شىكايەت

ۋاقتى:2010-06-17 14:07مەنبە: يوللىغۇچى: 606113016 چېكىلىشى:قىتىم
  

شىكايەت

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

(فىليەتۇن) ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قەدىرلىكىم

ئىز تورى بەك ياخشى

مەن بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگىلىمۇ ئانچە ئۇزۇن بولمىدى ، شۇنداقتىمۇسىزگە خەت يازغۇدەك بولماپتىمەن (تېلېفۇنلاشقاننى دىمىگەندە) ، مەن بۇيەردە بىر مەۋسۈم خىزمەت قىلىپ، نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم، تۆۋەندىكىسى مېنىڭ ئەڭ يېڭى، ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتلىرىم. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى مەكتىۋىمىزنىڭ مودىرى ۋە ئۇنىڭ «ئۆزگىچە» خىزمەت ئۇسۇللىرى. تۆۋەندە مودىرنىڭ ئۆزۈم كۆرگەن ۋە ھىس قىلغان «ئۆزگىچىلىك» لىرىدىن سىز بىلەن بىرلىكتە «ھوزۇرلانماقچى ». www.iz.la

  مەكتىۋىمىزنىڭ مودىرى ئىنتايىن «كەڭ قورساق،ئالىجاناپ»كىشى. ئۇنىڭ قارىشىچە  مەكتەپتىكى ئەڭ موھىم خىزمەت ئوقۇتۇش ئەمەس ، بەلكى «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش» تۇر. مەيلى سىز قانداق شەكىلدە خىزمەت ئىشلەڭ، مودىرنىڭ تۇغقىنى ياكى «يېقىنى» بولمىسىڭىزلا «خىزمەت ئىلغارى»، «مۇنەۋۋەر شەخىس» دىگەندەك ناملارغا مەڭگۈ مۇيەسسەر بولالمايسىز، ئەمما  جەرىمانە تۆلەيدىغان( گەرچە قانۇن- سىياسەتلەرگە مۇخالىپ بولسىمۇ )، تىل-ھاقارەت (مودىرنىڭ قارىشىدىكى تەنقىد) ئاڭلايدىغان، ئۇنۋان ئېلىش ۋاقتىڭىز كەينىگە سۈرۈلىدىغان ئىشلار ئالدى بىلەن  سىزنى تاپىدۇ. تاساددىپىي مۇكاپات ئالىدىغان بولۇپ قالسىڭىز مەكتەپنىڭ «ئىقتىسادى  قىيىنچىلىق دەۋرى» گە دۇچ كېلىپ قالىسىز. يىللاپ-يىللاپ «نىسىي»  قالىدۇ، بىراق جەرىمانىنى نەخلەشتۈرمەي بىركۈن كەينىگە سۈرسىڭىزلا خىزمەتتىن توختايسىز،(بۇمۇ ئەلۋەتتە، سىز بىلەن مودىرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ‹ يېقىن-يىراق› لىقىغا باغلىق.)

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ھۆكۈمەتنىڭ مائاشتىن سىرت ( مال-باھا تولۇقلىمىسى، سىنىپ مودىرىلىق پۇلى دىگەندەك) دىگەندەك پۇللارنى بېرىپ قېلىشىدىن خۇدا ساقلىسۇن،بۇنداق چاغدا ئەگەر مۇشۇ پۇلغا «رەندە سالالماي» قالسا، كۈندە نەچچە قېتىم «چوققىڭىزغا قويۇپ» «سۇبىھاناللا»نى نەچچە قېتىم دىگۈزىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بۇخىلدىكى يارىدەملەر ھىساۋاتقا كىرگەن ھامان «تەنقىد» ئاڭلاشقا «ئىددىيۋى» تەييارلىق قىلىپ بولىدۇ. (ئادەتتە بۇخىلدىكى پۇللارنى تولۇق ئالالايدىغانلار بەك ئاز).

