكلا چوڭ،بىر ياكى بىرنەچچە بالىسى بار، ئاتىسى دېمەتلىك كىشىگە ياتلىق قىلىش،پەرزەنتلىرىدىن تاللىغان لايىقىنىڭ«خىزمىتى بارمىكەن،ئاتىسى باشلىقمىكەن،بايمىكەن…» دىگەنلەرنى ئەيمىنمەيلا سوراش ھەم شۇنداق بولۇش تەلىپىنى قويۇش…قاتارلىق نومۇسسىز قىلمىشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇرنقى مەرت كىشىلەرنىڭ قىسمەن ئەۋلاتلىرى سەل نامەرتلەشتى، بۇ نامەرتلەرنىڭ قىسمەن ئەۋلاتلىرى ئەمدىلىكتە بولسا نومۇسسىزلاشتى.بۇرۇنلاردا بولسا باشقىلاردىن  ئۆز مەھەللىسىنىڭ يامان گىپىنى ئاڭلىسىمۇ نارازلىق بىلدۈرۈپ،ئۆكتە قوپىدىغان كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئەۋلاتلىرى بولسا، يۈزىدىن يۈزىگە ھاقارەت قىلىنسىمۇ لام-جىم دىمەي تۇرىدىغان قورقۇنچاقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.«غۇرۇر،ۋىجدان،نومۇس تۇيغۇسى دىگەنلەرگە قوساق تويامتى؟»دىگەندەك گەپلەرنى ھېچ نومۇس قىلمايلا دىيەلەيدىغان بولدى.شۇ تاپتا مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ئىچىم ئۆرتىنىپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ كەتتىم.بىزدىكى نومۇس تۇيغۇسى زادى نەگە كەتتى؟! تويماس نەپسىمىزگە تېگىشىۋەتتۇق بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بۇرۇتلۇق خانىم

    ئىجادىي ھېكايە...

  • بالىنىڭ ئىلتىجاسى

    بالا تۇيۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ۋە: _ دادام ، ئۇ... ئۇ... ئۆلۇپ كېتىدۇ، _ دىدى....

  • پراكتىكىدا

    ئالي مەكتەپنىڭ گۈزەللىكىنى دىمىسەممۇ ھەر بىر ئوقىۋاتقان ھەم ئوقۇپ بولغانلار بىلسە كىرەك. بەش يىل ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئۆتۇپ كىتىپتىكەنمەن . مەجبۇرى ھالدا مەكتەپتىن دوختۇرخانىغا ھەيدەلگەندە ،يەنىلا شۇ شوخلىقىمىز بىلەن ئۆتۇپ كىتىمىزغۇ دەپ ئەزرائىلنىڭ باش بىك...

  • يۇمۇرلار

    (خۇشاللىق ھەممەيلەنگە يار بولسۇن) تەسىرات بىر ئايال ئاشنىسى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يولدىشى كېلىپ قاپتۇ. ئايال دەرھال ئاشنىسىنى بۇلۇڭغا ئەكېلىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە سىر سۈركەپ ؛ - مەن گەپ قىلمىغۇچە مېدىرلىماڭ ھە!- دەپ تاپىلاپتۇ. يولدىشى ئ...

  • قىزلار مەڭگۈ ئوغۇللارنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەيدۇ.........

    4.قىزلار ئوغۇللارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۆزىدىن شۇنداق سەمىمى ھەل سورايدىغانلىقىنى مەڭگۇ بىلەلمەيدۇ....

  • ئاق ئەتىرگۈل

    (پوۋسېىت) 1 رۇخسار ئۆيگە كەلگەندە تام سائىتى كەچ سائەت ئونغا داڭ ئۇرغاندى . دادىسى دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغىچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئىش پۇتكەندىن كىين تامىغىنى يەپلا ئۆيگە ئارانلا كىلىۋالدى . ئانىسى دادىسغا ھەمرا بۇلۇپ قالماقچى بولغاندى . بىراق يىرىم...

  • ئاھ!مۇھەببەت سەندىن ۋاز كېچەي

    ئاھ!مۇھەببەت سەن مەندىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان ئىكەنسەن،مەنمۇ سەندىن ۋاز كەچمەي تۇرالمىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى كۆڭلۈم تۆرىدىن ئۇرۇن ئالدۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ،ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ سېنىڭ مېنى ئالداۋاتقانلىقىڭنى،سېنىڭ مەندىن ئاللىبۇرۇن كۆڭلۈڭ...

  • جاۋاپسىز سۆيگۈ

    ۋاپاسىز يايرىم ئېسىڭدىمۇ؟ چاڭقاپ لەۋلىرىڭ گەز باغلىغاندا،مەن ساڭا شېرىن شەربەتلىرىمنى تۇتقان ئېدىم. سەنچۇ؟ سەن جاۋاپ ئورنىدا جامىمغا زەھەرلىك يۇندىنى قۇيدۇڭ،سەن سۇنغان زەھەرلىك يۇندىنى زەم-زەم ئورنىدا كۈرۈپ ئىچىپ ئازاپتىن ئاچچىق تولغاندىم. تۇمۇز ئىسسىقتا...

  • سەن كېتىپ قالدىڭ

    سەن كېتىپ قالدىڭ............... تىنىقلىرىمدىن تىنىقلىرىڭنى،كۆزلىرىمدىن كۆزلىرىڭنى،ھېسلىرىمدىن ھېسلىرڭنى،سۆيگۈلۈرۈمدىن سۆيگۈلىرىڭنىئېلىپ كەتتىڭ. ئەمما سەن ماڭا بۇلارنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ...گۈللەر توزىدى،يۇپۇرماقلار تۈكۈلدى.بىغۇبار سۆيگۈمىز خازا...

  • ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق !

    ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق نيۇيورك ساقچى ئىدارىسىدا يارسېل ئىسىملىك بىر ياش ساقچى بار ئىدى . بىر قېتىملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە جىنايەتچى ئاتقان ئوق ئۇنىڭ سول كۆزى ۋە ئوڭ تىزىغا تەگدى . ئۈچ ئايدىن دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەم...