يەنە بىر تال ئالما بار

ۋاقتى:2010-06-17 16:45مەنبە: يوللىغۇچى: ئابلىزمەمەت چېكىلىشى:قىتىم
  
يەنە بىر تال ئالما بار

     تۇيۇقسىز چىققان بىر قېتىملىق بوران چوڭ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان يالغۇز يولۇچىنى نىشاندىن ئازدۇرۋەتتى. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى ، بۇ بوراندا ئوزۇق - تۈلۈك ۋە سۇ قاچىلانغان بوخچىسمۇ يوقاپ كەتتى. ئۇ كىيىملىرىنىڭ ھەممە يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ ئاران تەستە سولىشىپ كەتكەن بىر تال ئالمىنى تاپتى.

www.iz.la

   ئۇ ئالمىسىنى سىقىمداپ تۇرۇپ ، ئېگىز - پەس دەسسەپ مېڭىپ قۇملۇق ئىچىدە چىقىش يولى ئىزدەيتتى. توپتوغرا بىر كېچە - كۈندۈز ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چەكسىز كەتكەن قۇملۇقتىن تېخىچە چىقىپ كېتەلمىدى . ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇق ھەم قاتتىق چارچاش ئۇنىڭغا توختىماي ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. چەكسىز كەتكەن قۇم دېڭىزىغا قاراپ ئۇ قانچە قېتىملاپ ھازىرلا تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك ھېسياتقا كېلەتتى. لېكىن قولىدىكى ئالمىغا بىر قاراپ ، يېرىلىپ چاك - چاك بولۇپ كەتكەن كالپۇكىنى ئالمىغا ئاستا تەگكۈزەتتى- دە ، بىردىنلا ماغدۇرغا كېلەتتى.

www.iz.la

   تومۇز ئىسىققا قارىماي ئۇ قۇم دېڭىزىدا توختىماي ماڭدى . نۇرغۇن قېتىملاپ يىقىلىپ چۈشتى . لېكىن ھەر قېتىمىدا ئۇ تىركىشىپ - تىرمىشىپ ئورنىدىن تۇراتتى- دە پۇتىنى سۆرەپ ئاز - ئازدىن ئالغا قاراپ يۆتكەيتتى. كۆڭلىدە بولسا توختىماستىن : << مەندە تېخى يەنە بىر تال ئالما بار ، مەندە تېخى يەنە بىر تال ئالما بار .... >> دەپ تىنماي تەكرارلايتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ ئاخىر قۇملۇقتىن چىقتى . ئۇنىڭ قولىدىكى بىرەر قېتىممۇ ئېغىز تېگىلىمىگەن سولىشىپ كەتكەن ئالما ئاللىبۇرۇن مۇنەكشىپ قۇرۇپ ئالما دېگۈچىلىكى قالمىغان ئىدى. ئۇ ئالمىغا گۆھەرگە قارىغاندەك ئۇزاقتىن ئۇزاق تىكىلىپ قارىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   بىز ھايات مۇساپىسىدە داۋاملىق ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز. ھەتتا خىيالىمىزغا كىرىپمۇ چىقمىغان ئېغىر ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن . بۇنداق ۋاقىتتا ھەر گىز ئالدىراپ - سالدىراپلا «مېنىڭ ھېچنىمەم قالمىدى» دېمەسلىكىمىز كېرەك . ئەمەلىيەتتە كىشلىك ھايات خۇددى قۇملۇققا ئوخشىسا ، ئۈمىد بولسا گويا ئاشۇ سولىشىپ قالغان ئالما .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

<< كىروران ژورنىلى >> دىن ئېلىنغان .

www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بۇرۇتلۇق خانىم

    ئىجادىي ھېكايە...

  • بالىنىڭ ئىلتىجاسى

    بالا تۇيۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ۋە: _ دادام ، ئۇ... ئۇ... ئۆلۇپ كېتىدۇ، _ دىدى....

  • پراكتىكىدا

    ئالي مەكتەپنىڭ گۈزەللىكىنى دىمىسەممۇ ھەر بىر ئوقىۋاتقان ھەم ئوقۇپ بولغانلار بىلسە كىرەك. بەش يىل ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئۆتۇپ كىتىپتىكەنمەن . مەجبۇرى ھالدا مەكتەپتىن دوختۇرخانىغا ھەيدەلگەندە ،يەنىلا شۇ شوخلىقىمىز بىلەن ئۆتۇپ كىتىمىزغۇ دەپ ئەزرائىلنىڭ باش بىك...

  • يۇمۇرلار

    (خۇشاللىق ھەممەيلەنگە يار بولسۇن) تەسىرات بىر ئايال ئاشنىسى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يولدىشى كېلىپ قاپتۇ. ئايال دەرھال ئاشنىسىنى بۇلۇڭغا ئەكېلىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە سىر سۈركەپ ؛ - مەن گەپ قىلمىغۇچە مېدىرلىماڭ ھە!- دەپ تاپىلاپتۇ. يولدىشى ئ...

  • قىزلار مەڭگۈ ئوغۇللارنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەيدۇ.........

    4.قىزلار ئوغۇللارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۆزىدىن شۇنداق سەمىمى ھەل سورايدىغانلىقىنى مەڭگۇ بىلەلمەيدۇ....

  • ئاق ئەتىرگۈل

    (پوۋسېىت) 1 رۇخسار ئۆيگە كەلگەندە تام سائىتى كەچ سائەت ئونغا داڭ ئۇرغاندى . دادىسى دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغىچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئىش پۇتكەندىن كىين تامىغىنى يەپلا ئۆيگە ئارانلا كىلىۋالدى . ئانىسى دادىسغا ھەمرا بۇلۇپ قالماقچى بولغاندى . بىراق يىرىم...

  • ئاھ!مۇھەببەت سەندىن ۋاز كېچەي

    ئاھ!مۇھەببەت سەن مەندىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان ئىكەنسەن،مەنمۇ سەندىن ۋاز كەچمەي تۇرالمىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى كۆڭلۈم تۆرىدىن ئۇرۇن ئالدۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ،ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ سېنىڭ مېنى ئالداۋاتقانلىقىڭنى،سېنىڭ مەندىن ئاللىبۇرۇن كۆڭلۈڭ...

  • جاۋاپسىز سۆيگۈ

    ۋاپاسىز يايرىم ئېسىڭدىمۇ؟ چاڭقاپ لەۋلىرىڭ گەز باغلىغاندا،مەن ساڭا شېرىن شەربەتلىرىمنى تۇتقان ئېدىم. سەنچۇ؟ سەن جاۋاپ ئورنىدا جامىمغا زەھەرلىك يۇندىنى قۇيدۇڭ،سەن سۇنغان زەھەرلىك يۇندىنى زەم-زەم ئورنىدا كۈرۈپ ئىچىپ ئازاپتىن ئاچچىق تولغاندىم. تۇمۇز ئىسسىقتا...

  • سەن كېتىپ قالدىڭ

    سەن كېتىپ قالدىڭ............... تىنىقلىرىمدىن تىنىقلىرىڭنى،كۆزلىرىمدىن كۆزلىرىڭنى،ھېسلىرىمدىن ھېسلىرڭنى،سۆيگۈلۈرۈمدىن سۆيگۈلىرىڭنىئېلىپ كەتتىڭ. ئەمما سەن ماڭا بۇلارنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ...گۈللەر توزىدى،يۇپۇرماقلار تۈكۈلدى.بىغۇبار سۆيگۈمىز خازا...

  • ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق !

    ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق نيۇيورك ساقچى ئىدارىسىدا يارسېل ئىسىملىك بىر ياش ساقچى بار ئىدى . بىر قېتىملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە جىنايەتچى ئاتقان ئوق ئۇنىڭ سول كۆزى ۋە ئوڭ تىزىغا تەگدى . ئۈچ ئايدىن دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەم...