«لېيىغان بۇلاق»
ئۈچ دوست
«دۇنيانىڭ تىلىكى، سەمەرىدۇرىمىز،
ئەقىل كۆزىدىن قارىسى-جەۋھەرىدۇرمىز.
تۈگەرەك جاھاننى ئۈزۈك دەپ بىلسەك،
شەكسىز ئۇنىڭ كۆزى-گەۋھەرىدۇرىمىز،»
-ئۆمەر ھەييام
مەن خاتىرەمنى ئېچىپ، ئۇلۇغ پەيلاسوپ ۋە شائىر ئۆمەر ھەييامنىڭ بۇ روبائىيسىنى ئوقۇغۇنىمدا، ئىختىيارسىز چوڭقۇر ئويغا چۆكىمەن. ئىنسان، ھايات، دوستلۇق بۇرچى توغرىسىكى تارىخى ۋەقەلەردە رېئال كەچۈرمىشلەر كۆز ئالدىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلايدۇ. شۇلار ئارىسىدا ئاپتاپتەك چاقناپ، ئالماستەك جۇلالىنىپ تۇرغان بىر ئابىدە نامايەن بولىدۇ. كۆز نۇرۇم بۇ ئابىدە ئۈستىگە مۇجەسسەملىشىدۇ، خىيال قۇشلىرىم قاناتلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ ئابىدە قەلبىمنىڭ ئەڭ خىلۋەت، ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆمرۈم بۇيى ساقلنىپ كېلۋاتقان ئەينى يىللاردىكى دوستلارنىڭ سىمايىسى ۋە ئۇلارنىڭ خاتىرسىدۇر......
يىللار ئۆتكەنسىرى، خاتىرەمدە ئۆچمەس بۇلۇپ، بارلىق سىمايە سۈپىتىدە بارغانسىرى چاقناپ تۇرىۋاتقان، جۇلالىنىۋاتقان ئەنە شۇ دوستلارنىڭ ئېلغار پىكىرلىك، ئۆتكۈر زېھنىلىك، ئىستىدادلىق ۋە قابىل كىشلەردىن بولغانلىقىنى ئويلايمەن....شۇنداق، ئۇلار دەۋىرنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئەلنىڭ ئۈمۈدى، شۇ دەۋىر ياشلىرىنىڭ سەرخىللىرى ئىدى. ئۆمەر ھەييامنىڭ روبائىيسىدا ئېيتىلغاندەك جاھاننى ئۈزۈك دەپ بىلسەڭ، ئۇلار شەكسىزكى، شۇ ئۇزۇكنىڭ كۆھەر كۆزى ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى رەسسام، بەزىلىرى مۇزىكانت، بەزىلىرى ماتىماتىك، بەزىلىرى ھۆسىن خېتى بىلەن مەشھۇر ئىدى. يۇمشاق مۇئامىلىلىك، نازۇك تەبىئەتلىك، خۇشخۇي، شىرىن سۆزلۈك يىگىرمە ياشلار ئەتراپىدىكى بۇ يىگىتلەر يۈرىكىدىكى گۈزەل ۋە ئۇلۇغۋار ھەمدە ئىزگۈ تىلەكلەرنىڭ يالقۇنى بىلەن ھالال، مەردانە ياشايتى. ئۇلار ئاددى-ساددا، كەمتەر ئىدى. راسىت سۆزلۈك، ئىنساپ-دىيانەتلىك، رەھىمدىل يىگىتلەر ئىدى. ئۇلار تۈندە يانغان يۇلتۇزلار ئىدى، ئۆركەشلەپ ئاققان دەريا ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار ئىدى. ئۇلار مۇنبەردە تۇرۇپ، ئەۋلادلارغا ئىلىم نۇرىنى چاچاتتى، ئىلىم نۇرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچاتتى. ئەمما «سىنىپى كۈرەش»نىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى ئەۋج ئالغان پەلەك چاقى تەتۈر چۆگىلىگەن ئاشۇ زامان بىلەن ئۇلارنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ، زۇلۇم قامچىسى بىلەن ھەر دەقىقە تامچىلاپ تۇراتتى،لېكىن ئۇلار ئازاپ-ئوقۇبەت، قايغۇ-ئەلەم قاپلىغان شۇ شىۋىرغانلىق يىللاردىمۇ «تۈننىڭ يېڭى بارلىقىغا»ئىشىنىپ، ئۆزلىرىگە تەسەللى تاپاتتى. جاپا-مۇشەققەتلىك، ئېغىر مۇھىت ئىچىدىمۇ ئىجاد، مىھنەت ۋە ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرى يولىدا، ئۆزلۈكسىز تىرىشاتتى، ئىزدىنەتتى، قان-تەر ئاققۇزاتتى. بۇ يولدا، بىر-بىرىگە ئىلھام -مەھەت بېرىشەتتى. ئۇلارنىڭ نام-شۆھرەت، ئەمەل-ئۇنىۋان، ھۇزۇر-ھالاۋەتتى قىلچىمۇ تامايى يوق ئىدى. پەقەت، قوللىرىدىكى ئىلىم ئاچقۇچىنى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن جاپا چېكىپ ئىشلەيتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇلار ئۆز-ئارا ئەسرا بولۇپ قالغان چاغلىرىدا، ئاجايىپ قىزغىن، چوڭقۇر مەنىلارغا ئىگە سۆھبەرلىرىنى قۇراتتى. بەدىئىي ئەدەبىيات، سەنئەت، تارىخ ۋە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە، ھايات ۋە تۇرمۇش توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرەلەرنى ئېلىپ باراتتى. ھاياجانلىنىپ، قىزىشىپ مۇناىرىلەرنى ئېلىپ باراتتى. شېئىرىيەتنىڭ خىلمۇخىل ژانىرلىرىدا قەلەم تەۋرىتىشەتتى. لېكىن ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان جۇدۇن-چاپقۇنلۇق ھەرىكەتلەر بۇ مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۈرگەن گۇناھسىز ئىستىدات ئىگىللىرىنىڭ ھايات چېچەكلىرىنى تۆكۈپ، ئۆزلىرىنى بەرگى خازان قىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھاياتى قىيانغا چۈشكەن سېرىق يۇپۇرماقتەك، شۇ قىياننىڭ دولقۇنلىرىدا بىئىختىيار لەيلەپ ئۆتەتتى....
يىللار خۇددى ئاق چوققىلىق تاغلار ئۈستىدىن سۈرۈلۈپ ئۆتكەن بۇلۇتلاردەك بىر-بىرسىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ كەتتى، ئېزىز باشلارغا قىرو چۈشتى، نۇرانە يۈزلەرگە يىللار قىيانلىرى يول-يول ئېرىقلارنى قازدى. بېشىمىزدىكى تال-تال ئاق چاچلار، يۈزلىرىمىزدىكى سىزىق-سىزىق قورۇقلار ئاشۇ ئۆتمۈش يىلارنىڭ شاھىدى ۋە يالدامىسى بولۇپ قالدى.
دەرۋەقە، ئاق چاچلىرىمىزنىڭ ھە تېلىغا ئازاپلىق يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان، يۈزلىرىمىزدىكى تارام-تارام ئېرىقلاردا ھەسرەت-نادامەت ئېقىنلىرى ئاققان....بىز ئۇ يىللاردىن پەقەت ئاقارغا چاچ، ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك قورۇقلارنىلا ئېلىپ قالالىدۇق.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ھۆرمەتلىك كىتاپخان! بۇ روماننى ئوقۇغۇنىڭىزدا، بەلكىم سىز ئۇلارنى قەيەردىدۇر كۆرگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالارسىز، بەلكىم، ئۇلاردىن بىرى كۆتۈلمىگەندە ئۆزىڭىزگە ئوخشاپ قالار، شۇنداق بولغىنىدا مېنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى تىرىشچانلىقىم، مەقسەت-نىشانلىرىم زايە كەتمىگەن بولار ئىدى.
ئاپتۇردىن.
شۇنداق، ھايات يولى بىر ئايىغى چىقماس جاڭگال. ئۇنىڭ باغرىنى قاپلاپ ياتقان ياۋا-چاتقاللار، تىكەندەك ئازغانلار،جىغانلار....مانا بۇ تۇرمۇش ئىكەن....ئادەم ئۇنىڭدىن يول تېپىپ ئاخىرىغا چىقىپ بولغۇچە بەلكىم مۈكچىيىپ، كۆزلەرنىڭ گۆھىرى تۆكۈلۈپ، چاچلارغا قىراۋ قونىدىكەن. www.iz.la
22-بەت.
تەكەببۇر ئەيلىمە زىنھار مىگەرچە ئاسمان بولساڭ،
ئۆلەرسەن ئاقىبەت بىر كۈن سۇلايمان پادىشاھ بولساڭ...
قۇرمۇشنى كۆرمىدىڭمۇ باش چىقاردى بورىيا بولدى،
ئۈزۈمنى كۆرمىدىڭمۇ يەردە ياتتى تۇتىيا بولدى.
106-بەت.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
-بۇرۇنقى زاماندا بىر ئوۋچى بار ئىكەن.....ئۇ ئورماندا بىر كىيىكنى ئۇچىرتىپتۇ، ئاتاي دىسە ئوقى قالماپتۇ....ئوۋچى كىيىككە ھىيلە ئىشلىتىپتۇ: «ئەي ئالتۇن رەڭلىك كىيىك، سەن مەن بىلەن كەت...سىنى ئاسرايمەن، دۈمبللىرىڭنى سىلايمەن....سۇنىڭ سۈزۈكىنى، ئوتنىڭ ئۇچىنى بىرىمەن... يىگىنىڭ ئالدىڭدا، يىمىگىنىڭ كەينىڭدە بولىدۇ... سەن چەكسىز بەخىتكە ئېرىشىسەن»دەپ يالۋۇرۇپتۇ. كىيىك ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ماقۇل بوپتۇ ۋە ئوۋچىنىڭ كەپىسىگە كەپتۇ. ئەمما بىر چاغدا ئاستا كەينىگە قارىغۇدەك بولسا، ئوۋچى پىچىقىنى بىلىگەچ:«ئەجەپ قىلتىقىمغا چۈشتى بۇ ئەخمەق!» دېگۈدەك....كىيىك قېچىپتۇ. ئوۋچى ئارقىدىن ئۇنىڭغا ئوق ئۈزۈپتۇ....كىيىك يارىدار بوپتۇ...ئۇ يىقىلا-قوپا، ئاخر بىر جىلغىغا يىتىپ كەپتۇ، ئەمما قاياقتىندۇر پەيدا بولغان ئاجايىپ چىرايلىق بىر كىيىك ئۇنىڭ جاراھەتلىرىنى يالاپ مەلھەم قىلىپتۇ، يۆلەپتۇ، يول باشلاپ پىنھان جىلغىلاردىن، چىغىر يوللاردىن ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزۈپ، بىر بۇلاق بېشىغا ئەكەپتۇ. چىرايلىق كىيىك:«مەن بىلەن كەت!.....دەپتۇ». يارىدار كىيىك پۇشايمان ياشلىرىنى تۆككەن ھالدا:«مەن بولسام كالتە پەم، ئەقىلسىز، ياخشى-ياماننى پەرق ئىتەلمەيدىغان بىر دىۋەڭمەن...ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر ئالدامچىنىڭ بەدىنىمدە قالدۇرغان جارائىتى بار. بۇ جارائەت يۈرىكىمگە كۆچتى....‹جىسمانى جارائەت تىزلا ساقىيار، روھى جارائەت مەڭگۈ قالار...›دېگەن گەپ بارغۇ؟....لېكىن سەن شۇنچە بەرنا، شۇنچە سۇمباتلىق، ئاجايىپ گۈزەلسەن!...مەن ساڭا قانداقمۇ بويلىشاي؟.....سەن گوياكى ئاسماندىكى چولپانسەن، مەن بولسام يەردىكى شام چىراقمەن!...»دەپتۇ...ھەر ئىككىلا كىيىك يىغلاپتۇ... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
171-بەت. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
توۋا دەيتى ئۇ ئىچىدە: «بىرسى خوتەنلىك، بىرسى قەشقەرلىك، يەنە بىرىسى غۇلجىلىق بولسىمۇ، ئۇلار گويا بىر تۇغقان قېرىنداشلاردىنمۇ چارە ئۆتىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا يالغان، ياسالمىلىق، ساختىلىق ئارىلاشقان ئەمەس، شۇنداق! بۇ ئۈچ دوستنىڭ ھاياتىدىكى ئورتاق ئارزۇ-ئىستەكلەر، غايە-نىشانلىرى، پاك يۈرەكلەرنىڭ ئوخشاش سوقۇشلىرى....ياخشىلىققا، ساخاۋەتكە، ۋاپادارلىققا مايىل ساپ كۆڭۈللىرى ئۇلارنى تەبىئىي ھالدا بىر تەن-بىر جان قىلىپ قوشۇۋەتكەنىدى، دوستلۇقنىڭ، دوست تاللاشنىڭ مىزانى نىمە؟ ئەلۋەتتە، ۋاپا، باراۋەرلىك ۋە سەمىمىيەتتۇر...دوستلۇققا ھۆرمەت ھەر ئىككى تەرەپتىن بولىشى كېرەك. سېنى ھۆرمەت قىلىشقا قىسىنغان، ئەكسىچە ھۆرمىتىنى سەندىن ئايىغان كىشى قانداقمۇ دوست بولالىسۇن! ئۇ مۇتىھەملىكتۇر!
270-بەت.
دىلبىرىم، سەندەك يەنە ئارامى جانىم يوق مىنىڭ،
تال بويۇڭدەك يەنە بىر سەۋرى راۋانىم يوق مىنىڭ....
بولمىغاي ئالەمدە سەندەك ئاب مەسەللىك نازىنىن،
سۆزلىرى قەندەك لەزېز شېرىن زەبانىم يوق مىنىڭ....
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
رەھىم قىلغىل مەن يىتىم بىچارىگە ئەي دىلرابا،
سەندىن ئۆزگە ھېچ قەيەردە مېھرىبانىم يوق مىنىڭ...
ئىز تورى بەك ياخشى
338-بەت.
بىز بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا،
كۆز ياش ئەمەس، شادلىق قۇبۇلسۇن.
مۇھاببەت ۋە ئۇنىڭ تۇيغۇسى،
ئۆمۈر غايەت گۈزەل تۇيۇلسۇن...
ھاياتىڭنى ئويلىما زىنھار،
ئۇ غەملەرگە قىلىدۇ غەرق.
كىملەر ياخشى ۋە كىملەر يامان،
ۋىجدان بىلەن ئەيلىگىن پەرق.
سۆيگۈ سازى، يۈرەك تارىمنى،
ئۆمۈرۋايەت تەرك ئەتمە، چەك.
دوستلىرىڭ ۋە سۆيگىنىڭ بىلەن،
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
خوشاللان ۋە بىللە ئەلەم چەك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بەلكى ئەرتە ئۇلار بىلەن نەق،
ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇچراشماسمىز ئويناپ كۈلگىلى.
بەلكى ئەرتە ئۆلۈپ كىتەرمىز،
بۇ بىۋاپا ئۆمۈر تۈپەيلى.
