«ھايات سىرى»رومانىدىن
ئادەم تۇغۇلىشىدىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە بىر خىل مىجەزلىك بۇلىشى ناتايىن ياكى ئۇنداق بولمايدۇ. ئاخىرغىچە بىر خىل مىجەزلىك بولىدۇ، دېيىش نادانلىق، بىر ئادەمنىڭ بىر خىل مىجەزدىن-قاراشتىن، ئىككىنچى بىر خىل مىجەزگە قاراشقا ئۆزگىرىش ئەمەلىيەت دەللىلىگەن تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ھېچكىم خىلاپلىق قىلالمايدۇ. ئەمما بەزىسىنىڭ سۆگەت چاپسان يوغىنىغاندەك ئۆزگىرىشى تىز بولىدۇ، بەزىسىنىڭ خۇددى قارىغاي يىلسىرى يوغىنىغاندەك ئۆزگىرىش ئاستا بولىدۇ. بۇلار ئەمەلىيىەت جەريانىدا يوق.
(27-بەت)
-ئاھ، ناخشىلار! يالقۇنلۇق ناخشىلار! سىنى قانداق ئادەم ياراتقاندۇ؟ نىمانچە يېقىملىق ئاڭلىندىغانسەن؟.......ئېيتقىنا قېنى، سىنى ياراتقان ئادەم قانداق ئادەملەرنىڭ مۇرادى ھاسىل بولغانمىدۇ؟ سېنىڭ كۈيلەۋاتقىنىڭ يۈرەكنىڭ تەلپۈنىشى، زارىقىشى ئەمەسمۇ؟
(48-بەت)
copyright by www.iz.la
ناخشا ئېيتقۇچى، ساز چالغۇچى ھەممىدىن بۇرۇن ئۆزى ھېسياتلانسا، تەسىرلىنىپ ھاياجانلانسا، شۇ چاغدىلا باشقىلار ئۇنىڭدىن لەززەت،مۇڭ ئېلىپ ھۇزۇرلىنالايدۇ، ھېسياتسىز ئېيتقان ناخشا قاغىجىراپ كەتكەن ھارۋىنىڭ تاراقلىشىدەك، خۇددى قۇلاققا مۇشىت ئۇرۇۋاتقاندەك ئاڭلىنىدۇ.
(204-بەت)
ئارزۇلىغان ئادەمگە ئېرىشىش باشقا نەرسە، ئۇنىڭ مۇھاببىتىگە ئېرىشىش يەنە باشقا بىر نەرسە. مۇھاببەت-تەرىپىگە قىل يەتمەيدىغان بىر خىل قۇدرەتلىك كۈچ، بۇ كۈچ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەنلكەنلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ، مەڭگۈلۈك ھۆرمەت، ئىناقلىق پەيدا قىلىدۇ، يولى كەلسە، بىرسى ئۈچۈن بىرسى ئەزىر جېنىنىمۇ قۇربان قىلىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي مۇھاببەتنىڭ ئاقىۋىتى.
(403-بەت)
بۇ ھايات شۇنداق تەكشىسىز قىسمەتلەرگە بايكى، شۇ تۇرقىدا بەزىلەر تاتلىق ئۇيقۇدا، بەزىلەر ئېغىر قايغۇدا، بەزىلەر يىغلاپ سەكپارە، بەزىلەر كۈلكە بىلەن شادىيانە.......ئادەملەر تۇرمۇشنىڭ ھەم ئاچچىق، ھەم تاتلىق قاينىمىدا ياشايدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
(536-بەت)
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەملەر ھەر جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر بېشىغا دەرت-ئەلەم كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكەن گۈزەل يارلىرىنى، سۆيگۈ-مۇھاببەتلىرىنى گويا بىر چېچەك تۈكۈلگەن مەزگىل ئىچىدىلا ئۇنتۇپ كىتىدۇ. بەزىلەر بېشىغا دەرت-ئەلەم كەلگەنسىرى گۈزەل يارلىرىنى، سۆيگۈ-مۇھاببەتلىرىنى يۈرىكىنىڭ ئەك ئاستىنقى قاتلاملىرىدا ساقلايدۇ، ھەسرەتلىنىپ ئېغىزىغا ئالىدۇ، ئەگەر ئېغىزى گەپكە قالماي قالسا، دىلىدا يارلىنىدۇ.
(556-بەت) ئىز تورى www.iz.la