ۋەھىمە
ئىز تورى www.iz.la
تىرىق،تىرىق!
دەرىزىنىڭ يېنىك ئۇرۇلغان ئاۋازى ئۇنى شېرىن ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى. بۇ تىمتاس ھۇجرىدا كىچىككىنى شەپىمۇ ئاجايىپ جاراڭلىق ئاڭلىناتتى.ئۇ ئۇيقۇلۇق ھالەتتە <<كىم؟!>> دەپ توۋلىدى. جاۋاپ چىقمىغاندىن كېيىن كۆزىنى يېرىم ئېچىپ دېرىزىگە قارىدى.تېخى يورۇق چۈشمىگەن ئىدى.ئېھتىمال سەھەر بولسا كېرەك،ئاسماندا سۇسقىنە ئاق نۇرلار بار ئىدى.بىر كونا كىتاپ جاھازىسى ۋە بۇلۇڭدىكى ياغاچ كارىۋاتتىن باشقا تۈزۈك بىسات يوق بۇ ھۇجىرا تولىمۇ سۈرلۈك كۆرىنەتتى.نەم خىشتىن كۆتۈرۈلگەن بىر خىل ھىد ئۆي ئىچىدە ھۆكۈمران ئىدى.ئۇ قايتىدىن كۆزىنى يۇمدى.بىمەھەل ئۇيقۇسىنى بۇزغان ئاۋازدىن رەنجىگەن ئىدى.
تۇيۇقسىز بايامقى ئاۋاز يەنە تەكرارلاندى،ئۇ ئورۇنىدىن چاچىراپ تۇردى-دە،كارۋاتتىن ئالدىراپ چۈشۈپلا چىراغنى ياقتى.دەرمەھەل يورۇققا كۆنەلمىگەن كۆزلىرىنى تەسلىكتە ئېچىپ سائەتكە قارىۋىدى كېچە سائەت 12بوپتۇ.يەنە كېلىپ مىنۇت-سىكۇنت خاتا ئەمەس دەل كېچە سائەت 12 بوپتۇ.ئۇ سەل بىئارام بولدى،دەرىزە تەرەپكە قارىغان ئىدى ھېچنىمىدىن شەپە يوق،
ھېلىقى ئاق نۇرلار ئاينىڭ غۇۋا نۇرلىرى ئىدى.ئۇ چىراقنى ئۆچۈرۈپ كارىۋات تەرەپكە ماڭغان ئىدى توساتتىن دەرىزە سىرتىدىكى غەلىتە قارا كۆلەڭگە دىققىتىنى تارىتتى.ئۇ سىنچىلاپ قارىماقچى ئىدى-يۇ،تۇيۇقسىز كەلگەن بىر قورقۇنۇش مېڭىسىدىن كىرىپ تاپىنىدىن چىقىپ كەتتى.
<<ئېھ ئاللاھ، ئۆزۈڭ بار!>> ئۇ شۇنى ئاران دىيەلىدى –دە،يوتقىنىغا چىڭ پۈركۈنۈپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭ نېرۋىللىرى بۇزۇلغان ئىدى،ئۇخلاي دەپمۇ ئۇخليالمىدى.يۈرىگىدە قورقۇنۇش بار ئىدى.دېمىسىمۇ كېچە سائەت 12 دە دەرىزە ئۇرغان نەرسىنى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ –دە! يەنە تېخى ھېلىقى قارا كۆلەڭگە، ئۇ تەستە كۆزىنى يۇمدى،پۇت-قوللىرى ئۇيۇشۇپ قالغاندەك ئىدى. بولمىغۇر خىياللار ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيۋاتاتتى.شۇندىمۇ ئۇخلاپ قېلىشقا تىرىشىپ باقتى.
تىرىق،تىرىق!
ئاۋاز يەنە تەكرارلاندى،ئەمدى ئۇ لاغ-لاغ تىتىرەشكە باشلىدى،قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتى.ھەتتا
ئېغىرىراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي خۇددى سەللا مىدىرلىسا دەرىزە سىرتىدىكى قارا كۆلەڭگە ئۇنى تۇيۇپ قېلىپ ئاللا قانداقتۇر دەھشەت بىلەن باستۇرۇپ كېلىدىغاندەك جىمجىت ياتاتتى. جىن توغۇرلۇق خىياللار ئۇنى ئەگىپ كېتەلمەيتتى، ئۇ بۇرۇن دوسلىرىنىڭ،چوڭلارنىڭ جىن توغۇرسىدىكى گەپلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان ھەم ئۆزىمۇ ئىشىنىپ قالغان ئىدى.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە جىن بىر بولسا تاق چۈش ۋاقتى 12 دە،ياكى يېرىم كېچە 12دە پەيدا بولاتتى ھەم كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كۆرىنەتتى.مەھەللىسىدىمۇ جىن توغۇرسىدا نۇرغۇن خاتىرىلەر بار:مەسچىىتنىڭ يېنىدىكى قارا ياغاچنىڭ ئۈستىدە تۈنەيدىغان قارا كىيىملىك ئادەم،قوشنا مەھەللىدىكى پالچى خوتۇننىڭ ئۆيىدىن ئاڭلىنىدىغان كېچىدىكى يىغا ئاۋازى،يەنە قايسى بىر چاغدا مەھەللىدە پەيدا بولۇپ قالغان ئاق مۈشۈك….ئىشقىلىپ ئۇ جىن توغۇرسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىغان،
ھېلىقى مۈشۈكنى بولسا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. شۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى.<<قادىر ئىگەم،ئاجىز بەندەڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!>> ئۇ ئۆزى بىلىدىغان سۈرىلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى،بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئاۋاز جىمىپ قالدى.ئۇ ياستۇقى ئاستىدىكى ئايەت كىتابنى ئېسىگە ئېلىپ كۆڭلى خېلى ئەمىن تاپتى.<<خۇدايىم بار،نېمىدىن قورقاتتىم!>> ئۇنىڭغا سەل جۈرئەت كىرگەندەك بولدى –دە، ئەركىن نەپەس ئالدى.
ئۇنىڭ دادىسى ئەيىش-ئىشرەت سورىنىدىن قايىتمايدىغان ھاراقكەش ئادەم ئىدى.ئانىسى بولسا باشلانغۇچ مەكتەپ مۇئەللىمەسى بولۇپ كېسال سەۋەبىدىن مەكتەپتىن چىقىۋالغان خېلى يىللار بولغان ئىدى.ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا ئۆيدە ئەزەلدىن ئۇرۇش-جىدەل قۇرۇپ باقمايتتى.بىچارە بالا شۇڭىمۇ تولا قورقۇنچاق،ۋىجىك چوڭ بولغان ئىدى.
سەبى چېغىدىلا مۇجۇلۇپ كەتكەن يۈرىگى ئۇنى خىيالچان،كەم سۆز قىلىپ قويغان ئىدى.ئۇ كىتاب ئوقۇشقا ،دوقمۇشتىكى كىشىلەرنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ،ئەپسانىۋى پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىدى.شۇنداق بولغاچغا ئۇنىڭ بالىلىغى كىتاب بىلەن خىيالى چۆچەكلەر دۇنياسىدا ئۆتكەن ئىدى.بەزى نەرسىلەردىن بەكمۇ ئەنسىرايتتى.دادىسىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىق ئىشلىرىدىن،ئاللاھنىڭ غەزىپى تۇتۇپ گۇناھكار كىشىلەرنى جازالاپ قېلىشىدىن،قىيامەت كۈنىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتى.بىر مەزگىل ناماز ئوقىدى،چىن ئىخلاسى بىلەن ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرۇپ ئوقىدى.كېيىنچە نامازنى داۋاملىق ئوقۇيالمىدى.شۇڭا ئۆزىدىنمۇ ئەنسىرەپ قالاتتى.ئۆزىنىڭ ھامىنى جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ تېنى شۈركىنەتتى….
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تىرىق!تىرىق!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خۇددى ئۇنىڭ خىيالىنى بىلىپ قالغاندەكلا تىرىقلىغان ئاۋاز قايتىدىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى.<<خۇدايىم توۋا!خۇددى بىرى دەرىزىنى ئۇرۇۋاتقاندەكلا-ھە؟!>>ئەمدى ئۇ دەرىزىنىڭ تۈۋىدىكى نەرسىنىڭ تىنغىنىنىمۇ ھېس قىلدى.ئۇنى قارا تەر باستى.قورۇققانسىرى يوتقانغا چىڭ پۈركىنەتتى.يۈرىگى ئەنسىز سوقاتتى.<<بەلكىم خۇدايىم نامازنى تاشلىۋەتلەنلىكىمدىن رەنجىگەندۇ،بۇ
بەلكىم بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، يا بولمىسا….>>ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۇنىڭ داۋاملىق خىيال سۈرىشىگە ئىمكان بەرمىدى.<<ئېھ،ئاللاھ!ئۆزۈڭ بار!>>
تىرىق!تىرىق!تىرىق!
تىرىقلىغان ئاۋاز قايتىدىن ئەۋجىگە چىقتى.ئۇ ۋەھىمىدىن جالاقلاپ تىتىرەۋاتاتتى.يۈرىگىنىڭ دۈپۈلدەپ سوققان ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىلا،خۇددى يۈرىگى ئۇنىڭ ھەلقۇمىدا سوقىۋاتقاندەك…<<ئاھ خۇدا نېمە كارامەت بۇ؟!>>قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى،بىر ئازدىن كېيىن قارا كىيىملىك ئادەم ئۇنىڭ كارۋىتىنىڭ تۈۋىگە كېلىدۇ،خۇددى دەرىزىنى ئۇرغاندەكلا كارۋىتىنى يېنىك ئۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئاياغلىشىدۇ،ئۇ مۇزلىغان جەسەتنى قويۇپ قۇيۇپ،تەشۋىش،قورقۇنۇش،پۇچىلىنىش بىلەن كۆز يېشى قىلىۋاتقان روھنى ئەبەدى دۇنياغا ئېلىپ كېتىدۇ….<<ئاھ خۇدا ،ئۆزۈڭ بار! سەھەردە ئانام مېنىڭ تېخى ئورۇنۇمدىن تۇرمىغانلىقىمدىن رەنجىپ ئۆيۈمگە كىرگەندە مېنى ئويغۇتالماي ئاۋارە بولىدۇ.ئۆلگەنلىكىمنى بىلىپ يىغا-زارە قىلىپ ئكينى بېشىغا كىيىدۇ.بەلكىم داداممۇ كۆز يېشى قىلار….ئۇ نېمىدىندۇر قانائەت تاپقاندەك بولدى…ھە،راسىت، دوسلۇرۇمنىڭمۇ مېنىڭ ئۆلۈمۈمدىن ئاغزى ئېچىلىپلا قالىدىغان بولدى-دە!ئۇلار ئاندىن مېنىڭ بارىلىق گەپلىرىمگە ئىشىنىدۇ! مەن چوقۇم خېلى ۋاقىتقىچە ھەممە كىشىنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيمەن….دوقمۇشتىكىلەرمۇ مېنىڭ ئۆلۈمۈم توغۇرسىدا تالاش-تارتىش قىلىدۇ…..ئۇھ!...>>ئۇ چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتتى.ئۇنىڭ ئۆلىمى راستىنلا ئويلىغىنىدەك بولىدىغان بولسا ئۇ بىر قېتىم ئەمەس مىڭ قېتىم ئۆلۈشكىمۇ رازى.لېكىن ئۇ يەنىلا قورقۇۋاتىدۇ.<<يا،ئاللاھ!
ئىز تورى بەك ياخشى
گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلىۋەتكەيسەن!>> .
ئۇ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇغاچ سوزۇلۇپ ياتتى…پۇت قوللىرى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى.يۈرىگى بايامقىدەكلا قاتتىق سوقماقتا،چېكىسىدىن قارا تەر قۇيۇلماقتا.ئەسەبى بىر ھېسىياتتا پىچىرلىماقتا.ئۇنىڭ بەدىنى قىزىپ ئوت كاۋاپ بولۇپ كەتتى.لېكىن يەنىلا توڭلاۋاتاتتى.ئۇ قارا كىيىملىك ئادەمنىڭ كارۋىتى يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردى….
تىرىق!تىرىق!تىرىق!
سىرىتتا شامال چىقىۋاتاتتى.بايامقى سۇسقىنە نۇرلارمۇ قېلىن بۇلۇتلار ئىچىدە نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان،بۇ ئەسكى تاملىق ھويلا ھازىدار خوتۇندەك شۇنچە سۇلغۇن،جىمجىت ئىدى.توساتتىن بىر خىل قۇشنىڭ چىرقىراق ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى-يۇ، يەنە جىمىپ قالدى. ئۆي ئىچىمۇ تىمتاس،يۈرەكنىڭ دۈپۈرلىگەن ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايدۇ،ئەسەبى پىچىرلاشلارمۇ غايىپ بولغان… ھويلىدا يېيىقلىق كىيىملەر شامال تەسىرىدىن ئۇسۇل ئويناۋاتقاندەك ئۇيان-بۇيان ئېغاڭشىيتى.بەزىدە دەرىزىنىڭ بىر قانىتى شامال تەسىرىدىن<<تىرىق!تىرىق!>>ئاۋاز چىقىرىپ دەرىزىنىڭ قىزىل سىرلانغان تۆمۈرىگە ئاستا ئۇرۇلۇپ قوياتتى.
2007-يىلى،7-ماي.
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2007-يىللىق 3-سىنىپتىن تۇرغۇنجان.ئەرشىدىن
ئىز تورى بەك ياخشى