462-بەت.
سەھەر باغ ئىچىدە ئولتۇرسام، چېچەك پۈركۈپ سابا كەلدى،
كۆڭۈل گۈلشەنىنى يەلپۈپ ئەتىر ھىدى شىپا كەلدى،
ئىز تورى www.iz.la
شۇدەم يۈز ئاچتى يار ۋەسلى، كۆرۈندى لالىدەك ئەتلەس،
ئىز تورى www.iz.la
باھاردەك جىلۋە ناز ئەيلەپ، باھار بويلۇق زىبا كەلدى،
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سىياھ دەيمەنغۇ قاشنى، مىسالى ئوت قاراشنى.
يۈزىدە نۇر، جىلۋە تەبەسسۇمدىن تۇتۇپ گۈل دىلرابا كەلدى،
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
قىيامى تاتلىق، قەددىنى سۈمۈرمەك بىر قەدەھ بىرلە،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گوياكى سۆيگۈ جامىدا تولۇق مېھرى-ۋاپا كەلدى،
قېنى شادىمان، غەنىمەت دەم، شېرىن سۆھبەتكە ئەشيان قۇر،
ۋىسال تاڭغا ئېرىشتىڭ، ئەجەپ پەيزى سابا كەلدى.
464-بەت.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بالىلىقىم
ئۆتتى غەمسىز بالىلىق، دەۋرىم-ئاشۇ دەۋرانىم مىنىڭ،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياندى بىر پەس بەرق ئۇرۇپ ئۆچتى ئۇ گۈلخانىم مىنىڭ.
ئەركە تايدەك شوخ ئىدىم، ئۆركەشلىگەن دەريا ئىدىم،
ئىز تورى www.iz.la
تاڭغا نۇر چاچقان ئىدى كۆكلەردە چولپانىم مىنىڭ.
ئاق ئۈرۈكتەك شوخ چېچەك ئاچقان ئىدىم كۆكلەم چېغى،
ئۆتتى كۆكلەم، ئاق چېچەكتەك تۆكتى گۈلىستانىم مىنىڭ.
يورغا يىللار ھېچ تۇتۇق بەرمەي ئۆتۈپ كەتتى، دەرىخ،
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
قومغا سىڭگەن تامچىدەك ئۆتتى ئاشۇ ئەنىم مىنىڭ.
چۆچەك ئېيتاتتى مېنى ئەللەي ئېتىپ جانىم ئانام،
بەختىيارلىق ئىچرە ئۆتكەن ھەر شەبىستانىم مىنىڭ.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئاھ، ئاشۇ غەمسىز دەرۋىر قايتىپ يەنە كەلسە ئىدى،
ئىز تورى www.iz.la
گۈللىسە بىر پەسكە دەيمەن ئۆمرى بوستانىم مىنىڭ.
كەتتى ئۆمرۈمنىڭ گۈزەل بىر پارچىسى ئەمدى ئۇزاپ،
ۋادەرىخا، قالدى مىسكىن دىلدا ئارمانىم مىنىڭ.
462-بەت.
-ئاھ! ئانا دەريا....ئەزىزىم دەريا...دېدى شادىمان مەخمەلدەك قىرغاقلارغا كۆز تىكىپ....سەن خوتەن دىيارىغا ھاياتلىق، نىجاتلىق، بەرىكەت ئېلىپ كېلىسەن....خەيىر-ساخاۋىتىڭ شۇنچە چەكسىزدۇر، بىراق، مىننەت قىلمايسەن!....خۇددى خوتەن دېھقانلىرىدەك ساددا-ئاقكۆڭۈلسەن!..... سېنىڭ قاشتېشى سۆيگەن سۇلىرىڭ گوياكى ئابى كەۋسەردۇر...ھەر قەترەڭ جان ئاتا قىلغۇچى زەمزەمدۇر!...
483-بەت
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!