ئىز تورى www.iz.la

ئەگەر نەمۇنىچىلارنى بەلگىلەيدىغان ئىشلارغا «قارشى مۇقام توۋلايدىغان» بولسىڭىز ئۇ چاغدا ئىشىڭىز تېخىمۇ چاتاق. يېقىندا ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇنەۋۋەرلىكنى بىكتىش (ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرقانچە نامزات ئىچىدىن تاللىۋالىدىغان) ئۈچۈن «مەكتەپ بەنزىسى مۇزاكىرە قىلىپ» مودىرنىڭ سىڭلىسىنى «تاللىغان» (شەرتكە مۇۋاپىق بولمىسىمۇ) دا ئارىدىن بىرەيلەن «مۇۋاپىق ئەمەس » دەپ باشقىلارنى كۆرسىتىۋىدى، ( يېڭى نامزات سىنىپ مودىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئىشلەۋاتقان بىرى) مودىر چىرايىدا قان دىدارى يوق ھالدا  «ئۇنىڭغا بىر مەزگىل چېنىقىش پۇرسىتى بېرەيلى، ئۇ تېخى ياش » دەپ گەپنى ئۈزدى. ( ئەمەلىيەتتە ئىككى نامزات ساۋاقداش) شۇنىڭدىن كىيىن ھېلىقى سىنىپ مودىرىنىڭ سىنىپى ئىزچىل« سېرىق بايراق نامزاتى» بولۇپ «چېنىقىۋاتىدۇ». نامزات كۆرسەتكۈچىچۇ؟ ئۇ شۇ كۈندىن  باشلاپ  مودىرنىڭلا ئەمەس، مەكتەپتىكى «ئەڭ ئىقتىدارلىق» بىر مۇئاۋىن مودىرنىڭمۇ «كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ» ئەدەپلەش ئوبىكىتى بولۇپ قالدى. خىزمەتنى قانچە تىرىشىپمۇ مۇناسىپ  باھاغا ئېرىشەلمەي، «خىزمەت قىزغىنلىقى يوق» بولدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەكتىۋىمىزنىڭ «بەلگىلمىسى» بويىچە ھەر ئايلىق سىنىپلارنىڭ خىزمەت خۇلاسىسىدا ئىككى سىنىپ مۇكاپات ئېلىپ، ئىككى سىنىپنىڭ مودىرى جەرىمانە تۆلىشى كېرەك، بىراق، يەنىلا «جەرىمانە نەخ،مۇكاپات نىسى»، تاساددىپىي نەخلىشىپ قالسىمۇ، بازاردا سېتىلماي بېسىلىپ قالغان ماللارنىڭ «باھاسى ئۆسۈپ» سىزگە «يادىكار» بولىدۇ. (جەرىمانىگە نەخ پۇل تۆلەيسىز)  ئۇنىڭ ئۈستىگە 3-ئايلىق خىزمەت خۇلاسىسى 5-ياكى 6- ئايدا،9-ئايلىق خىزمەت خۇلاسىسى 11-ياكى 12-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان بولغاچقا قايسىبىر ئىشلار ئېسىڭىزدە تۇرىدۇ دەيسىز. بۇمۇ مودىرىمىزنىڭ «ئىجادىي خىزمەت ئۇسۇلى» لىرىنىڭ بىرى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھەتتا مودىرىمىز يوق جايدا باشقا خىزمەتداشلىرىڭىز غا  «قوسىقىڭىزنى بوشىتىۋېلىش» غا ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى بىرتۈركۈم  «ئاپشاركا » لار بۇنى «بەش مىنۇتتىن ئاشۇرماسلىق» شەرتى بىلەن «دەل جايىغا » يەتكۈزىدۇ. ئاندىن ھېلىقىدەك «قاراتىزىملىك»تە يەنە بىر ئادەم كۆپىيىدۇ، خالاس. شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە ئىنتايىن ئۆچ،(ئەمما مەن باشقىلارنىڭ ئۇلارنى نىمە سەۋەپتىن « مودىرنىڭ پايپىقىنى  يۇيۇپ، يۇندىسىنى ئىچكەن» دەپ كەينىدىن تىللايدىغانلىقىنى ھازىرغىچە ھىس  قىلالمىدىم.)  بىراق،  بۇ «شەرەپلىك» ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان «تۆھپىكارلار»نىڭ يامان گېپىنى قىلىش، كەينىدىن غەيۋىتىنى قىلىش- ئەلۋەتتە «گۇنايى كەبىرە.»

