بىر تەرەپتىن كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىپ ، بىر تەرەپتىن تاماق يېيىشكە ، مەشغۇلات ئۆيىنى ئاشخانا قىلىشقا بولمايدۇ ، بولمىسا ئاسانلا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ياكى ئاشقازان ياللۇغلىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ . كومپيۇتېرنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى كۆپ
بولسا ، مەشغۇلات قىلىپ بولغاندىن كېيىن قولنى پاكىز يۇيۇپ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك
يۈز ۋە قول تېرىلىرىنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ، چۈنكى ، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ يۈزىدە كۆپ مىقداردا تىنىچ زەرەتلەر ساقلىنىپ قالىدۇ بۇ زەرەەتلەر ئېكرانغا چاڭ-توزان ئىز تورى بەك ياخشى
يىغىپ يۈز ۋە قولغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ-دە ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېرىدە قاپارتما پەيدا بولۇش ، رەڭ پىگمېنتى ئۆڭۈش ئەھۋاللىرى پەيدا بولىدۇ .ئېغىرراق بولغاندا تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قلىدۇ.
ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك ئېكران ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقىت ئۇزاق بولغاندا كۆرۈش تور پەردىسىدىكى بىنەپشە رەڭ ماددىسى خورايدۇ ، كۆرۈش بىنەپشە رەڭ ماددىسى ئاساسلىقى ۋىتامىن Aدىن تەشكىل تاپقان بولغاچقا ،كومپيۇتېردا خىزمەت قىلغۇچىلار تۇرۇپ ، يېسىۋىلەك ، پۇرچاق ، دۇفۇ ، چىلان ، ئاپېلسىن ، تۇخۇم ، سۈت ھايۋانات جىگىرى ، ئورۇق گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەدەنگە كېرەكلىك بولغان ۋىتامىن ۋە ئاقسىل تولۇقلىشى كېرەك .ئادەتتە چاي شامىسى تەركىبىدە نۇر چىقىرىدىغان ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىدىغان ماددىلار بولغاچقا كۆپرەك چاي ئىچىپ بېرىشى كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قىياپەتنىڭ توغرىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك مەشغۇلات قىلغاندا ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولۇش كېرەك . ئېكراننىڭ مەركىزى بىلەن مەشغۇلات قىلغۇچىنىڭ كۆرەك قسىمى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولۇشى، شۇنداقلا كۆز بىلەن ئېكراننىڭ ئارىلىقى 40-50 سانتىمېتىر ئەترەپىدا بولۇشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئېگىز-پاكارلىقىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان ئورۇندۇق ئىشلىتىش ، مەشغۇلات جەريانىدا پات-پات كۆزنى يۇمۇپ بىردەم ئارام ئېلىپ ، كۆز ئاجىزلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
خىزمەت مۇھىتىغا دىققەت قىلىش كېرەك مەشغۇلات بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۆيىنىڭ يورۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك . بەك يورۇق ياكى بەك قاراڭغۇ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ .
نۇرنىڭ بىۋاستە ئېكرانغا چۈشۈپ ئارىلاشما نۇر ھاسىل قىلىشتىن ساقلىنىش ، ئۆي ئىچىدىكى چاڭ توزان ۋە ئۇششاق جانلىقلارنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش ، تازىلىغاندا ئەڭ ياخشىسى نەم لاتا ياكى نەم سۈرتكۈچ ئىشلىتىش ، پات-پات ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك
ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك ئادەتتە كومپيۇتېردا بىر سائەت مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن 10مىنۇت ئەتراپىدا ئارام ئېلىش كېرەك ، ئەڭ ياخشىسى مەشغۇلات ئۆيىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قول-پۇتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى لازىم ، نۇرغۇن كىشىلەردە بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇ چاغدا باش قىسىمىنى يەڭگىل ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرسە پايدىسى بولىدۇ