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 بۇخىلدىكى ئىشلارنى «يۇقىرىغا مەلۇم قىلىمەن» دىيىش ھاماقەتلىك ، چۈنكى  (مودىرنىڭ دىيىشىچە) ناھىيلىك پارتكوم، ناھىيلىك ھۆكۈمەتتىمۇ ئۇنىڭ يېقىن «ئادەملىرى» بارمىش. مەكتىۋىمىز گەرچە 10 غا يەتمەيدىغان سىنىپ ، 300 گە يەتمەيدىغان ئوقۇغۇچى ۋە 50كە يەتمەيدىغان ئوقۇتقۇچىدىن تەشكىل تاپقان  ئوتتۇرا مەكتەپ بولسىمۇ، مودىرىمىزنىڭ «ھوقۇقى ئىنتايىن چوڭ» ، چۈنكى ئۇ «مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك ئەمەلدار». ئۇنىڭ ھوقۇقى بەزىدە ھەتتا باش مىنىستىر(زوڭلى)نىڭ ھوقۇقىدىنمۇ چوڭىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى مەركەزنىڭ بىرقىسىم قانۇن سىياسەتلىرىمۇ مەكتىۋىمىزدە «قۇرۇق گەپ» كە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مودىرنىڭ ئاغزىدىن يولداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، مەكتەپنىڭ موقىملىق- بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇشتىن باشقا گەپ ئاساسەن چىقمايدۇ، «ئادەمگەرچىلىك» ى ئىنتايىن ياخشى،ئەمەلدارلار، يۈز- ئابرويلۇقلار ياكى پۇلدارلارنىڭ ئۆيىدىكى ھەرقانداق توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلارغا قالدۇرماي (چاقىرمىغان تەقدىردىمۇ) بېرىپ تۇرىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى كىشىلەر  ئۆلۈپ قالسىمۇ قارايدىغانغا «ۋاقتى يوق». ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سىرتتىن كېلىپ ، ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان بىزنىڭ مەكتەپتە، مودىرىمىز چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا دائىم دىگۈدەك «مۇساپىر» ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاقلىرىغا  «قەدەم تەشرىپ قىلىپ»، «ئەھۋال سوراپ»تۇرىدۇ. ئەگەر ياتاق بىرلا قېتىم تاقىلىپ قالىدىغان بولسا، بۇ ياتاق شۇ كۈندىن باشلاپ مەڭگۈگە تاقىلىپ قېلىشىمۇ مۆمكىن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

شۇڭا «خىزمەت نەتىجىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋاقتىدا ئۇنۋان ئالاي، مائاشىمنى ئۆزۈم خەجلەي» دىسىڭىز مودىرنى «ۋاقتى- ۋاقتىدا يوقلاپ» ، «سالام –سەھەت» نى «جايىدا» قىلپ تۇرىشىڭىز «‹كەل› دىگەندە كېلىپ ‹كەت› دىگەندە كېتىشىڭىز» ، «سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى» نى تىلغا ئالماسلىقىڭىز ، مەكتەپكە ھەرخىل جەرىمانە تاپشۇرغاندا تالۇن (ئىسپات)  تەلەپ قىلماسلىقىڭىز كېرەك. مانا بۇ «پىرىنسىپ»، « قانۇن - سىياسەت». ئەگەر بۇئىشنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلماقچى بولۇپلا قالسىڭىز مەكتىۋىمىزدە سىزدىنمۇ بەكرەك «تېگى پەس» ئادەم بولمايدۇ. بارلىق يولداشلار ئارىسىدا تىللاپ پوسكايتىۋېتىغان گەپ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى-شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى خىزمەت قىلىش، كېچىلىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش.بىزگە چۈشەندۈرىشىچە، ناھىيىنىڭ شۇجى-ھاكىملىرى يىغىن ئېچىپ ،«ئوقۇتقۇچىلارنى شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىشلەتمىدىڭ، كېچىلىرى ئارام ئېلىۋالدى، مائاشنى ھارام ئالىدۇ، سەن نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟» دەپ تەنقىدلەيمىش. شۇڭا دەم ئېلىش ۋاقىتىمىزغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

مودىرىمىز ناھايتى « كەڭ قورساق، ئالىجاناپ» ، ئۇنىڭ «يېقىنى» بولۇش «ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس». ئۇ «ھەممەيلەننى ئوخشاش كۆرگەچكە» ،يۈرۈش-تۇرۇش ۋە باشقا جەھەتلەرگە «ئالاھىدە دىققەت قىلىپ» تۇرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە كىيىدىغان كىيىمنىمۇ ئۇنىڭ «ماقۇللۇقىنى ئېلىپ» كىيىشى ، ھەرگىزمۇ «خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ» كىيىۋالماسلىقى لازىم، بولمىسا ئاقىۋىتى ئېنىق، يەنىلا ھېلىقىدەك «تەنقىد»،ئېغىراق بولغاندا «جەرىمانە». بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

شۇڭا مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىڭغا « ئىنتايىن ئامراق»، دائىم ئۇنىڭ «تەرىپىنى قىلىپ» تۇرىمىز، ئۇنى مەكتىۋىمىزگە مودىرلىققا تەيىنلگەن تەشكىلگە «شۈكرى-سانا» ئوقۇپ تۇرىمىز، تەڭرى ئۇنى بالا-قازادىن «يىراق» قىلغاي، مەكتىۋىمىزگە «مەڭگۈلۈك مودىر» بولغاي. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

يۇقارقىدەك خىزمەت شارائىتىدا مەن ۋە ماڭا ئوخشاش «قوڭالتاق»لار نىمىمۇ قىلالايدۇ دەيسىز، شۇڭا «مودىر بەرگەن» مائاشنى"ھالاللاپ" ئېلىپ، «ئۈستۈن-پەس» خىياللارنى قىلماي، «ئارامبەخىش» خىزمەت قىلىۋاتىمەن،ھازىرقى شارائىتتا سىز بىلەن بولغان «ئىشلار»نىڭ ئاقىۋىتىگىمۇ بىر نەرسە دىيەلمەيمەن، توغرا چۈشىنەمسىز،ياكى ................

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

سىزنى سېغىنىپ:                            606113016

www.iz.la

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بۇرۇتلۇق خانىم

    ئىجادىي ھېكايە...

  • بالىنىڭ ئىلتىجاسى

    بالا تۇيۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ۋە: _ دادام ، ئۇ... ئۇ... ئۆلۇپ كېتىدۇ، _ دىدى....

  • پراكتىكىدا

    ئالي مەكتەپنىڭ گۈزەللىكىنى دىمىسەممۇ ھەر بىر ئوقىۋاتقان ھەم ئوقۇپ بولغانلار بىلسە كىرەك. بەش يىل ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئۆتۇپ كىتىپتىكەنمەن . مەجبۇرى ھالدا مەكتەپتىن دوختۇرخانىغا ھەيدەلگەندە ،يەنىلا شۇ شوخلىقىمىز بىلەن ئۆتۇپ كىتىمىزغۇ دەپ ئەزرائىلنىڭ باش بىك...

  • يۇمۇرلار

    (خۇشاللىق ھەممەيلەنگە يار بولسۇن) تەسىرات بىر ئايال ئاشنىسى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يولدىشى كېلىپ قاپتۇ. ئايال دەرھال ئاشنىسىنى بۇلۇڭغا ئەكېلىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە سىر سۈركەپ ؛ - مەن گەپ قىلمىغۇچە مېدىرلىماڭ ھە!- دەپ تاپىلاپتۇ. يولدىشى ئ...

  • قىزلار مەڭگۈ ئوغۇللارنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەيدۇ.........

    4.قىزلار ئوغۇللارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۆزىدىن شۇنداق سەمىمى ھەل سورايدىغانلىقىنى مەڭگۇ بىلەلمەيدۇ....

  • ئاق ئەتىرگۈل

    (پوۋسېىت) 1 رۇخسار ئۆيگە كەلگەندە تام سائىتى كەچ سائەت ئونغا داڭ ئۇرغاندى . دادىسى دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغىچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئىش پۇتكەندىن كىين تامىغىنى يەپلا ئۆيگە ئارانلا كىلىۋالدى . ئانىسى دادىسغا ھەمرا بۇلۇپ قالماقچى بولغاندى . بىراق يىرىم...

  • ئاھ!مۇھەببەت سەندىن ۋاز كېچەي

    ئاھ!مۇھەببەت سەن مەندىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان ئىكەنسەن،مەنمۇ سەندىن ۋاز كەچمەي تۇرالمىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى كۆڭلۈم تۆرىدىن ئۇرۇن ئالدۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ،ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ سېنىڭ مېنى ئالداۋاتقانلىقىڭنى،سېنىڭ مەندىن ئاللىبۇرۇن كۆڭلۈڭ...

  • جاۋاپسىز سۆيگۈ

    ۋاپاسىز يايرىم ئېسىڭدىمۇ؟ چاڭقاپ لەۋلىرىڭ گەز باغلىغاندا،مەن ساڭا شېرىن شەربەتلىرىمنى تۇتقان ئېدىم. سەنچۇ؟ سەن جاۋاپ ئورنىدا جامىمغا زەھەرلىك يۇندىنى قۇيدۇڭ،سەن سۇنغان زەھەرلىك يۇندىنى زەم-زەم ئورنىدا كۈرۈپ ئىچىپ ئازاپتىن ئاچچىق تولغاندىم. تۇمۇز ئىسسىقتا...

  • سەن كېتىپ قالدىڭ

    سەن كېتىپ قالدىڭ............... تىنىقلىرىمدىن تىنىقلىرىڭنى،كۆزلىرىمدىن كۆزلىرىڭنى،ھېسلىرىمدىن ھېسلىرڭنى،سۆيگۈلۈرۈمدىن سۆيگۈلىرىڭنىئېلىپ كەتتىڭ. ئەمما سەن ماڭا بۇلارنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ...گۈللەر توزىدى،يۇپۇرماقلار تۈكۈلدى.بىغۇبار سۆيگۈمىز خازا...

  • ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق !

    ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق نيۇيورك ساقچى ئىدارىسىدا يارسېل ئىسىملىك بىر ياش ساقچى بار ئىدى . بىر قېتىملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە جىنايەتچى ئاتقان ئوق ئۇنىڭ سول كۆزى ۋە ئوڭ تىزىغا تەگدى . ئۈچ ئايدىن دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەم...